«تەربىيەلەش مەركىزى» دىن قۇتۇلۇپ چىققان تۇنجى گۇۋاھچى بىلەن سۆھبەت (3)

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018.01.25
omurbek-eli-yepiq-terbiyelesh-1-305.jpg ئۆمۈربەك ئەلىنىڭ «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» دىن چىققان ۋاقتى. 2017-يىلى نويابىر، ئالمۇتا.
Ömürbek Eli özi teminligen

ئۆمۈربەگ ئەلى قارامايدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئۆزىنىڭ چەتئەللىك، يەنى قازاقىستان پۇقراسى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دائىرىلەرنىڭ بۇ جايدىكى پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەجبۇرىي ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ۋە ھەربىي مەشىقلىرىنى رەت قىلغان. «مەركەز» دىكى ساقچى كادىرلار ئۇنىڭ بۇ قارشىلىقى ئۈچۈن، ئۇنى 4 كۈنچە دەرس ۋاقتىدا سائەتلەپ ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويۇش ئارقىلىق جازالىغان. ئۆمۈربەگدە ئۆزگىرىش بولمىغاندىن كېيىن، ئۇ ھاقارەت ۋە زورلۇق-زومبۇلۇققا ئۇچرىغان.

ئۆمۈربەگنىڭ ئېيتىشىچە، «تەربىيەلەش مەركىزى» دىكى قاتتىق تۈزۈمدە باشقىلارنىڭ بۇ جايدىكى ئادالەتسىزلىكلەرگە، دەپسەندىچىلىككە سۈكۈتتە تۇرماي ۋە كۆنمەي ئامالى يوقكەن. قارشىلىق قىلىشقا تېخىمۇ ئىمكانسىز ئىكەن. ئەمما ئۇنىڭ قازاقىستان پۇقراسى بولغانلىقىدەك ئالاھىدە سالاھىيىتى بولغىنى ئۈچۈنلا ئۇ «مەركەز» ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشىلىق كۆرسىتىشكە تەۋەككۈل قىلالىغان ئىكەن. ھالبۇكى ئۇ ئاخىرىدا كالتەك-توقماقلىق 4 ساقچى تەرىپىدىن قوللىرى باشقىدىن كىشەنلىنىپ ئايرىمخانىغا قامالغان، پۈتۈنلەي يېپىق، دېرىزىسىز ئايرىمخانىدا داق يەردە ئون نەچچە كۈننى ئۆتكۈزگەن.

ئۆمۈربەگ «تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئېلىپ كېلىنىپ 19-كۈنىگە قەدەر، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە خەۋەرلەندۈرۈش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغان. ئۇ، تالادا 15 مىنۇت ھاۋالىنىش ئەركىنلىكىدىنمۇ مەھرۇم قىلىنغىنىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن مەھبۇستەك سولانغان يالغۇز كامېردا ئاۋازىنىڭ بارىچە ۋارقىرىغان. «مەركەز» نىڭ ساقچى باشلىقى بۇ سەۋەبلىك ئۇنى بىر سوتكا ئاچ قويغان.

بۇ خىل روھىي ۋە جىسمانىي زۇلۇملاردىن ھالسىراپ، ئۆمۈربەگنىڭ قان بېسىمى ئۆرلەپ كەتكەنلىكتىن، دائىرىلەر ئۇنى ئايرىم قاماقتىن يەنە ئىلگىرىكى ئوپچە ياتىقىغا ئېلىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان. شۇ چاغدىلا ئۇ ياتاقداشلىرىنىڭ ئۆز تاماقلىرىدىن ئۇنىڭغا قىسىنىپ يىغىپ ساقچىدىن كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ساقچىنىڭ شۇ تاماقنى ئۆمۈربەگكە بەرمەي، تۆكۈۋەتكەنلىكىنى بىلگەن.

گەرچە ئۆمۈربەگ «تەربىيەلەش مەركىزى» دە دائىرىلەرنىڭ مۇشۇنداق خورلۇقلىرى ۋە زۇلۇملىرىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇ جايدا ئۆزىگە ئوخشاش بىگۇناھ ھالدا مەجبۇرىي سولانغان كىشىلەردىكى ئىنسانىي مۇھەببەت، پىداكارلىق ۋە قېرىنداشلىق مېھىر-شەپقەتنى ھېس قىلغان.

مىڭلىغان بىگۇناھ ئىنسانلارغا مەجبۇرىي ۋە مەنتىقسىز ھالدا «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى» ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ قاراڭغۇ جايدىن ئومۈربەگنىڭ 20 كۈن بولغاندا قۇتۇلۇپ چىقىشىنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزە. ئۆمۈربەگ «تەربىيەلەش مەركىزى» دىن قۇتۇلغىنىدا «خىتاي دائىرىلىرى ئۈستىدىن چوقۇم ئەرز قىلىپ، تارتقان بەدەللىرىمنىڭ ئادالىتىنى تەلەپ قىلىمەن» دېگەن تولۇپ تاشقان قىساسكارلىق روھى بىلەن چىققان. ھالبۇكى، ئۇ گۆرۈگە ئېلىنغان ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۈن-تۈنسىز قازاقىستانغا قايتىپ كەلگەن.

ئۆمۈربەگ ئۆز ئائىلىسى ۋە قازاقىستاندىكى قېرىنداشلىرىنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى تۈرتكىسىدە شۇنداقلا قازاقىستان-خىتاي ئارىسىدىكى دىپلوماتىيەلىك ئۇچرىشىشلار نەتىجىسىدە خىتاينىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ قازاقىستانغا قايتىپ كېلەلىگەن. ئۆمۈربەگ ئەلى بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ پۇت قولىغا كىشەن سېلىپ مەجبۇرىي تۈرمىگە قامالغاندىمۇ، ئايلارچە تۈرمىدە يېتىپ تالاي قېتىم تەھدىت، قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغان چاغلىرىدىمۇ ھېچ بىر زامان يىغلاپ باقمىغان. ئەمما ئۇ قېرىنداشلىرىنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش تەقدىرگە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىدە ئىختىيارسىز كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىغان. . .

بىز سۆھبىتىمىزنى بۈگۈن مۇشۇ يەردە توختىتىشنى توغرا تاپتۇق. ئۆمۈربەگنىڭ سالامەتلىكى ئاستا-تاستا ئەسلىگە كەلمەكتە، يۈرەك يارىلىرىمۇ ساقايماقتا. ئەمما ئۇنىڭ ئەمدى «ئادالەت ئۈچۈن جېنى پىدا». ئۇنداقتا، ئەركىنلىككە چىققان ئۆمۈربەگ كېيىنكى قەدەمدە ئۆزىنىڭ ھەق ھوقۇقى، قېرىنداشلىرىنىڭ تەقدىرى شۇنداقلا ئادالەت ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشنى ئويلاۋاتىدۇ؟ بۇنى كېيىنكى سۆھبىتىمىزدە ئۆمۈربەگنىڭ بايانلىرىدىن بىلگەيسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.