يەكەن ئىسيانىغا سەۋەب ۋەقەدە 7 ياشلىق بالا ۋە 72 ياشلىق بوۋايمۇ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن

0:00 / 0:00

يەكەننىڭ ئېلىشقۇ ۋە خاڭدى يېزىلىرىدا 28 - ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن قانلىق ئىسياننىڭ قوزغىلىشىغا تۈرتكە بولغان سەۋەبلەر ھەققىدە ئوخشىمىغان مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا؛ بەزى ئاھالىلەر ئىسياننىڭ قوزغاتقۇچ سەۋەبى سۈپىتىدە خىتاينىڭ رامىزان مەزگىلىدىكى دىنىي چەكلىمىلىرىنى تىلغا ئالسا، يەنە بەزىلەر ئىسياندىن 10 كۈن بۇرۇن يەكەننىڭ بەشكەنت بازىرىدا يۈز بەرگەن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئېتىۋېتىلىش ۋەقەسىنى كۆرسەتمەكتە.

ئاشكارىلىنىشىچە، 18 - ئىيۇل كۈنى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۆي تەكشۈرۈشى داۋامىدا بىر گۇماندارنىڭ ئاتا - ئانىسى، ئايالى ۋە 7 ياشلىق بالىسى بولۇپ، جەمئىي 5 كىشى ئېتىۋېتىلگەن. بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ قىرىۋېتىلگەنلىك ۋەقەسى ھەققىدىكى ئۇچۇر جەمئىيەتتە تارقالغاندىن كېيىن، يەكەننىڭ ئېلىشقۇ ۋە خاڭدى يېزىسىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەر قوزغىلىپ ۋەقەگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. بۇ قوزغىلىشمۇ قانلىق باستۇرۇلۇپ 100دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

تۆۋەندە ئەنە شۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ قىرىۋېتىلىش ۋەقەسى ھەققىدە مەلۇمات ئاڭلايسىلەر. بۇ پروگراممىنى مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىغان.