ئىگىلىشىمىزچە، قەشقەر شەھەر نەزەرباغ يېزا يۇقىرىقى قازىرىق 14-كەنت دېھقانلىرى 2002-يىلىدىن بۇيان 5000 مو تېرىلغۇ يېرىدىن ئايرىلىپ قالغان.
مەلۇم بولۇشىچە، قازىرىق دېھقانلىرى ئاتا-بوۋىلىرىدىن تارتىپ ئۆزلىرىگە تەۋە مۇنبەت تېرىلغۇ يەرلىرىدە تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەن. 1980-يىللاردىن كېيىن كەنت تەۋەسىدىكى تېرىلغۇ يەرلەر دېھقانلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن. 1986-يىلىغا كەلگەندە ئۈستۈن ئاتۇشتىن بۇ يەرگىچە ئېقىپ كېلىدىغان چاقماق دەرياسىنىڭ سۈيى زور دەرىجىدە ئازايغان. بولۇپمۇ قەشقەر ئايرودرومىنى كېڭەيتىپ ياساش قۇرۇلۇشى قازىرىق كەنتىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى تارايتىۋەتكەن ۋە پۈتۈن كەنت يەرلىرىنى ئىككىگە بۆلۈۋەتكەن. بۇنىڭ بىلەن دېھقانلارنىڭ نورمال قاتنىشى ئادەتتىكىدىن 8 كىلومېتىر ئۇزىرىپ كەتكەن.
2002-يىلىغا كەلگەندە قەشقەر شەھىرى تېرىلغۇ يەرلەرنى سالالاشتۇرىمىز دەپ كەنت تەۋەسىدىكى 3200 نوپۇستىن، ھەر بىر جان بېشىغا 40 يۋەندىن پۇل يىغىۋالغان. شۇ يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا شەھەرلىك ھۆكۈمەت قەشقەر ئايرودرومىنىڭ شىمالىدىكى قازىرىق كەنتىگە تەۋە 5000 مو تېرىلغۇ يەرنى مەجبۇرىي ئېلىۋالغان. دېھقانلار قارشىلىق بىلدۈرگەندە «كۆكەرتىش ئېلىپ بېرىپ ئايرودرومنى گۈزەللەشتۈرىمىز» دېگەن باھانە بىلەن دېھقانلارنىڭ ئەرزىگە پەرۋا قىلمىغان.
بۇنىڭ بىلەن قازىرىق كەنتىنىڭ قەشقەر ئايرودرومىنىڭ شىمالىدىكى 7400 مو تېرىلغۇ يېرى ئازىيىپ ئاران 2400 موغا چۈشۈپ قالغان. ھازىر كەنتتىكى 4400 نوپۇس، يەنى 700 نەچچە ئائىلە ئاران 2400 مو يەرگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلماقتىكەن.
قازىرىق دېھقانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە سۇنغان ئەرز خېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2002-يىلى 4-ئايدا قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەت ھەقسىز ئىگىلىۋالغان 5000 مو يەردىن 864 مو يەرنى قەشقەر شەھىرى شېنجېن تەرەققىيات رايونىغا ساتقان. بۇ سودىنى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى بويىچە نەزەرباغ بازارلىق ھۆكۈمەت ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ توختام تۈزگەن. ئەينى ۋاقىتتا قازىرىق دېھقانلىرىنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاش ئۈچۈن بازارلىق ھۆكۈمەت ئۆز ئالدىغا سېتىۋەتكەن 864 مو يەر ئۈچۈن كەنتتىكى 3200 نوپۇسقا ئاران 1500 يۋەندىن تولۇقلىما پۇل بېرىپ ئىشنى تۈگەتكەن.
تېرىلغۇ يەرلىرى زور دەرىجىدە ئازىيىپ تۇرمۇشى قىيىنلاشقان قازىرىق دېھقانلىرى 10 يىلدىن كېيىن ئىشنىڭ تېگىگە يېتىپ ئەرز قىلىشقا باشلىغاندا ھېچكىم ئۇلارنىڭ داد-پەريادىنى ئاڭلىمىغان.
2012-يىلى 12-ئايدا قازىرىق دېھقانلىرى نەزەرباغ بازارلىق ھۆكۈمەت، قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىگە كۆپ قېتىم ئەرز سۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئەرزى بىردەك رەت قىلىنغان.
قەشقەردە ئامال قىلالمىغان دېھقانلار ئاخىرى 2013- يىلى 2-ئايدا ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئەرز قىلغان. شۇ يىلى 3-ئايدا قازىرىق كەنت سېكرېتارى مۇختەر تۇرسۇن بىلەن نەزەرباغ يېزا باشلىقى ئالىم ئۈرۈمچىگە بېرىپ «بۇ ئىشنى بىز ھەل قىلىمىز» دەپ ئەرزدار دېھقانلارنى قايتۇرۇپ كەلگەن. دېھقانلار ۋەكىللىرى ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كېلىپ بىر ھەپتە ئۆتكەندە بازارلىق ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ قولىدىكى ئەرز ماتېرىياللىرى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى تارتىۋېلىپ ھازىرغىچە قايتۇرۇپ بەرمىگەن.
بىز بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن قەشقەر نەزەرباغ يېزا يۇقىرىقى قازىرىق 14-كەنتتىكى دېھقانلارغا تېلېفون قىلدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دېھقان ئايال ئامانگۈل بۇ ئەھۋاللارنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نەزەرباغ بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلدارلىرى يۇقىرىقى قازىرىق كەنتىنىڭ سېكرېتارى بىلەن بىرلىشىپ، دېھقانلارنىڭ رازىلىقىسىز كەنت تەۋەسىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى سېتىۋەتكەن. ئۇلار ھەتتا قەشقەر شەھەر شېنجېن تەرەققىيات رايونىغا ساتقان 864 مو يەرنىڭ تۆلەم پۇلىنى دېھقانلارغا بەرمىگەن.
ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر قازىرىق دېھقانلىرىنىڭ يەر دەۋا ئىشى يۇقىرى پەللىگە چىقىپ، دېھقانلار تەرەپ-تەرەپتىن ياردەم ئىزدەشكە باشلىغان. ھەتتا بۇ ئىشنى تورغا ئېلان قىلىپ جامائەت پىكرى ھاسىل قىلغان. بۇ ئىشنىڭ ئاشكارا بولۇپ كېتىشى ۋە ئۇنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيىتىدىن قاچقان نەزەرباغ بازارلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ساقچىخانا خادىملىرىنى ئىشقا سېلىپ دېھقانلار ۋەكىللىرىنى نەزەربەند قىلغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلار داۋاملىق دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.