قازاقىستان پۇقراسى ئۆمۈربەك ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركىزىدە نېمىلەرگە شاھىت بولغانلىقىنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
بۇ يىل 42 ياشلىق ئۆمۈربەك ئېلىنىڭ ئانا جەمەتى ئۇيغۇر، دادا جەمەتى قازاق بولۇپ، ئۇ پىچاندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. قازاقىستان پۇقرالىقىنى ئالغىنىغا 10 يىلدىن ئاشقان ئۆمۈربەك قازاقىستاندىكى مەلۇم ساياھەت شىركىتىنىڭ تۆت تىللىق دىرېكتور دەرىجىلىك خادىمى. ئۇنىڭ يېقىنقى 10 ئاي ئىچىدە بېشىدىن ئۆتكەن كەچمىشلىرى، تۆلىگەن جىسمانىي ۋە روھىي بەدەللىرى ئۇنى يېشىدىن خېلىلا چوڭ كۆرسىتىدىغان ھالغا ئېلىپ كەلگەن.
چۈنكى ئۇ 2017-يىلى 26-مارت پىچاندىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدىن خىتاي ساقچى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىپ، «تېررورلۇققا قۇتراتقۇلۇق قىلغان، تەشكىللىگەن، قانات ئاستىغا ئالغان» دېگەندەك ئۈچ خىل بوھتان بىلەن خىتاي تۈرمىسىدە قورقۇنچلۇق 8 ئاينى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، سىرى تېخى ئېچىلمىغان «تەربىيەلەش مەركىزى» گە سولىنىپ، ئۇ جايدا نۇرغۇن قىيىن كۈنلەرگە دۇچار بولغان.
ئۆمۈربەك ئۆز ئائىلىسى، قازاقىستاندىكى قېرىنداشلىرى كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلا، قازاقىستان ۋە خىتاي ئارىسىدىكى دىپلوماتىيەلىك ئۇچرىشىشلار نەتىجىسىدە خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ، قازاقىستانغا قايتىپ كېلەلىگەن.
ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بىگۇناھ خەلققە قاراتقان زۇلۇملىرىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن، بولۇپمۇ «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» دېگەن سىرلىق لاگېردىن ساق-سالامەت چىقالىغان ۋە بۇ سىرنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان بىردىن-بىر شاھىت.
ئۇ بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزدە «يېپىق تەربىيەلەش مەركەز» لىرى ھەققىدە بەرگەن مۇھىم ئۇچۇرلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
- قارىمايدا «قارىماي شەھەرلىك تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ لوزۇنكا ئېسىپ قويۇلغان «تەربىيەلەش مەركىزى» دىن باشقا جەرەنبۇلاق قاتارلىق جايلاردا يەنە ئاز دېگەندە ئۈچ يەردە مۇشۇنداق يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى بار.
- مەھكۇملار مەركەزگە كىرىشتىن بۇرۇن ئومۇمىي يۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.
- ئۆمۈربەك 20 كۈن تۇرغان تۈرمە شەكلىدىكى بۇ «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئاز دېگەندە مىڭ كىشى سولانغان. بۇلارنىڭ 80 پىرسەنتى ئۇيغۇر، قالغىنى قازاق، باشقا مىللەت يوق.
- مەركەزگە تۈرمە مۇددىتى توشۇپ ئېلىپ كېلىنگەنلەردىن باشقا، قارىماي تەۋەسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن 16 ياشتىن يۇقىرى ھەر ياشتىكى كىشىلەر قامالغان. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، تىجارەتچى، ئادۋوكات، دوختۇر، ھەر ساھەدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان كادىرلار قاتارلىق بىگۇناھ كىشىلەر، ھەتتا ئاغرىقلارمۇ بار. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يەرگە يەنە «ئىككى يۈزلىمىچى» دېگەندەك گۇناھلار ئارتىلىپ، مەجبۇرىي ئېلىپ كېلىنگەنلەرمۇ قامالغان.
- «مەركەز» دە يىگىرمىدىن ئارتۇق كىشى بىر ياتاقتا ياتىدىغان بولۇپ، دەرس ۋە دەرستىن سىرتقى ھەر ۋاقىتلاردا «دۆلەت تىلى» (خىتايچە) ئىشلىتىش شەرت قىلىنغان.
- مەھكۇملارنىڭ ھەپتىدە بىر قېتىم مۇنچىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئۇلار ئاغرىپ قالسا ئۆزىنىڭ پۇلىغا داۋالىنىشقا مەجبۇر.
- «تەربىيەلىنىۋاتقانلار» ھەربىي تۈزۈم بويىچە باشقۇرۇلىدۇ. مەجبۇرىي ئۇخلاش ۋاقتى كەچ سائەت 12دىن ئەتىگەن سائەت 6 گىچە. ئۇلار ئەتىگەن سائەت 7دە بايراق چىقىشقا قاتنىشىدۇ، دۆلەت شېئىرى ئوقۇيدۇ، سائەت 9 دىن باشلاپ قانۇن-سىياسەت، ۋەتەنپەرۋەرلىك دەرسلىرىگە قاتنىشىدۇ، قىزىل ناخشا ئوقۇيدۇ، ئۆگەنگەنلىرىدىن ھەپتىدە بىر قېتىم ئىمتىھان ئېلىنىدۇ.
- مەھكۇملارغا بىر قىزىل ناخشا ئېيتىش، خىتاي كومپارتىيەسىگە، ھۆكۈمىتىگە، شى جىنپىڭغا تەشەككۈر شوئارىنى ئۈنلۈك ئوقۇش شەرتى بىلەن كۈندە 3 ۋاق تاماق بېرىلىدۇ. ئۇلارغا بېرىلىدىغىنى ئەتىگىنى قۇرۇق شوۋىگۈرۈچ، چۈشلۈكى ئاساسەن گۆشسىز گۈرۈچ ئاش، كەچلىكى 2 دانە ھورنان.
- مەھكۇملارغا ئىچ كىيىمدىن باشقا كىيىم تارقىتىپ بېرىلىدۇ. ئۇلار باشقا كېرەكلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى «مەركەز» دىكى دۇكاندىن سېتىۋالىدۇ.
- ھازىرغىچە تەربىيەلەشتىن قويۇپ بېرىلگەنلەر يوق. ئۆمۈربەك تەربىيەلەش مەركىزىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭغا ئېيتىشىچە، دائىرىلەر ئۇقتۇرۇشىدا تەربىيەلەش مۇددىتىنىڭ ئاز دېگەندە بىر يىل بولۇشى شەرت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۆمۈربەك قارامايدىكى «تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ لوزۇنكا ئېسىپ قويۇلغان «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزىدە» دىكى بىردىن بىر قازاقىستان پۇقراسى. ئۇ دائىرىلەرنىڭ مەجبۇرىي ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىگە ئىتائەت قىلمىغان، ھەتتا خىتايچە بىلمەيمەن، دەپ قاتتىق تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئاخىرى بۇ «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» دىكى ئىنتايىن چەكلىك ئەركىنلىكىدىنمۇ مەھرۇم قىلىنىپ، مىرزا قاماق شەكلىدىكى ئايرىم كامىرغىمۇ قامالغان.
ئۇ، بۇ جەرياندا قانداق زۇلۇملارنى چەكتى ۋە نېمىلەرگە شاھىت بولدى؟ ئۇ، ئىچىدە نېمە ئىشلار بولۇۋاتقىنىدىن تاشقى دۇنيا خەۋەرسىز قېلىۋاتقان بۇ قاراڭغۇ جايدىن قانداق قۇتۇلۇپ چىقتى. ئۆمۈربەكنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھالى شۇ دەم قانداق؟ ئەركىنلىككە چىققان ئۆمۈربەكنىڭ ئەمدىكى پىلانى نېمە؟ بۇ ئۇچۇرلار كېيىنكى سۆھبىتىمىزدە بايان قىلىنىدۇ.