ئىگىلىشىمىزچە، قەشقەر شەھەر نەزەرباغ يېزا يۇقىرىقى قازىرىق 14-كەنت دېھقانلىرىنىڭ يەر دەۋاسى ئۈچۈن مېڭىۋاتقان 3 نەپەر ۋەكىلى يېقىندا خوتەندىكى بىر مېھمانخانىغا ۋاقىتلىق سولاپ قويۇلغان.
25-مارت سەھەردە تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قازىرىق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر دېھقان ئايال مەزكۇر كەنتتىكى جىددىيچىلىكلەر ھەققىدە ئۇچۇر بەردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 24-مارت كۈنى نەزەرباغ بازارلىق ساقچىخانا خادىملىرى يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە، يەر دەۋاسى قىلىۋاتقان قازىرىق دېھقانلىرىنىڭ 3 نەپەر ۋەكىلى - تۇرغۇن مامۇت، مەمەتتۇرسۇن ئابدۇۋايىت ۋە ئابدۇقەييۇم مەمەت قاتارلىقلارنى ساقچى ئاپتوموبىلىدا ئېلىپ كەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ساقچىلار بۇ 3 نەپەر دېھقانلار ۋەكىلىنى «يېڭى شەھەر تازغۇنغا بارىسىلەر» دەپ ئېلىپ كەتكەن. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇلارنىڭ خوتەنگە ئېلىپ بېرىلىپ بىر مېھمانخانىدا نەزەربەند قىلىنغانلىقى ئاشكارا بولغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دېھقان ئايال، كەنت ئاھالىسى ئارىسىدا 26-مارت كۈنى ئۈرۈمچىدىن تەكشۈرۈشكە ئادەم كېلىدىغانلىقى ھەققىدە گەپ-سۆزلەرنىڭ تارالغانلىقىنى، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇش ئۈچۈن 3 نەپەر دېھقانلار ۋەكىلىنى خوتەنگە ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
بىز تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن دېھقانلار ۋەكىلى تۇرغۇن مامۇتقا تېلېفون قىلدۇق. ئۇ تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەتراپىدا ئۆزىنى كونترول قىلىپ تۇرغان ساقچىلار بولغاچقا تەپسىلىي سۆزلىشىشكە جۈرئەت قىلالمىدى ۋە باشقا نومۇرغا تېلېفون قىلىشىمىزنى ئەسكەرتىپ تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.
بىز شۇ بويىچە ئىككىنچى قېتىم ئۇلارغا تېلېفون ئاچتۇق. ھالبۇكى، ئەتراپىدا ئۇلارنى بېقىپ تۇرغان ساقچىلار بولغاچقا دېھقانلار ۋەكىلى تۇرغۇن مامۇت بۇ قېتىممۇ ئېنىق گېپىنى دېيەلمىدى.
بىز 26-مارت سەھەر ئۈچىنچى قېتىم ئۇلارغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوننى دېھقانلار ۋەكىللىرىدىن ئابدۇقەييۇم مەمەت ئالدى. ئۇ ئەتراپتىكى ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا سورىغان سوئاللىرىمىزغا ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن جاۋاب بەردى. ئۇ بىزنىڭ خوتەنگە نېمىشقا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا «ساياھەت قىلىپ قايتتۇق» دەپ جاۋاب بەردى ۋە ئۆزىنىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلار بىلەن سۆزلىشەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.