يېڭىباغ يېزىسىدا ئاز دېگەندە 7 كىشىنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.08.31
yepiq-terbiyelesh-lagiri-xerite-shawn-zhang.jpg كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كۆزەتكۈچىسى، جاڭ شاۋن ئىسىملىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئاشكارىلىغان، ئاتۇشتىكى يىغىۋېلىش لاگېرى، دەپ كۆرسەتكەن خەرىتىسى.
Social Media/Shawn Zhang

مۇخبىرىمىزنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەققىدە كېرىيە ناھىيىسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، يېڭىباغ يېزىسىدىن تەربىيەلەشكە ئەكىتىلگەنلەردىن 242 كىشىنىڭ بانكىغا قەرزىگە بارغانلىقى، بۇلاردىن يەتتە نەپىرى لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى ئۈچۈن بانكىنىڭ ئۇلارنىڭ قەرزىنى كۆتۈرۈۋەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

خىتاي دائىرىلىرى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئەھۋالىنى سىر تۇتۇشقا تىرىشقانغا ئوخشاشلا، ھەتتا ئۇنىڭدىن بەكرەك لاگېردىكىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، بولۇپمۇ لاگېردا جان ئۈزگەنلەرنىڭ سانى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىمۇ ئىزچىل ھالدا سىر تۇتۇپ كەلمەكتە. شۇڭا بىز بۇ سىرنى ئېچىش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچىخانىلارغا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا لاگېردىكى ئۆلۈم ھادىسىلىرى ھەققىدە ئىزچىل ھالدا مەلۇمات سورىدۇق.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كېرىيە ناھىيىسىنىڭ يېڭىباغ يېزىلىق ساقچى خادىمى، گەرچە ئۆز يېزىسىدىن مىڭلارچە كىشىنىڭ تەربىيەلەشكە ئەكىتىلگەنلىكىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما لاگېردا جان ئۈزگەنلەردىن پەقەتلا خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.

يېڭىباغ يېزىلىق ئەدلىيە پونكىتى خادىمىمۇ، لاگېردا سالامەتلىكى ناچارلاشقانلارنىڭ داۋالىتىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۆلگەنلەر ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئۇچۇر ئاڭلىمىغانلىقىنى ئېيتتى.

تېلېفونىمىز باغلانغان يېڭىباغ يېزىلىق يېزا ئىگىلىك بانكا قەرز ئامانەت كوپىراتىپ مۇدىرى، تەربىيەلەشتىكىلەرگە بانكا تەرەپنىڭ قانداق ئېتىبار بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، ئۆزى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كوپىراتىپنىڭ بۇ بىر يىل ئىچىدە تەربىيىلەشتە جان ئۈزگەن 7 كىشىنىڭ قەرزىنى كۆتۈرۈۋەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

بايان قىلىنىشىچە، يېڭىباغ يېزىسىدىن تەربىيەلەشكە ئەكىتىلگەنلەردىن 242 نەپىرىنىڭ بانكىغا قەرزى بار بولۇپ، بۇلاردىن 7 نەپىرى لاگېردا جان ئۈزگەن، بانكا بۇلارنىڭ ئۆلۈم ئىسپات خېتى قاتارلىق ماتېرىياللىرىنى ئالاقىدار سۇغۇرتا شىركىتىگە يوللىغان. سۇغۇرتا شىركىتى بۇلاردىن ھازىرغا 4 نەپىرىنىڭ قەرزىنى بانكىغا تۆلەپ بەرگەن. بانكا نۆۋەتتە قالغان 3 نەپىرىنىڭ ئۆلۈم ئىسپات خېتىنى سۇغۇرتا شىركىتىگە يوللاش ئۈچۈن تەييارلىماقتا.

بۇ بانكا ئامانلىق مۇدىرى بۇ تەربىيىلەشتە جان ئۈزگەنلەرنىڭ بۇرۇندىن ئۆزىدە بار بولغان كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما لاگېردا ئۆلگەن بۇ 7 كىشىنىڭ يېشىنىڭ 31 ياش بىلەن 42 ياش ئارىسىدا ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىگە ئاساسەن لاگېرنىڭ سەۋەب بولغانلىق ئېھتىماللىقىنى كۈچلەندۈرمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە يېڭىباغ يېزىسى كېرىيە ناھىيە بازىرىدىن 10 كىلومېتىر ئۇزاقلىققا جايلاشقان، 12 كەنتتىن تەركىب تاپقان، نوپۇسى 10 مىڭغا بارمايدىغان كىچىك يېزىلاردىن بىرى. بۇ يېزىدىن زادى قانچىلىك كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. مانا مۇشۇنداق بىر كىچىك يېزىدىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بانكىغا قەرزى بولغان 242 كىشىدىن 7 نەپىرى لاگېردا جان ئۈزگەن ئىكەن، ئۇنداقتا يېزا ۋە ناھىيە بويىچە، ھەتتا ئاپتونوم رايون بويىچە قانچىلىك كىشىنىڭ لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى لاگېر ھەققىدىكى سىرلىق ۋە ئەندىشىلىنەرلىك مەلۇماتلار قاتارىدا تۇرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.