ۋال سترىت ژۇرنىلى: «ھۇجۇمچىلار 6 سائەتكە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئاز دېگەندە 5 ئورۇنغا ھۇجۇم قىلدى»

0:00 / 0:00

دۈشەنبە كۈنى سەھەردە يەكەن ناھىيىسىدە زور ۋەقە چىقىپ، ئونلارچە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋەقە يۈز بېرىپ، ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن بۇ ھەقتە ئۇچۇر تارقاتتى. شىنخۇا ئۆز خەۋىرىدە ئۆلگەن ئادەم سانىنى 13 دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقەنىڭ كۆلىمىنىڭ زورلىقىنى، ئۆلگەن، يارىلانغان ئادەم سانىنىڭ خەۋەر قىلىنغاندىنمۇ كۆپ بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلماقتا. ھازىر يەكەن ناھىيىسىدىكى يېزىلارغا تېلېفون ئالاقىسى راۋان ئەمەس بولۇپ، تېلېفونغا چىققان بىر قىسىم ئاھالىلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ ۋەقەدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋەقەدىن كېيىن دەرھال بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى باستۇرۇش سىياسىتىنى دەرھال ئاياقلاشتۇرۇشقا چاقىردى.

بۈگۈن خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى دۈشەنبە كۈنى سەھەردە يەكەندە زور كۆلەملىك ۋەقە بولۇپ، ئون نەچچە كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. شىنخۇا ئۆز خەۋىرىدە، ئېلىشقۇ ۋە خاڭدى يېزىلىرىدا بىر قىسىم پىچاقلىق ھۇجۇمچىلارنىڭ ساقچىخانا ۋە ھۆكۈمەت بىنالىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، 13 نەپەر پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 31 دانە ئاپتوموبىلنىڭ ئۇرۇپ-چېقىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن دائىرىلەر يەكەن ناھىيىسىنىڭ قىسقا ئۇچۇر يوللاش ۋە ئىنتېرنېت تور مۇلازىمىتىنى دەرھال تاقىۋەتكەن. بىز خەۋەرنى ئالغاندىن كېيىن تەرەپ-تەرەپتىن يەكەن ناھىيىسىگە قاراشلىق يېزىلارغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق. يەكەن ناھىيىسىدىكى كۆپ قسىم يېزىلارغا قىلغان تېلېفونىمىز ئۇلانمىدى. ئەمما ناھىيە ئىچىدىن تېلېفونىمىزغا چىققان بىر كىشى بولسا ئۆزى يەكەندە ئىشلەيدىغانلىقىنى، ئەمما ۋەقەدىن خەۋىرىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى. بىراق بۇ كىشىنىڭ گېپىدىن قارىغاندا، ئەسلىدە ھېيت كۈنى ئەتىگەندە مەكتەپ بالىلىرى مەكتەپكە كېلىپ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بىراق دائىرىلەر تۇيۇقسىز ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ سەيشەنبە كۈنى بالىلارنى مەكتەپكە يىغىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەن.

بىز يەنە يەكەن دائىرىسىدىكى نۇرغۇن ئورۇنلارغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ تېلىفون ئۇلانمىدى، ئۇلانغان نومۇردىكى كىشىلەر بولسا ۋەقە ھەققىدە جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى تارتتى. يەكەندىكى ۋەقەنىڭ كۆلىمى ۋە ئۇنىڭ ھەقىقىي جەريانلىرى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر شىنخۇا ئاگېنتلىقىدىن باشقا ھېچقانداق ئۇچۇر مەنبەسى بۇ ھەقتە خەۋەر تارقاتمىدى. دائىرىلەرنىڭ ھازىر يەكەن ناھىيىسىنى قاتتىق قامال ئاستىغا ئالغانلىقى مەلۇم. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئۆزلىرىگە كەلگەن خەۋەرلەردە چىقىمنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنىڭ مەلۇم بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بولسا ۋەقە ھەققىدە دەرھال بايانات بېرىپ، خىتاي تەرەپنى سالماق بولۇپ، ۋەقەدە ھەددىدىن زىيادە كۈچ قوللىنىشتىن ساقلىنىشقا ۋە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىستېمىلىق باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىردى.

يەكەندە يۈز بەرگەن ۋەقە دەرھال خەلقئارادىكى مەتبۇئاتلارنىمۇ ئۆزىگە جەلپ قىلدى. ئامېرىكىدىكى ۋال سترىت ژۇرنىلى بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىدە ئېيتىشىچە، خىتايدىكى بىر تور بەتتە تارقالغان ماتېرىيالدا ۋەقە ھەققىدە «دۈشەنبە كۈنى سەھەردە ھۇجۇمچىلار 6 سائەتكە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئاز دېگەندە 5 ئورۇنغا ھۇجۇم قىلدى، ھۇجۇمچىلار ۋەقە مەيدانىغا ئەۋەتىلگەن 90 كىشىلىك ھەربىي قوشۇنىغىمۇ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى، خىتاي قىسىملىرى ھۇجۇمچىلاردىن 16 نەپىرىنى ئېتىپ تاشلىدى» دەپ يېزىلغان. ۋال سىترىت ژۇرنىلى بۇ خەۋەرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن ئېلىشقۇ يېزا ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلغىنىدا، تېلېفونغا جاۋاب بەرگەن ساقچى يۇقىرىدا ئېيتىلغانلارنىڭ راستلىقىنى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ ۋەقە ھەققىدە باشقا مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ ساقچى يەنە، ھازىر ۋەقە سەۋەبىدىن يەكەن تەۋەسىدە ئىنتېرنېت تورى ۋە قىسقا ئۇچۇر يوللاشنىڭ توختىتىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، يەكەندە ھازىر ۋەزىيەت قاتتىق جىددىي ئىكەن. ۋال سترىت مۇخبىرىنىڭ تېلېفونىغا جاۋاب بەرگەن بىر مېھمانخانا خىزمەتچىسى ئادەتتە ھېيت كۈنى كوچىدا مىغ-مىخ ئادەم بولىدىغانلىقىنى، ئەمما ھازىر كوچىدا بىرمۇ ئادەم يوقلۇقىنى ئېيتقان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا بۈگۈنكى باياناتىدا، خىتاينى، رايوندا مۇقىمسىزلىققا، نارازىلىققا سەۋەب بولۇۋاتقان بېىسم سىياسەتلىرىنى دەرھال ئاياقلاشتۇرۇشقا، خەلقئارا مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ ۋەقەلەر ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىشقا چاقىردى. ئۇلار يەنە، يەكەندىكى ۋەقەنىڭ سالمىقىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، خەلقئارا جامائەتنى ۋەقەگە كۆڭۆل بۆلۈشكە ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

بىز ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى داۋاملىق ئىگىلەشكە تىرىشىمىز.