توققۇز يىلدىن بۇيان ئاتۇش شەھەر ئىچىدىكى شەخسىي قورۇ-جايى ۋە باغۋارانلىق ھويلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىلغان ئابدۇرېھىم قارى ئاكىنىڭ بۈگۈنكى قىيىن ئەھۋالى ۋە ھەققانىيەت يولىدىكى تىز پۈكمەس روھى جامائەتچىلىك ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىماقتا.
بۇ يىل 82 ياشقا كىرگەن ئابدۇرېھىم قارى ئاكا 1970-يىللارنىڭ ئاخىرى غۇلجىدىن ئۆز يۇرتى ئاتۇشقا قايتىپ شەھەر ئىچىدىن 3 مو 4 پۇڭ يەر سېتىۋالىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ۋە قان-تەرىگە تايىنىپ قانۇنلۇق سېتىۋالغان يېرىگە ئازادە قورۇ-جايلارنى ۋە بۈك-باراقسان مېۋىلىك باغلارنى بىنا قىلىدۇ. ئارىدىن 20 نەچچە يىل ئۆتۈپ ئاتۇش شەھىرىنىڭ كېڭىيىشى بىلەن ئۇنىڭ قورۇ-جايى شەھەر مەركىزىدىكى ئەڭ قايناق جايلاردىن بىرى بولۇپ قالىدۇ.
2000-يىللاردىن كېيىن قەشقەر ۋە ئاتۇش ئەتراپىدا يەر ئىگىلەپ ئۆي-مۈلۈك تىجارىتى ئارقىلىق زور پايدا ئېلىشنى كۆزلىگەن خىتاينىڭ جۇڭكۇن شىركىتى 2004-يىلى ئابدۇرېھىم قارى ئاكىنىڭ قورۇ-جايىغا خىرىس قىلىدۇ. ئابدۇرېھىم قارى ئاكا جۇڭكۇن شىركىتىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغاندا ئاتۇش شەھەرلىك يەر باشقۇرۇش ئىدارىسى، سۈنتاغ يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە شورۇق كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ئارىغا چۈشۈپ ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلىتىدۇ. جۇڭكۇن شىركىتى بىلەن ئاتۇشتىكى ھەر دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ قۇرۇق ۋەدە بېرىشى بىلەن ئاخىرى ئابدۇرېھىم قارى ئاكا يېرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش قەغىزىگە مەجبۇرىي قول قويۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ۋەھالەنكى، ئۇلار ياشىنىپ قالغان بۇ بوۋايغا تۈرلۈك بېسىملار بىلەن قول قويدۇرۇۋېلىپلا ئىلگىرىكى ۋەدىلىرىدىن يېنىۋالىدۇ.
توختامدىكى ئابدۇرېھىم قارى ئاكىنىڭ بىر بالىسىنى مۇقىم شتات بىلەن خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە بىنادىن ئىككى يۈرۈش ئۆي بېرىش قاتارلىق ۋەدىلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئەمەلىيلەشمەيدۇ. پەقەتلا 120 مىڭ سوم تۆلەم پۇلى بىلەن ئۇنىڭ قورۇ-جايىنى تارتىۋالىدۇ. بۇ ناھەقچىلىككە چىدىمىغان ئابدۇرېھىم قارى ئاكا ئاتۇش شەھەرلىك، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق ھەر دەرىجىلىك سوتلارغا ئەرز سۇنىدۇ. سوت ئۇنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلىپ، جۇڭكۇن شىركىتىنىڭ قىلمىشىنى قانۇنسىزلىق دەپ ئېلان قىلىدۇ. ئابدۇرېھىم ئاكا 2006-يىلى دەرھال قورۇ-جايىنى قايتىدىن قولىغا ئېلىپ يەنە بىرقانچە يۈرۈش ئۆي ۋە كوچىغا قارىتىپ ئىككى ئېغىز دۇكان سالىدۇ. ۋەھالەنكى، ئاتۇشنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خىتاينىڭ ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئۇنىڭ قورۇ-جايىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىدۇ.
2013-يىلىغا كەلگەندە ئاتۇش شەھەرلىك يەرلىك دائىرىلەر نەچچە يۈزلىگەن ساقچىلارنى ئىشقا سېلىپ ئابدۇرېھىم قارى ئاكا ۋە ئۇنىڭ قوشنىلىرىدىن بىرقانچە ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ قورۇ-جايلىرىنى ماشىنا بىلەن تۈرتۈپ تۈزلىۋېتىدۇ. قارشىلىق قىلغانلارنى تۇتۇپ قاماپ قويىدۇ. ياشىنىپ قالغان ئابدۇرېھىم قارى ئاكىنى ئۇرۇپ-دۇمبالاپ ھالىدىن يەتكۈزۈۋېتىدۇ…
ئۇنداقتا، ئابدۇرېھىم قارى ئاكىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى زادى قانداق؟ ئۇ قانداق ياشاۋاتىدۇ؟ بۇ ھەقتە ئۇنىڭ قىزى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنى ئاڭلاڭلار، كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا بۇ ھەقتە يەنە داۋاملىق ئاڭلىتىش بېرىمىز.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.