تەربىيەلەش مەركىزىدىن قۇتۇلۇپ چىققان تۇنجى گۇۋاھچى بىلەن سۆھبەت (1)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدا، چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەنلەر بولسۇن، ياكى رايوننىڭ ئۆزىدىكىلەر بولسۇن بىردەك سوتلىماستىنلا «يېپىق ئۆگىنىش مەركەزلىرى» گە قانۇنسىز يىغىۋېلىنىدىغانلىقىنىنىڭ تىرىك شاھىتى-گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە بۈگۈن ئالمۇتادىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۆمۈربەك ئەلى، ئۆزىنىڭ 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى پىچاندىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدىن خىتاي ساقچى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىپ، ئەدلىيە رەسمىيىتى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا قازاقىستان پۇقرالىق سالاھىيىتى بار تۇرۇقلۇقمۇ، ھېچقانداق سوتمۇ ئېچىلماي، «تېررورلۇققا قۇتراتقۇلۇق قىلغان، تەشكىللىگەن، قانات ئاستىغا ئالغان» دېگەندەك ئۈچ خىل بوھتان ئارتىلىپ، ناھەق تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

دائىرىلەر ئاۋۋال ئۇنى پىچاننىڭ قاماقخانىسىغا قامىغان، كېيىن قاراماي تۈرمىسى، قاراماي يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە يۆتكىگەن، ئۆمۈربەك بۇ جايلاردا توختاۋسىز سوراقلارنى، ئىنتايىن قورقۇنچلۇق قىيىن كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەن، ئائىلىسىنىڭ توختىماي تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، قازاقىستاننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن 8 ئايدىن كېيىن، يەنى 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئەرز قىلماسلىق شەرتلىرى بىلەن قويۇپ بېرىلىپ، قازاقىستانغا قايتىپ كەلگەن.

ئەمما بۇ 8 ئايلىق تۈرمە ۋە تەربىيەلەش مەركىزىدىكى ئاجايىپ قورقۇنچلۇق سەرگۈزەشتلىرى، قانۇنىي ۋە ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقىغا قىلىنغان بۇ تاجاۋۇزچىلىقلارنىڭ ئۇنى سالامەتلىكىدىن ئايرىغان بولۇپ، ئۇ 40 كىلوگرام ئورۇقلاپ، تونۇغۇسىز ھالغا كېلىپ قالغانلىقتىن، چېگرادىن چىقىشىمۇ تەسكە توختىغان.

ئۈچ بالىنىڭ ئاتىسى بولغان ئۆمۈربەكنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ 8 ئاي ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشىدىن كېيىن، خىتاي چېگراسىدىن ھايات چىقىپ ئائىلىسى بىلەن جەم بولغان بولسىمۇ، لېكىن سالامەتلىكىدىن ئايرىلغان، قان بېسىم، بۆرەك زەئىپلىكى، رېماتىزم دېگەندەك بۇرۇن ئۆزىدە ئەسلا كۆرۈلۈپ باقمىغان جىسمانىي ئاغرىقلارنىڭ ئازابىدىن باشقا بۇ قاباھەتنىڭ ئۇنىڭ روھىدا، بالىلىرىدا، ئائىلىسىدە قالدۇرغان يارىسى تېخىمۇ ئېغىر بولغان.

1976-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى پىچان ناھىيەسىدە تۇغۇلغان ئۆمۈربەكنىڭ ئاپىسى ئۇيغۇر، دادا جەمەتى قازاق بولۇپ، قېرىنداشلىرى بىلەن پىچاندا ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان. كېيىن قارامايدا خىزمەت قىلغان. قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن قازاق بوۋىسىنىڭ ۋەسىيىتى بىلەن 2006-يىلى قازاقىستانغا چىقىپ، 2008-يىلى قازاقىستان پۇقراسى بولغان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستانغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن ئاۋۋال تىجارەتچىلىك قىلغان، كېيىن ئۇيغۇر، قازاق، خىتاي ۋە رۇس تىللىرىغا پىششىق بولغانلىقى ئۈچۈن قازاقىستاندىكى بىر ساياھەت شىركىتىگە ساياھەت يېتەكچىسى بولۇپ خىزمەتكە كىرگەن ھەمدە يىللاردىن بۇيان خىزمەت ياكى تۇغقان يوقلاش مۇناسىۋىتى كۆپ قېتىم خىتاي چېگراسىدىن بىمالال كىرىپ چىقىپ يۈرگەن. ئاخىرقى قېتىم، يەنى بۇلتۇر 3-ئايدا، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىگە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بارغان ۋاقتى دەل چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ ئامانلىق كۈچلىرىنى كۆپەيتىپ، قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن، ھەر جايلاردا پۈتۈنلەي يېپىق شەكىلدىكى تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن ۋە شۇنداقلا دەسلەپتە چەتئەللەردىن قايتىپ كەلگەنلەرنى نىشانلىق تەربىيەلەشكە سولاۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن.

ئۇ پىچاندا تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ، قولى كىشەنلەنگەن ھالدا باشتا دوختۇرخانىدا پۈتۈن بەدىنى دوختۇر تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەنلىكى، بىلىكىدىن قان ئېلىنغانلىقى ۋە بارماق ئىزلىرى ئېلىنغانلىقى، پۈتۈنلەي قارا خالتا كىيدۈرۈلگەن ھالدا مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلغان بۇ مەشغۇلاتلارنىڭ ئۆزىدە ھەتتا «بۇلار تىرىك پېتى ئىچكى ئەزالىرىمنى ئېلىۋالىدىكەندە» دېگەندەك ۋەھىمە پەيدا قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ تۈرمىگە ئاپىرىلغاندىن كېيىنمۇ بىر قانچە ئاينى كېچە-كۈندۈز قول-پۇتى زەنجىر بىلەن قوشۇپ كىشەنلەنگەن، ئېڭىشكەن ھالەتتە، تۈگۈلۈپ، ئازاب ئىچىدە قىيىن كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.

ئۆمۈربەكنىڭ قارامايدىكى «تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ لوزۇنكا ئېسىپ قويۇلغان «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزىدە» شاھىت بولۇشىچە، بۇ مەركەزگە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار سولانغاندىن باشقا يەنە قازاق ھەتتا قازاقىستان گىراژدانلىقىغا ئۆتكەن قازاقلارنىڭمۇ پاسپورتى يىغىۋېلىنىپ، سولانماقتا ئىكەن. تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە كىملەرنىڭ مەركەزلىك قامىلىدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا مەجبۇرىي ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنىڭ قانداق شەكىللەردە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن بولغان تۈرلۈك ئالاقىسىگە قارىتا پەيدا قىلغان توسالغۇلار، چەتئەلدىكىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىشىغا دائىر ئۆمۈربەكنىڭ ئۆزى ئۇچرىغان ئەمەلىي ئەھۋاللاردىن ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنى، كېيىنكى سۆھبىتىمىزدە خەۋەردار قىلىمىز.