شاھىت ئۆمۈربەك: «‹تەربىيەلەش مەركەزلىرى› دىكى ھاجەتخانا قىسلىقى تۇتقۇنلارنى كېسەل قىلماقتا»
2018.02.15

چېن چۇەنگونىڭ «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى كېڭەيتىپ قۇرۇش پىلانى بويىچە، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەر ۋە بەزى ئىدارە-ئورگانلارنىڭمۇ جىددىي ئۆزگەرتىلىپ، «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە ئايلاندۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولماقتا. بۇ ئورۇنلارنىڭ بەزىلىرىدە بىر قانچە يۈز، بەزىلىرىدە ھەتتا بىرقانچە مىڭلاپ ئىنسانلارنىڭ سولىنىپ، پۈتۈنلەي تۈرمە تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەر خىل ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن، بولۇپمۇ بىر قىسىم شاھىتلارنىڭ بايانلىرىدىن ئاشكارا بولماقتا.
ھالبۇكى، مىڭلىغان ئىنسانلار سولانغان بۇ جايلارنىڭ تازىلىق ۋە ئاساسىي تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ قانداقلىقى، ئىچىدىكى شارائىتىنىڭ شۇنچە كۆپ كىشىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىنى قامداش-قامدىيالماسلىقى، بۇ يەرگە سولانغانلارنىڭ قانداق قىسمەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقانلىقى شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى مۇھاجىرەتتىكى تېببىي خادىملارنىڭ قاتتىق ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا.
يېقىندا رادىيومىزغا كەلگەن بىر ئۇچۇردا: «‹تەربىيەلەش مەركەزلىرى› دىن دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ كېلىنىۋاتقانلار ئىچىدە بۆرەك كېسەللىكلىرى ۋە سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىشتىن كېلىپ چىققان كېسەللەر پەۋقۇلئاددە كۆپ ئىكەن» دېيىلگەن. بۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزگۈچى ئۆزىنىڭ بۇنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر دوختۇرنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
بىز بۇ ئۇچۇرنى دەلىللەش ئۈچۈن بىر قانچە كۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى دوختۇرخانا ۋە «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» بىلەن ئالاقىلىشىشكە تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن تېلېفون ئۇلانمىدى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى دائىرىلەردىن بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئېلىش مۇمكىن بولمىغاچقا، بىز «تەربىيەلەش مەركىزى» دىن قۇتۇلۇپ چىققان بىردىن-بىر شاھىت، ھازىر قازاقىستاندا داۋالىنىۋاتقان ئۆمۈربەككە مۇراجىئەت قىلدۇق.
ئۇ ئۆزىنىڭ ۋە «تەربىيەلەش مەركىزى» دىكى باشقا تۇتقۇنلارنىڭمۇ بۆرەك زەئىپلىشىش ۋە سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى، بۇنىڭ تۈرمە ۋە «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە كۆرۈلىدىغان ئومۇميۈزلۈك كېسەللىكلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىر بۆرەك زەئىپلىشىش، گېموروي قاتارلىق كېسەللىرى سەۋەبلىك داۋالىنىۋاتقانلىقىنى، ئىلگىرى ئۆزىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ كېسەللەرگە «تەربىيەلەش مەركىزى» دىكى ئۇزۇن مۇددەت سوغۇق جايدا يېتىش، ئوزۇقلۇقى تۆۋەن، سوغۇق تاماقلارنى يېيىش ۋە چىدىغۇسىز روھىي بېسىم قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە ئەڭ مۇھىم ئامىلنىڭ ھاجەتخانا قىسلىقى سەۋەبلىك ۋاقتىدا چوڭ-كىچىك تەرەت قىلالماسلىقنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۆمۈربەكنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇ ئۆزى ياتقان قارامايدىكى بىر «تەربىيەلەش مەركىزى» دە 8 دىن 10 غىچە ھاجەتخانىنى 260-300 گىچە ئادەم ئىشلىتىشكە مەجبۇر ئىكەن. ئۇ يەردە سولانغانلار 4 سائەتتىن 6 كېچە بولغان ئارىلىقتا ئاران بىر قېتىم تەرەت قىلىش ئىجازىتى ئالالايدىكەن. ئەڭ رەھىمسىز تەرىپى شۇكى، «تەربىيە» لىنىۋاتقانلار تەرىتى قىستىغاندا خالىغانچە تەرەت قىلىشقا يول قويۇلمايدىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ خىل چەكلىمە سەۋەبلىك سالامەتلىكى ئوخشىمىغان كىشىلەردە ئوخشىمىغان كېسەللەر پەيدا بولغان. بۆرەك زەئىپلىشىش ياللۇغلىنىش ۋە ھەتتا ئاجراتما يوللىرى ياللۇغلىنىشقا ئوخشاش كېسەللەر داۋاملىق كۆرۈلۈپ تۇرىدىكەن.
ئومۈربەكنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ھازىر قازاقىستاندا ئۆزى داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدىكى دوختۇرلارمۇ ئۇنىڭ بۇ كېسىلىنى ئۇزۇن مەزگىل ۋاقتىدا چوڭ-كىچىك تارەت قىلالماسلىقتىن كېلىپ چىققان، دەپ قارىماقتىكەن.
ئۇنداقتا، ئىنسانلارنىڭ ۋاقتىدا تەرەت قىلالماسلىقى ئۇلارنىڭ تەن سالامەتلىكىگە قانداق تەسىرلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن؟ «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىن دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ كېلىنىۋاتقانلار ئىچىدە بۆرەك ۋە سۈيدۈك يولىدا ئېغىر مەسىلىلەر كۆرۈلگەن كېسەللەرنىڭ كۆپ بولۇشىنى بۇ جايدىكى ھاجەتخانا قىسلىقى ۋە ئۇنى ئىشلىتىشكە قويۇلغان چەكلىمىلەر بىلەن باغلاشقا بولامدۇ؟ بۇ سوئاللىرىمىزغا ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي پەنلەر تەتقىقاتچىسى، دوكتور مەمتىمىن ئەپەندى جاۋاب بەردى.
دوكتور مەمتىمىن ئەپەندىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئىنسانلارنىڭ نورمال ھاياتى ئۈچۈن ئوزۇقلىنىش ۋە ماددا ئالماشتۇرۇشى نورمال بولۇشى شەرت ئىكەن. ساغلام بىر ئىنسان كۈندە 4 سائەتتىن 6 سائەتكىچە ئارىلىقتا چوقۇم بىر قېتىم كىچىك تەرەت قىلىشقا، 24 سائەتتە بىر قېتىم چوڭ تەرەت قىلىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەن. ئەگەر تاھارەت نورمال بولمىغاندا سالامەتلىككە تەسىر يېتىدىكەن. بولۇپمۇ ئۇزۇن مەزگىل خالىغاندا تەرەت قىلالماسلىق بۆرەك ۋە سۈيدۈك يولى ھەمدە ئاجرىتىش سىستېمىسىدىكى ئەزالارنىڭ خىزمىتىنى دەخلىگە ئۇچرىتىدىكەن. بۇ خىل ئەھۋال ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقاندا ۋە ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىشى، ھەتتا ئىنساننىڭ ھاياتىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىشى تامامەن مۇمكىن ئىكەن.
مەمتىمىن ئەپەندى يەنە «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى تەسىس قىلىشنىڭ ئۆزىلا ئىنسانلىققا خىلاپ بىر مەسىلە بولغاندىن سىرت، كىشىلەرنىڭ خالىغاندا تەرەت قىلىشىنىڭمۇ چەكلىنىشىنى ئەمەلىيەتتە ئىنسانلارنى خورلاش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە مۇشۇنداق كىچىك، ئەمما ئىنچىكە نۇقتىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ھەر خىل جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى دۇنياغا پاش قىلىشتا مۇھىم پاكىتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.