ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى باش ماقالىسىدە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى

0:00 / 0:00

ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى يەكشەنبە كۈنى «خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان قەبىھ سىياسىتى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بىر باش ماقالە ئېلان قىلدى.

باش ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى بولۇپمۇ ھازىرقى «قايتا تەربىيە لاگېرلىرى» قاتتىق سۆزلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن. ماقالە تۆۋەندىكى جۈملىلەر بىلەن باشلانغان: «خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن قەبىھ ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى رايوندا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ھۇجۇملىرىدا رادىكال ئىسلامچىلارنى ئەيىبلەپ كەلدى ۋە ئۇيغۇرلار ھەم باشقىلارنى بېسىم ۋە زىيانكەشلىكىنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلاندۇردى. بىراق، پاكىتلار خىتاينىڭ مەخپىي يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىستېمىلىق مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى مۇددىئاسىنى ئاشكارىلاپ قويدى. ‹ناتسىستلارنىڭ يوقىتىش لاگېرلىرى ۋە ستالىننىڭ جازا لاگېرلىرىنىڭ ۋەھىمىسى› قايتا يۈز بەرمىسۇن دېگەن پرىنسىپقا ئىشىنىدىغان بارلىق كىشىلەر خىتاينىڭ كاللا يۇيۇش ۋە ئازابلاش رولىنى ئۆتەۋاتقان تۈرمىلىرىگە ۋە قورقۇنچلۇق لاگېرلىرىغا قارشى ئۆز ئىپادىسىنى بىلدۈرۈشى كېرەك».

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى باش ماقالىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىزنىڭ «جەيمىس تاۋن فوندى» تەتقىقات ئورنىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدىكى «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ تىنچىتىش ھەرىكىتى بىر مىللەتنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىنكى ئەڭ شىددەتلىك بىر ھەرىكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېگەن سۆزى نەقىل ئېلىنىپ، 21 مىليون نوپۇسنىڭ 11 مىليونى مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇر ئېلىدە نەچچە يۈز مىڭدىن بىر مىليونغىچە ئادەمنىڭ لاگېرلاردا بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىپادە قىلىنىش بىلەن بىرگە، بۇ لاگېرلارنىڭ مەقسىتى ھەققىدە تۆۋەندىكىلەر بايان قىلىنغان:
«زېنىز ئەپەندىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل سىستېمىنى ئۇيغۇر مىللىتى ۋە شۇنداقلا قازاق مىللىتىنى ئۆزىنىڭ مىللىي ۋە دىنى كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى كوممۇنىستىك پارتىيەگە ئىتائەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكەن يىلى قۇرۇشنى باشلىغان. ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدىن سمون دەنيەرنىڭ ۋە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىنقى بىر يۈرۈش زىيارەتلىرىدە، مەزكۇر لاگېرلاردا يېتىپ چىققان بۇرۇنقى مەھبۇسلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى ئارقىدا قالغانلىق دەپ ئەيىپلەشكە، مۇسۇلمان ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە، ئۇزۇن كىيىم كىيگەنلىكى، ناماز ئوقۇغانلىقى، بالىلىرىغا قۇرئان ئۆگەتكەنلىكى ياكى ئىماملارنى بالىلىرىغا ئىسىم قويۇشقا چاقىرغانلىقى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىشقا مەجبۇرلانغان.

بۇ لاگېرلاردىكى مەھبۇسلار يەنە بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىيلىك ۋە تېرورىزمدىن ئىبارەت ‹ئۈچ خىل كۈچ›نى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، پارتىيەنى مەدھىيەلەيدىغان شوئارنى توۋلاش، ناخشىلارنى ئېيتىشقا زورلانغان. گەرچە، بۇ مەركەزلەر ‹قايتا تەربىيەلەش› نى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق ئۇ يەردە زوراۋانلىقمۇ يوق ئەمەس. سابىق مەھبۇسلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىگە كۆنمىگىنىدە تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى ياكى تەن جازاسىغا ئۇچراش بىلەن تەھدىت قىلىنغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئادرىيان زېنز ئەپەندى بۇ سىستېمىنىڭ خىتاي 2013-يىلى رەسمىي بىكار قىلغان ‹ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش› ئورۇنلىرىنىڭ كۆلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى ئۆمەر قانات ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كېلىۋاتقان بىر شارائىتتا ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدىكى بۇ ماقالىنىڭ ئىنتايىن زور ئەھمىيىتى بار، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆمەر قانات ئەپەندى سۆزىدە ئۆزىنىڭ ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئىككى چوڭ نوپۇزلۇق گېزىتنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكا خەلقى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى تەرىپىدىن كەڭ ئوقۇلىدىغان بىر گېزىتلىقىنى، شۇڭا بۇ گېزىتنىڭ ھەيئىتى تەرىپىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى يولغا قويۇپ، بىر مىليونغا يېقىن ئادەمنى يىغىۋالغانلىقىنى يېزىشى بىر ھېسابتا بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقى، بۇ جەھەتتىن ئالغاندا بۇ ماقالىنى ئۆزىنىڭ تارىخى ۋەقە، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى باش ماقالىسىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىلىرىنىمۇ تىلغا ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاينىڭ 21-ئەسىردىكى نازارەت دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقى، خىتاينىڭ يۈز پەرقلەندۈرۈش قاتارلىق بارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىرىنى ئىشقا سېلىش ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە يېتىپ-قوپۇپ ئۇلارنى نازارەت قىلىدىغان كومپارتىيە كادىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى قاتتىق قامال ئاستىغا ئالغانلىقىنى بايان قىلغان. ۋاشىنگتون پوچتىسى ئاخىرىدا دۇنيا جامائەتچىلىكىگە خىتاب قىلىپ: «پەقەت مۇسۇلمان رەھبەرلەرلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى ئىنسان ھوقۇقىنى ياقىلايدىغان ھەر بىر كىشى خىتاينىڭ بىر يەرلىك مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىي -ئېتىقادىنى يوقاتماقچى بولۇشىغا غەزەپلىنىشى كېرەك» دېگەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى ئەپەندىمۇ ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ بۇ باش ماقالىسىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقانلارغا پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىگە ئوخشاش بىر گېزىتنىڭ تەھرىرلىك ھەيئىتىنىڭ بۇنداق كەسكىن بىر تىل بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقانلارغا قارىتا ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلەپ باش ماقالە ئېلان قىلىشىنى مەن ئىنتايىن ئىجابىي بىر يۈزلىنىش، دەپ قارايمەن ۋە بۇنى ھوقۇق تۇتۇۋاتقانلار ۋە خىتايغا يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تىلغا ئېلىپ بېسىم پەيدا قىلالايدىغان كىشىلەرگە بېرىلگەن ئىنتايىن كۈچلۈك بىر سىگنال، دەپ قارايمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقانلار پەقەتلا ئامېرىكا ۋە ياكى بىر قانچە غەرب ئەللىرى كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك بىر مەسىلە ئەمەس. بۇ پۈتۈن دۇنيا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە. خىتاي پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بىر شارائىتتا، خىتاي بىلەن ئالاقىسى بار ھەرقانداق بىر دۆلەت ۋە شۇنداقلا دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك. بىز ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىشىمىز كېرەك. چۈنكى بۇ ئىنتايىن مۇھىم».

يېقىندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرىدىن بىرى ماركو رۇبىيو ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىگە مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنى ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ، «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلەشكە چاقىرغان. ئارقىدىن، ئامېرىكىنىڭ مۇۋەققەت مۇئاۋىن ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى لاۋرا ستون ۋە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خەزىر نات قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئويلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتايدىن بۇ خىل سىياسەتلىرىنى دەرھال ئاياغلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئۆمەر قانات ئەپەندى بۈگۈنكى سۆزىدە، ھازىرغىچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكىدىكى مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆرسىتىلىۋاتقان بۇ ئىنكاسلاردىن ئۆزلىرىنىڭ تولىمۇ ئۈمىدلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.