ئىككى ھەپتىدىن بۇيان خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇر رايونىدا يېڭى پاسپورت تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە پاسپورت بېجىرىش رەسمىيىتىنىڭ ئاددىيلاشقان ۋە تېزلەشكەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا. ئەمما، خەۋەرلەردە يەنە يەتتە خىل ئەھۋالدىكى كىشىلەرگە پاسپورت بېرىلمەيدىغانلىقىمۇ ئاشكارا بايان قىلىنماقتا. بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى ۋە كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي «يېڭى» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان پاسپورت بېجىرىش تۈزۈمىدە ماھىيەتتە بىر يېڭىلىق يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.
بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇساباي پاسپورت قىيىنچىلىقى مەسىلىسىنىڭ يەككە - يېگانە بىر مەسىلە ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي يىلتىزى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي تەرەپنى مەسىلىنى ھەل قىلىشتا شەكىلۋازلىق قىلماسلىققا ۋە مەسىلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلىش ئەمەلىي قەدەم بېسىشقا دەۋەت قىلدى.
پاسپورت قىيىنچىلىق مەسىلىسى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان چوڭ ۋە جىددىي مەسىلىلەردىن بىرى. شۇڭا بۇ تۈزۈم پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، ۋەتەن ئىچى - سىرتىدا دىققەت قوزغىدى. نۆۋەتتە دىققەت قىلىنىۋاتقان نۇقتا شۇ، «پاسپورت بېجىرىشنى ئىسلاھاتى» دەپ ئاتالغان بۇ تۈزۈمدە راستىنىلا بىر يېڭىلىق بارمۇ؟ بولسا ئۇ نېمە؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغىچە پاسپورت بېجىرىشىدە توسالغۇ بولۇپ كەلگەن ئەڭ چوڭ شەرتلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلدىمۇ يوق؟ سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى چەكلىمىلىرى ئىزچىل داۋاملىشىپ ھەتتا ئېشىپ بېرىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىڭ ئەمدىلىكتە پاسپورت مەسىلىسىدە بۇنداق ئۇشتۇمتۇت ئىسلاھاتچى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىكى سەۋەبلەر نېمە؟ بىز بۇ ھەقتە ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇساباينى زىيارەت قىلدۇق.
سوئال: بىرقانچە كۈندىن بېرى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئادەتتىكى پاسپورت بېجىرىش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرغانلىقى ۋە تېزلەشتۈرگەنلىكىنى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلىۋاتىدۇ، سىز بۇ خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىۋاتامسىز؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە دىققەت قىلىۋاتىمەن، چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىشىنىڭ قېيىن بولۇشى ھەتتا مۇمكىنسىزلىكى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان چوڭ ۋە مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بۇ مەسىلە شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىمكى، ئۇيغۇرلار پاسپورت ئالالمىغانلىقتىن ئالدى بىلەن تاشقى سودىدا چەكلىمىگە ئۇچراۋاتىدۇ، ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى بۇ نۇقتىدىنمۇ زەربىگە ئۇچراۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيانى بىلىشى ۋە چۈشىنىشى ۋە دۇنيانىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنى ئەتراپلىق چۈشىنىشى چەكلىمىگە ئۇچراۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى قېرىنداشلىرى بىلەن نورمال ئالاقىلىشىشتەك ئەقەللىي ئىنسانىي ھەققى دەخلى - تەرزگە ئۇچراۋاتىدۇ، پاسپورت چەكلىمىسى سەۋەبىدىن يەنە مىڭلارچە ئۇيغۇر چېگرادىن قېچىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ ۋە بۇ سەۋەبتىن پۈتۈن دۇنياغا مەلۇم پاجىئەلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ.....
سوئال: ئۇنداقتا، خىتاينىڭ پاسپورت بېجىرىشنى ئاددىيلاشتۇرغانلىقىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش نۇقتىسىدىن بېسىلغان بىر ئىجابىي قەدەم دېيىشكە بولامدۇ؟
جاۋاب: ئىجابىي قەدەم دېگىنى بولمايدۇ، پەقەت بىر نۇقتىدىن ئىجابىي يۈزلىنىش دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى بۇ تۈزۈم، بۇ بەلگىلىمىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا يول قويۇلۇپ كېلىۋاتقان پاسپورت چەكلىمىسىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە خەلقئارا جامائەت پىكرىدىن بۈگۈنگە قەدەر بۇ ھەقتە كەلگەن تەنقىدىي پىكىرلەرنى شەكلەن بولسىمۇ قوبۇل قىلىش ۋە مەسىلىنى كۆرۈنۈشتە بولسىمۇ تۈزىتىش پوزىتسىيەسى بار.
سوئال: بۇ يەردە خەلقئارا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تەنقىدىنى شەكلەن قوبۇل قىلىش ۋە كۆرۈنۈشتە ھەل قىلىش پوزىتسىيەسى دېدىڭىز، بۇنداق دېيىشكە ئاساسىڭىز نېمە؟
جاۋاب: چۈنكى خەۋەردە خوتەن ۋىلايىتى بويىچە 2000 كىشى پاسپورتقا ئىلتىماس سۇندى دېيىلگەن، 3مىليون نوپۇسلۇق خوتەنگە نىسبەتەن ئېيتقاندا 2000 يوق ھېسابتىكى بىر سان، بۇنىڭ ئىچىدە قانچىسىنىڭ تەستىقلانغانلىقى تېخى تىلغا ئېلىنمىغان. تېخىمۇ مۇھىمى بۇ ھەقتىكى خىتاينىڭ يەنە بىر خەۋەردە 7 خىل ئەھۋالدا پاسپورت بېرىلمەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ۋە بۇنىڭ ئىچىدە ئالاقىدار ئورگانلار تەرىپىدىن«دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت» دەپ قارالغان كىشىلەرگە پاسپورت بېرىلمەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. دېمەك، بۇنىڭدىن قارىغاندا خىتاينىڭ پاسپورت تۈزۈمىدە ماھىيەت جەھەتتىن ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق. چۈنكى خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغا قەدەر ئۆزلىرى بىلەن ئوخشاش بولمىغان مەيدان ۋە ئوخشاش بولمىغان پىكىردىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ قاراۋاتىدۇ ۋە جازالاۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ تۈزۈمنىڭ ئەمەلىي ئىجرااتتا ئۇيغۇرلارغا نەپ بەرمەيدىغانلىقى، يەنىلا رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقى ئېنىق.
سوئال: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇ نۇقتىدا خىتاي تەرەپكە قارىتا تەكلىپ - تەۋسىيەلىرىڭىز بارمۇ؟
جاۋاب: ئالدى بىلەن خىتاي تەرەپنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىدىكى رېئال ۋە جىددىي بىر مەسىلىنى كۆرگەن، تونۇغان ۋە ئېتىراپ قىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. ئەمما مەسىلىنى تونۇغان ئىكەن ئۇنى شەكلەن ئەمەس، يىلتىزىدىن ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلىمەن. ئەگەر ئۇيغۇرلار پاسپورت چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغان بولسا نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا چېگراسىدا سەرسان بولمىغان بولاتتى، نەچچە ئونلىغان كىشى بۇ سەپەردە ھاياتىدىن ئايرىلمىغان بولاتتى؛ يەنە نەچچە يۈزلىگەن كىشى چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈش «جىنايىتى» بىلەن تۈرمىلەردە مۇددەتلىك - مۇددەتسىز ياتمىغان بولاتتى.
بىز يەنە بۇ ھەقتە ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىلەردىن تۇرسۇنئاي خانىمنىڭ پىكىرلىرىنى سورىدۇق، ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي يېڭى دەپ ئېلان قىلغان ۋە يولغا قويغان بۇ تۈزۈمدە يېڭىلىق يوق، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىكى شەرتىنى ئەمەلدىن قايتۇرمىغىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىشىنىڭ قۇلايلىشىشى مۇمكىن ئەمەس.
0:00 / 0:00