كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى: كەترىن ئاشتوننىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ مۇھىم تېمىسى كىشىلىك ھوقۇق بولۇشى كېرەك
2013.04.24
ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ تاشقى ئىشلار ئالىي كومېسسارى كەترىن ئاشتون چارشەنبە كۈنى خىتاي ۋە موڭغۇلىيدە رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن يولغا چىقتى. كەترىن خانىمنىڭ خىتايغا قاراتقان بۇ رەسمىي زىيارىتى شى جىنپىڭ رەئىس بولغاندىن كېيىن قىلىنغان تۇنجى رەسمىي زىيارەت بولغانلىقتىن ئالاھىدە دىققەت قوزغىماقتا.
بۈگۈن، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بايانات ئېلان قىلىپ كەترىن خانىمنى خىتايدىكى يېڭى رەھبەرلەر بىلەن ئۇچراشقاندا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ تاشقى ئىشلار ئالىي كومېسسارى كەترىن ئاشتون خانىم 25 - ئاپرىلدىن 28 - ئاپرىلغىچە خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ. كەترىن خانىم خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن خىتايغا كېتىۋاتقان بولۇپ، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بۇ نۆۋەت خىتايدا سىياسىي بيۇرۇنىڭ ئەزالىرى ۋە دۆلەت ئىشلىرى كابىنتى ئەزاسى ياڭ جېچى ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال چاڭ ۋەنچۈەن قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشىدىكەن. بۇ نۆۋەتلىك زىيارەت خىتايدا يېڭى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئالماشقاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى زىيارەت. كەترىن خانىم يولغا چىقىشتىن ئاۋۋال مۇخبىرلارغا بەرگەن بايانات بېرىپ «خىتاي تېخى يېڭىلا رەھبەرلىك ئالمىشىشىنى تاماملىدى. بۇ، مۇناسىۋەتلەرنى يېڭىلايدىغان، دۇنيا خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە قانداق ھەمكارلىشىدىغانلىقىمىزنى ۋە مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەڭ توغرا بىر پەيت» دېگەن.
ئىگىلىنىشىچە، كەترىن خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى ئىران، سۈرىيە، شىمالىي كورىيە ۋە ئافغانىستانغا چېتىشلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە بولىدىغان بولۇپ، كەترىن خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا «دۇنيا ھازىر مۇقىملىققا مۇھتاج. بىز ئىككى تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىدە قانداق ھەمكارلىشالايدىغانلىقىمىزنى مۇزاكىرە قىلىمىز» دېگەن.
خىتاي بىلەن ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا - تىجارەت ۋە سىياسىي جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك. كىشىلىك ھوقۇق تېمىسى بۇ ئىككى تەرەپ ئارىسىدا مۇزاكىرىگە قويۇپ كېلىنىۋاتقان مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى. بۈگۈن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى كەترىن خانىمنىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدە مەخسۇس بايانات بېرىپ كەترىن خانىمنىڭ بۇ زىيارەتتىكى مۇھىم تېمىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. بۇ تەشكىلات چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا «ئاشتون خانىم خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسايىن ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرمەسكە سالماسلىقى، ئەكىسچە ئۇنى زىيارىتىنىڭ مەركىزى نۇقتىسى قىلىشى كېرەك» دېدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يەنە كەترىن خانىمنىڭ خىتاينى سۈرىيە مەسىلىسىدە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارار ئېلىشىغا پۇتلىكاشاڭ بولماي، سۈرىيە لىدىرلىرىنىڭ خەلقئارا ئادالەتنىڭ ئالدىغا چىقىشىغا ياردەمدە بولۇش ھەققىدىمۇ ئاگاھلاندۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ياۋرۇپا بىرلىكى ھەر يىلى بىر قېتىم دېگۈدەك خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ھوقۇقلىرىنى قوغداش ھەققىدە خىتايغا چاقىرىق قىلىپ كەلمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ ياۋرۇپا پارلامېنتىغا تونۇشلۇق بولغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى تېخى ئالدىنقى ئايدىلا ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدا بىر قاتار مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغان ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سىياسەت ۋە تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى كاترىن خانىمنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن تولىمۇ تونۇشلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكىدەك ئۇچرىشىشلار نەتىجىسىدە، ياۋروپا پارلامېنتى 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى «ياۋروپا بىرلىكى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە ئائىت قارار» نى ماقۇللاپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تەنقىد قىلغان. 62 ماددىلىق بۇ قاراردا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەر مەسىلىسىگىمۇ ئورۇن ئاجرىتىلغان. قاراردا ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پرىنسىپلىرى بېكىتىلىش بىلەن بىرگە، ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقتا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىش قىلماسلىقى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى تەكىتلەنسە، قارارنىڭ 30 - ماددىسىدا، خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى تەنقىد قىلىنىپ «تىبەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىرىدا دائىمىي تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئۇيغۇرلارنى ۋە تىبەتلىكلەرنى زورلاپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىش، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىپ باستۇرۇش يولى بىلەن ئەمەس، بۇ خەلقلەرنىڭ ئارزۇ - تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش ئارقىلىق بەرپا قىلغىلى بولىدۇ» دېيىلگەن ئىدى.
ئەمما، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا تۇتقان پوزىتسيىسى قاتتىق ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن 30 قېتىمدىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ پايدىسى يوق دېيەرلىك بولغان. مەزكۇر تەشكىلات بۇ ئەھۋالغا سەۋەب بولغان ئامىللارنى كۆرسەتكەندە كاترىن خانىمنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ «كاترىن ئاشتون ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل ئالىي كومىسسارى بولغاندىن بېرى، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانى تېخىمۇ ئاجىزلاپ كەتتى» دېگەن. ئۇلار باياناتى ئاخىرىدا كەترىن خانىمغا چاقىرىق قىلىپ «كەترىن خانىم خىتايغا سىياسىي تۈزۈلمىسىدىكى ئىسلاھاتنى ئالدى بىلەن تۈرمىدىكى ئۆكتىچى يازغۇچى ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىش بىلەن باشلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىشى، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش مەسىلىسىنى سۆھبەتنىڭ يادروسى قىلىشى كېرەك» دېدى. ئەسقەرجان ئەپەندى بولسا ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى ئاشۇرغاندا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
كاترىن ئاشتون خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى بېكىتى موڭغۇلىيە بولۇپ، ئۇ خىتايدىكى زىيارىتىنى ئاياقلاشتۇرغاندىن كېيىن يەنى 28 - ئاپرىلدىن 30 - ئاپرىلغىچە موڭغۇلىيىنىڭ پايتەختى ئۇلانباتۇرغا يېتىپ بېرىپ، موڭغۇلىيە پرېزىدېنتى ساخىياگىن ئەلبەگدورىج ۋە باش مىنىستىر نوروۋىن ئالتانخۇياگ بىلەن ئۇچرىشىدىكەن ھەمدە موڭغۇلىيە بىلەن شېرىكلىك ۋە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالايدىكەن.