ئۇيغۇرلاردىكى «ئەرنىڭ كۆركى ساقال» دېگەندەك تەمسىلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن ساقال-بۇرۇتلارغا ئەھمىيەت بېرىش ئەنئەنىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. ئەمما يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ساقال-بۇرۇتىنى ئۆستۈرۈپ يۈرۈشىدىن ئىبارەت ئادەتلىرىمۇ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ «تېررورىزم» غا قارشى تۇرۇش ۋە «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» نى باھانە قىلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىدە دىنىي رادىكاللىقنىڭ ئىسپاتى دەپ قارىلىپ، ئەرلەرنىڭ ساقاللىرى زورلۇق بىلەن چۈشۈرۈلمەكتە ۋە قارشى چىققانلار جازالانماقتا، ھەتتا تۈرمىلەرگە تاشلانماقتا.
بۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى يىل ئىلگىرى قەشقەر شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتنىڭ 38 ياشلىق مەمتىمىنگە ساقال قويغانلىقى ئۈچۈن 6 يىللىق، ئۇنىڭ ئايالىغا جىلباپ كىيگەنلىكى ئۈچۈن 2 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەنلىكىدەك خەلقئارادىكى چوڭ -كىچىك تاراتقۇلاردا بەلگىلىك غۇلغۇلا قوزغىغان خەۋەرنى مىسال ئېلىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا غەيرىي رەسمىي ھالدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي يوسۇندا كىيىنىشىنى چەكلەش ۋاسىتىلىرىنى بۇ يىلدىن باشلاپ «ئاممىۋى سورۇنلاردا نىقاب شەكلىدىكى كىيىملەرنى كىيىشنى چەكلەش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى» ئارقىلىق رەسمىي قانۇنلاشتۇرغان ئىدى. بەلگىلىمىدە، جىلباب كىيگەن، ھىجابلانغان، ياش تۇرۇپ قويۇق ساقال قويغانلار قاتارلىق «5 خىل كىشىلەر» نىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا يۈرۈشى چەكلىنىدىغانلىقى ھەم ئۇلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىلا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ خىل بەلگىلىمە ۋە قانۇنلىرى ئارقىلىق نۆۋەتتە ئۆز چەكلىمىلىرىنى ئۇيغۇر ئەركەكلەرنىڭ ساقال قويۇش ئادەتلىرىگە قەدەر داۋاملىق كېڭەيمەكتە. ھالبۇكى ئەرلەرنىڭ چاچ-ساقىلىنى داۋاملىق ئالمىغاندا ئۆسۈشى تەبىئىي، ئۇنى ياسىتىپ تۇرۇشقا ئېھتىياجلىق. ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەز» لىرى ھەققىدە مەلۇم بولغان ئۇچۇرلار، پاش بولغان سۈرەت ۋە باشقا مەلۇماتلاردىن، دائىرىلەرنىڭ تەربىيەلەشكە ئېلىپ كېلىنگەن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈۋېلىشى ۋە ياكى ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، تىرناق ئالغۇچ، ساقال ئالغۇچ قاتارلىق ھەر قانداق تىغلىق ئەسۋابلارنى چەكلىگەنلىكى مەلۇم.
ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ سەۋەبتىن «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىكى ئەرلەرنىڭ ساقال-بۇرۇتلىرى ئۆسۈپ كېتىش ۋە ئۇلارنىڭ ۋاقتىدا ئۆز ساقال-بۇرۇتلىرىنى ئېلىش ئىمكانىيىتى بولماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن.
ئۇنداقتا نەچچە مىڭلاپ ئۇيغۇرلار سولانغان «يېپىق تەربىيەلەش مەركەز» لىرىدە چاچ ساقال مەسىلىسى قانداق ھەل قىلىنىدۇ؟
بىز قىزىقىش ئىچىدىكى بۇ سوئاللىرىمىزنى 8 ئايلىق تۈرمە ۋە «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىكى قورقۇنچلۇق ھاياتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ چىققان، بىزنى «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» ھەققىدە قىممەتلىك ئىسپاتلار بىلەن تەمىن ئېتىۋاتقان شاھىت ئۆمۈربەك ئەلىدىن سورىدۇق.
ئۆمۈربەكنىڭ ئېيتىشىچە، «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىكى ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقىنىڭ بىرى، دەل ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇق ساقال-بۇرۇتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى بولماقتا.
ئەسلىدىنلا ئۇيغۇرلارنىڭ ساقال-بۇرۇتى قورقۇنچلۇق بىلىنىدىغان خىتاي خادىملىرى، تۇتقۇندىكى بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ ساقاللىرى ئۆسۈپ كەتكەن ھامان جىددىيلىشىپ ساراسىمىگە چۈشۈۋاتقىنى بىلىنىپ تۇرىدىكەن. «تەربىيەلەش مەركىزى» دىكى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغان بىگۇناھ تۇتقۇنلار ئۈچۈن خىتاي ساقچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۆسۈپ كەتكەن ساقاللىرىدىن قورققان ھالىتىنى كۆرۈشمۇ ھۇزۇرلۇق تاماشا بولغان.
ئۆمۈربەكنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، «تەربىيەلەش مەركىزى» دىكىلەر ئاساسەن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر بولۇپ، ھەممىسى چاچ ساقاللىق ئەرلەر بولغاچقا، دەسلەپتە «تەربىيەلەش» كە كىرگەندە بىردەك چاچ ساقاللىرى ئېلىنىدىغان بولسىمۇ، ساقال بۇرۇتنى ئالىدىغان ھېچقانداق ئەسۋاب بولمىغانلىقتىن بىر ھەپتىگە قالماي ھەممىسىنىڭ ساقال بۇرۇتلىرى قويۇق ئۆسۈپ سۈرلۈك قىياپەتكە كىرىپ قالىدىكەن.
ئۆمۈربەك ئۆزى، قارىمايدىكى تەربىيەلەش مەركىزىدە يىگىرمە نەچچە كۈن جەريانىدا، دائىرىلەر ئۇلارنى جەمئىي 2 قېتىم چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، 30 دىن ئارتۇق ئادەم سولىنىدىغان ھەر بىر كامېرغا بىر قېتىمدا بىر تالدىنلا چاچ چۈشۈرۈش ماشىنىسى بېرىلىپ، چاچنىمۇ، ساقالنىمۇ شۇنىڭدا ئېلىش بۇيرۇلغان. ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا كۈنىدە، قېرى-ياش بولۇپ ئوتتۇز نەچچە ئادەم بىر ماشىنىنى ئىشلىتىش جەريانىدا بەزىدە يارىلىرى كېسىلىپ قان چىققانلارمۇ بولغان، ئەمما بۇ چاچ ئېلىش ماشىنىسى مىكروبسىزلاندۇرۇلمايلا داۋاملىق ئورتاق ئىشلىتىلىۋەرگەن.
ھەر قېتىملىق چاچ-ساقال ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۈندە، چۈشۈرۈلگەن چاچ-ساقاللارنىڭ كۆپلۈكىدىن، بۇلار چوڭ قارا خالتىلارغا سېلىنىپ ئەخلەت بىلەن تەڭ بىر تەرەپ قىلىنغان.
ئۆمۈربەكنىڭ قىياسىچە، «تەربىيەلەش مەركەز» لىرىدە تۈرلۈك تېرە ۋە باشقا كېسەللىكلەرنىڭ بىر-بىرىگە يۇقۇشىدا، ئەنە شۇ چاچ-ساقال ئالىدىغان توكلۇق ئەسۋابىنى ئورتاق ئىشلىتىشمۇ بەلگىلىك رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن.
0:00 / 0:00