كۈنەس ناھىيەسىنىڭ توقاي كەنتىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئېغىر قىسمەتلىرى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلار دۇچ كېلىۋاتقان يەر مەسىلىسىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
كۈنەس ناھىيەلىك پارتكوم ۋە سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ زوراۋانلىقىغا چىدىماي، بىرقانچە يىللاردىن بۇيان ئەرز قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن توقاي كەنتىنىڭ دېھقانلار ۋەكىلى ھاشىمجان ئاۋۇت رادىئومىز ئارقىلىق يەرلىك دېھقانلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاتتى.
يەردىن ئايرىلدۇق، بىنادىن ئۆي سېتىۋېلىشقىمۇ قۇربىمىز يەتمىدى
15 كۈنلۈك سولاقتىن ئەمدىلا بوشىنىپ چىققان دېھقانلار ۋەكىلى ھاشىمجان ئاۋۇت زىيارىتىمىز جەريانىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«پارتكوم سېكرىتارى جيا يىشېڭنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بىزدىن مەجبۇرىي تارتىۋېلىنغان يەرلەر شەخسىي قۇرۇلۇش شىركەتلەرنىڭ خوجايىنلىرىغا يوقىرى باھادا سېتىپ بېرىلمەكتە. ئۇلار ئەسلىدىكى ناھىيەلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت، سوت ۋە باشقا ئىدارىلەرنىڭ سېلىنغىنىغا ئۇزاق بولمىغان بىنالىرىنى ۋە ئۇنىڭ تېگىنى شەخسىي شىركەتلەرگە يوقىرى باھادا سېتىپ بىر پايدا ئالدى. ئاندىن شەھەرنى كېڭەيتىمىز، ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت بىنالىرىنى يېڭىلايمىز دەپ، بىزنىڭ كەنتنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېلىپ قۇرۇلۇش قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ پايدىسىنى يەنە شۇ ئەمەلدارلار ئېلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ يەرلىرىمىزنى ئالغىچە ئۇلار بىزگە بىنادىن يېڭى ئۆي بېرىمىز دەپ خەلقنى ئالدىدى، لېكىن ئاخىرى بېرىپ بىنا ئۆيلەرنىڭ ھەر كۋادرات مېتىرىغا 1500 سومدىن پۇل تۆلەيسىلەر دەپ تۇرۇۋالدى. ئەگەر 100 كۋادرات مېتىرلىق ئۆي سېتىۋالساق باھاسى 150 مىڭ سوم بولىدىكەن. دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى ھەر موسىغا ئاران 25 مىڭ سوم بېرىپلا تارتىۋالدى. بىر جاننىڭ يېرى ئادەتتە ئىككى يېرىم مو، ئۇنىڭغا ئاران 63 مىڭ سوم پۇل بېرىپلا ئېلىۋالغان تۇرسا، ئۆزىڭىز ئويلاپ بېقىڭ، بىز قانداقمۇ بىنادىن 150 مىڭ سومغا ئۆي سېتىۋالالايمىز!؟ يېرىمىزدىن ئايرىلماقتىمىز، ئەمما بىنادىن ئۆي سېتىۋېلىشقىمۇ قۇربىمىز يەتمەيۋاتىدۇ.»
بىز 17 دېھقاننى بىراقلا تۇتۇپ سولىدى، ئۇكام قاتتىق تاياق يىدى!
ھاشىمجان ئاۋۇت مۇنداق دېدى:
«دېھقان دېگەن يەردىن ئايرىلسا قانداق كۈن ئالىدۇ؟ بىزنىڭ بالا - چاقىلىرىمىز قانداق ياشايدۇ؟ بۇ قېتىم كەنتىمىزدىكى دېھقانلار بىراقلا كۆتۈرۈلۈپ چىقتى. ناھىيەلىك سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى شۈ ۋېيچاڭ ساقچىلارنى ئىشقا سېلىپ بىز 17 دېھقاننى بىراقلا تۇتۇپ 15 كۈندىن سولىدى. ئۇكام ئۆز يېرىدىكى كۆچەتلىرىنى كېسىۋاتقاندا شۈ ۋېيچاڭ ساقچى باشلاپ كېلىپ ئۇكامنى تۇتۇپ ساقچىخانىغا ئاپىرىپتۇ - دە، قاتتىق ئۇرۇپتۇ. ھازىر كەنتىمىزدە تاياق يېمىگەن، ئۇرۇپ - سوقۇلمىغان كىشىلەر يوق دېيەرلىك.»
ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:
«شۇ ۋەجىدىن، بىز قېچىپ يۈرۈپ ئەرز قىلىشنى داۋاملاشتۇردۇق، ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭلارغىچە قېچىپ بېرىپ ئەرز قىلدۇق. كاللىمىزدىن ئۆتمىگەن يېرى شۇكى، ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىق ئىدارىسىمۇ بىزنىڭ ناھىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ يەرلىرىمىزنى تارتىپ ئېلىپ قۇرۇلۇش قىلىشىغا تەستىق ساپتۇ. بىز دەردىمىزنى كىمگە ئېيتىمىز؟ مەن دېھقانلارغا ۋەكىل بولۇپ يەر دەۋاسى قىلىۋاتقىلى بىرقانچە يىللار بولدى، بۇ قېتىم ئاكا - ئۇكا ئۈچىمىز بىراقلا سولاقتا يېتىپ چىقتۇق، مېنىڭ بىلەن بىللە يەر دەۋاسى قىلىۋاتقان بىر تۇڭگانمۇ بار. ئۇمۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 3 قېتىم سولاقتا يېتىپ چىقتى.»
كەنت سېكرىتارى لى جۈ ئۆز يانچۇقىنى تولدۇرىۋاتىدۇ
ھاشىمجان زىيارىتىمىز جەريانىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى مەلۇم قىلدى:
«بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى كەنتىمىزنىڭ سېكرىتارى لى جۈنىڭ قولى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. دېھقانلاردىن تارتىۋېلىنغان يەرلەرگە قۇرۇلۇش باشلىغىچە بىرقانچە يىللار قۇرۇق تۇردى. بۇ يەرلەرنى كەنت سېكرىتارى لى جۈ سىرتتىن كەلگەن خەنزۇلارغا ئىجارىگە بېرىپ پايدىسىنى ئۆز يانچۇقىغا سالدى. بىر قىسىم دېھقانلار قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن كەنتكە ھال ئېيتىپ بارسا، ئۇ، يەرلىرىڭلارنى ماڭا سېتىپ بېرىڭلار دەپ دېھقانلارنى ئالداپ، ھەر مو يەرگە 5 مىڭ سومدىن 16 مىڭ سومغىچە پۇل بېرىپ يەرنى ئېلىۋالدى. ئاندىن بۇ يەرنى ناھىيەنىڭ يېڭىدىن كېڭىيىۋاتقان تەرەققىيات رايونىغا ھۆكۈمەت ئۆلچىمى بويىچە موسىنى 25 مىڭ 500 سومدىن سېتىپ پايدىسىنى ئۆزى كۆردى.»
ئۇ مۇنداق بىر قوشاق ئارقىلىق توقاي كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ئەھۋالىنى تەسۋىرلىدى:
پۇقرا قىلىپ دەۋانى،
چېچى چۈشۈپ بولدى تاز.
بەگلەر ئەيش - ئىشرەتتە،
دەپن قىلار چېلىپ ساز.
ئەمدى بىزگە «تېررورچى» قالپىقىنى كىيگۈزۈۋاتىدۇ
ھاشىمجان ئاۋۇت ئاخىرىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«بۇ يىل 1 - ئايدا ئەرز قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە ماڭغان ئىدۇق، بىزنى كۈنەس ناھىيەسىنىڭ چىقىش ئېغىزى بولغان چازىدا ساقچىلار توسۇۋالدى. ئۇلار بىزنى ئاپتوبۇستىن چۈشۈرۈپ قولىمىزنى دۈمبىمىزگە قايرىغان پېتى ساقچىخانىغا ئېلىپ باردى ۋە كىملىكىمىزنى تارتىۋالدى. مانا ھازىرغىچە يېرىم يىل بولاي دېدى، كىملىكىمىز يوق، ھېچيەرگە چىقالمايۋاتىمىز. ئاڭلىساق، بىزنى ناھىيەلىك پارتكوم ھازىر«تېررورچى» دېگەن قالپاق بىلەن ئەيىبلەۋېتىپتۇ. ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدىغان سىڭلىم بار ئىدى. ئۇنى كىملىكىمنى سوراپ باق دەپ شۈ ۋېيچاڭنىڭ ئىشخانىسىغا ئەۋەتكەن ئىدىم. سىڭلىم بېرىپ سورىسا، ئاكاڭ تېررورچى، ئۇنىڭ كىملىكىنى بېرىشكە بولمايدۇ دەپتۇ.»
0:00 / 0:00