يەكەن خەلقى بۇ يىللىق روزا ھېيتنى غەزەپ ۋە ۋەھىمە ئىچىدە كۈتۈۋالدى

0:00 / 0:00

مۇسۇلمانلارنىڭ يىلدا بىر كېلىدىغان رامزان ئېيى ئەمدىلا ئاخىرلىشىپ روزا ھېيت بايرىمى كەلگەن بىر پەيتتە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ناھىيە-يەكەن ناھىيىسىدە بىر قاتار قانلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

ھازىرغىچە تەپسىلاتى ۋە ئىچ يۈزى تېخى تەلتۆكۈس ئاشكارا بولمىغان مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن يەكەن ناھىيەسىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن ئېلىشقۇ بازىرىغا تېلېفون قىلدۇق.

بازاردىكى كىشىلەر ئېغىر ۋەھىمە ۋە قورقۇنچقا چۆمگەن بولۇپ، ھېچكىم ۋەقە ھەققىدە ئوچۇق-ئاشكارا گەپ قىلىشقا پېتىنالمىدى.

زىيارىتىمىز جەريانىدا تېلېفون تۇرۇپكىسىدىن ساقچى ئاپتوموبىللىرىنىڭ يۇقىرى ئاۋازدىكى سىگناللىرى، كىشىلەرنىڭ ۋەھىمە ئىچىدىكى پىچىرلاشلىرى ئاڭلىنىپ تۇردى. ساقچىخانا، يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە ھەتتا كەنت سېكرېتارلىرىمۇ ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

تۆۋەندىكى بىرقانچە تېلېفون زىيارىتىمىز يەكەن ناھىيەسىدىكى خەلقنىڭ روزا ھېيت خوشاللىقىدا ئەمەس، بەلكى جان قايغۇسى ۋە چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان ۋەھىمە ئىچىدە قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

1-زىيارەت: يەكەن ناھىيە ئېلىشقۇ بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئايال

«شۇنداق، ھازىر بۇ ۋەقە تىنچىغاندەك تۇرىدۇ، لېكىن كوچىلار ساقچىلار بىلەن بىلەن تولدى. بىز قورقۇپ سىرتقا چىقالمايۋاتىمىز. ئۈلۈشكۈندىن بۇيان ۋەزىيەت قالايمىقان. سىزگە كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىمنى دېيەلمەيمەن. ئىچىمدە بىر قورقۇنچ. باشقا ئادەمدىن سوراپ كۆرۈڭ»

«قانچە ئادەم ئۆلگەنلىكىنى بىلمەيمەن، ئېنىق بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ، خۇداغا شۈكرى، ھەر ھالدا بىز ساق قالدۇق. ساقچىلار داۋاملىق ئادەم تۇتۇۋاتىدۇ. بۇ توقۇنۇشنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىقىنى ۋە جەريانىنى سىزگە دەپ بېرەلمەيمەن، خاپا بولماڭ!»

«ۋەقە ئېلىشقۇ بازىرىنىڭ 15-كەنتىدە يۈز بېرىپتۇ. ئىشقىلىپ شۇ تەرەپتە ھازىرغىچە قالايمىقانچىلىق دەيدۇ. تەپسىلاتنى مەن ئۇقمايمەن، مەندىن سورىماڭ! يولدىشىم ئۆيدە يوق، كەلگەندە تېلېفون قىلىڭ.»

2-زىيارەت: يەكەن ناھىيە ئېلىشقۇ بازىرىدا دۇكان ئاچىدىغان ئۇيغۇر ئايال

«سىز مۇخبىرمۇ؟ كەچۈرۈڭ، مەن سىزگە بۇ ھەقتە سۆزلىيەلمەيمەن. ھازىر گەپ قىلىشمۇ ئەپسىز. ۋەزىيەت ھازىر ۋاقتىنچە تىنچىغاندەك تۇرىدۇ، لېكىن كوچا-كويلار ساقچىلار ۋە قوراللىق ھەربىيلەر بىلەن توشتى. ھازىر دۇكىنىمدىن بىر نەرسە ئالىدىغان خېرىدارنىڭمۇ تايىنى يوق.»

«ھەممىمىز قورقۇنچتا، كۆپ ئادەم ئېتىلىپ ۋە تۇتۇلۇپ كەتتى. تەپسىلىي ئەھۋالىنى بىزدەك پۇقرادىن ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن سوراپ كۆرۈڭ. ئىشقىلىپ، خۇداغا شۈكرى، بىز ساق قالدۇق. قالغان ئەھۋالنى بىلمەيمىز، بىلگەن تەقدىردىمۇ تېلېفوندا سىزگە سۆزلىيەلمەيمىز.»

3-زىيارەت: ئېلىشقۇ بازىرىغا بىرقانچە كىلومېتىر كېلىدىغان بىر كەنتتە ئولتۇرۇشلۇق كىشى

«مېنىڭ ئۆيۈم ئېلىشقۇ بازىرىغا بىرقانچە كىلومېتىرلا كېلىدۇ. بۇ ۋەقەلەر تىنچىغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئەھۋال نورمال ئەمەس. مەن تەپسىلىي ئەھۋالىنى بىلمەيمەن.»

«ۋەقە ئاساسەن ئېلىشقۇ بازىرىنىڭ 15-كەنتى ۋە شۇ تەرەپتىكى كەنتلەردە يۈز بەردى دەپ ئاڭلىدۇق. بىزنىڭ كەنت كادىرلىرى بىزگە ‹تېررورچىلار يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىپتۇ. ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرۇڭلار، ھەممىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ بىخەتەرلىكىڭلارغا پەقەت ئۆزۈڭلارلا مەسئۇل بولالايسىلەر› دېدى. شۇڭا بىز ھېيت بولسىمۇ، لېكىن سىرتلارغا چىقىشقا جۈرئەت قىلالمىدۇق.»

«خاپا بولماڭ، مەن ئاجىز بىر دېھقان، ھېچنېمە دېيەلمەيمەن، بىزگە كەنت كادىرلىرى بۇيرۇق چۈشۈرگەن. سىرتقا چىقماسلىققا، باشقىلارغا ۋەقە ھەققىدە گەپ قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان. مەن راستىنىلا ھېچنېمە دېيەلمەيمەن.»

4-زىيارەت: ئېلىشقۇ بازىرى مەلۇم كەنتنىڭ سېكرېتارى

«شۇنداق ۋەقە ھازىر تىنچىدى، بىزنىڭ كەنتنىڭ ئەھۋالى نورمال، ئالاھىدە ئەھۋال يوق. بۇ ھەقتە مەندىن سورىماڭ، مەن ھېچنېمە دېيەلمەيمەن. بۇ ھەقتە سۆزلەيدىغان ھوقۇقۇم يوق. ھازىر بىز جىددىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتىمىز، تېلېفون قوبۇل قىلالمايمەن. باشقا ۋاقىتتا تېلېفون قىلىڭ.»

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.