تەربىيىلەش مەركىزىدىن قۇتۇلۇپ چىققان تۇنجى گۇۋاھچى بىلەن سۆھبەت (4)

0:00 / 0:00

قازاقىستان پۇقراسى ئۆمۈربەك ئېلى، بۇلتۇر مارتتا ئۈرۈمچىدە قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈرمە ۋە يېپىق تەربىيىلەش مەركىزىدە 8 ئايدىن ئارتۇق ئېغىر كۈنلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. يېقىنلىرىنىڭ قازاقىستان دىپلوماتىيە تارماقلىرىغا ئەرز قىلىشى نەتىجىسىدە، ئۇ بۇلتۇر 11 ئاينىڭ ئاخىرى يېرىم جان ھالەتتە قويۇپ بېرىلىپ، قازاقىستانغا قايتۇرۇلىدۇ. ھالبۇكى ئۇ بۇرۇنقى ئۇ ئەمەس. چۈنكى ئۇ ئۇچرىغان ئادالەتسىزلىك، خورلۇق، قىيىن قىستاقلار ئۇنىڭ جىسمىنى ئېغىر خوراتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى روھىي جەھەتتىن، تاۋلاپ چىققان. ئومۈربەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادالەتسىزلىكلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تەييار ئىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى گويا قەپەستىن قۇتۇلۇپ چىققان بۈركۈتكە ئوخشاتتى. مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەربىيىلەش مەركىزىدىن قۇتۇلۇپ چىققان تۇنجى گۇۋاھچى، ئۆمۈربەك بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ-4 قىسمىنى ئاڭلىتىدۇ.


ئۆمۈربەكنىڭ ئېيتىشىچە، ناھەق تۇتۇلۇپ ئايلارچە خىتاي تۈرمىسىدە ۋە تەربىيىلەش مەركەزلىرىدە تارتقان ھەقسىزلىكلەر يەتمىگەندەك، ئۇنىڭ قازاقىستان گراژدانى سۈپىتى بىلەن قازاقىستانغا قايتىشىمۇ ئاسانغا توختىمىغان. قورغاس چېگراسىدىكى تاموژنا دائىرىلىرى ئۇنى 6 سائەت توختىتىپ تەھدىت ئىشلىتىپ قايتا سوراق قىلغاندىن كېيىن چىقىپ كېتىشكە رۇخسەت قىلغان. ئۇ شۇ چاغدىكى ئويلىغانلىرى، ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئەسلەپ، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىنى چوڭقۇر سۆيسىمۇ ئەمما، قازاقىستان گراژدانلىقىنى ئالغان 12 يىلدىن بۇيان، تۇنجى قېتىم ئانا يۇرتىنىڭ بىر دوزاخقا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

ئۆمۈربەك قازاقىستاندىكى ئۆز ئائىلىسىگە قايتىپ كېلىپ كۆرگىنى ئاتىسىز بالىلارنىڭ سەرسانلىقى، روھسىزلىقى ئىدى، ئۇ ئۆيىگە كېلىپلا، بارلىق غەم-غۇسسىلىرى ھەتتا ئاغرىق ئازابلىرىنىمۇ قايرىپ قويۇپ، بالىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ يوقلۇقى قالدۇرغان قەلب يارىلىرىنى ساقايتىشقا، پۈتۈن مېھرىنى ئائىلىسىگە، بالىلىرىغا بېرىشكە تىرىشقان. ئەمما ئۇنىڭ ئاجىزلىغان جىسمى، بىر ھەپتىگىچە ئاران بەرداشلىق بەرگەن.

ئۇ ئۆيگە قايتىپ كېلىپ دەل بىر ھەپتە بولغاندا 2017 يىلى، 11-دېكابىر كۈنى تۇيۇقسىز ھوشىدىن كەتكەن. ئالمۇتادىكى دوختۇرخانا جىددىي كېسەللەر بۆلۈمىگە قۇتقۇزۇشقا ئاپىرىلغان ئۆمۈربەك ئۇنىڭ ئېغىر بۇرۇن ياللۇغى سەۋەبىدىن بۇرۇن، ئېغىز ۋە ئالدى مېڭىسىگىچە يىرىڭلىغانلىقى سەۋەبلىك «مېڭىگە ئوكسىگېن يەتمىگەن» دەپ دىئاگنوز قويۇلۇپ دەرھال ئوپېراتسىيە قىلىنغان. ئۆمۈربەكنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ قارىمايدىكى تۈرمە ۋە تەربىيىلەش مەركىزىدە تۇرۇۋاتقان ۋاقتىدىمۇ، بېشى قاتتىق ئاغرىغانلىقتىن بىر قانچە قېتىم ھوشىدىن كەتكەن، تۈرمىدىكى خادىملار ئۇنىڭغا كۈچلۈك ئاغرىق توختىتىش دورىسى بېرىپلا، دوختۇرغا ئاپارمىغان، داۋالاتمىغان. تۈرمىدە ئۇزۇن مەزگىل ئوزۇق يېتىشمەسلىك، سوغۇق ھاۋا، كېچە-كۈندۈز كىشەنلىك ھايات، ۋاقتىدا داۋالىماسلىق، ئېغىر روھىي بېسىم قاتارلىقلار، ئۇنىڭ بۇرۇن ياللۇغىنى جان ئالىدىغان خەتەرلىك دەرىجىسىگە ئاپارغان ئىكەن.

ئېغىر بۇرۇن ياللۇغى سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلغىلى ئازلا قالغان ئۆمۈربەكنى قۇتقۇزۇۋالغان، ئۇنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن يېڭىدىن قۇتۇلۇپ چىققانلىقىدىن خەۋەرسىز دوختۇرنىڭ «ساڭا ھاياتلىق كېرەك ئەمەسمۇ، يىرىڭ مېڭىگە ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، پالەچ بولاتتىڭ، ھەتتا ھاياتىڭغا خەۋپ يەتكەن بولاتتى» دېگەن بايانلىرىنى ئەسلىگەندە، ئۆمۈربەك خىتايدىكى ئۆزى ئۇچرىغان ئادالەتسىزلىكى سەۋەبلىك شۇنچە رىيازەت چەككەن بولسىمۇ، بىراق ئىختىيارسىز «يەنىلا يەيدىغان رىسقىم بار ئىكەن، ئاللا مېنى ساقلاپتۇ» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ ئاتالغان سىرلىق لاگېرىدىن ساق-سالامەت چىقالىغان بۇ شاھىت، ئۆزىنىڭ ئاشۇ قورقۇنچلۇق كۈنلىرىنىڭ جىسمانىي جەھەتتە ئۇنى بۇرۇن ياللۇغى، ئېغىر دەرىجىدىكى رېماتىزم ۋە بۆرەك ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار قىلىپ ھازىرغىچە زور بەدەللەر تۆلەۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۆزىنىڭ ئاشۇ ئېغىر تۈرمە ھاياتى ئارقىلىق ئەركىنلىكنىڭ قەدرىگە تېخىمۇ يەتكەنلىكى، ئەڭ مۇھىمى ھەق ۋە ئادالەتنى ياقىلاش ئىرادىسىنىڭ تاۋلاپ چىقىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزىنى ھازىر «مەن گويا قەپەستىن چىققان بۈركۈت» دەيدۇ.

قازاقىستان دائىرىلىرى ئۆمۈربەك قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، جىسمانىي سالامەتلىكى، قەلب يارىلىرى ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىۋاتقان ئومۈربەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادالەتسىزلىكلىرىنى قازاقىستان دائىرىلىرى، قازاقىستان ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ھەمدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاڭلىتىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.