گۇما ناھىيىسىدە 3 ئائىلە ئۇيغۇرنىڭ ئۆي-جايى تۈزلىۋېتىلگەن، ئۆي ئىگىلىرى تاياق يېگەن

0:00 / 0:00

ئىچىشىمىزچە، گۇما ناھىيە بازىرىنىڭ گۈلقازما مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق 3 ئائىلە ئۇيغۇرنىڭ ئۆي-ماكانى بىر كېچىدە چېقىلىپ تۈزلىۋېتىلگەن. ناھىيەلىك شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسى بىلەن قۇرۇلۇش شىركىتى بىرلىكتە زورلۇق ۋاسىتىسى ئىشلىتىپ، 2-ئاينىڭ 26-كۈنى كېچىدە ئۆيلەرنى بۇزغان. 3 ئائىلە ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ شەخسىي ئۆي-جايى ۋە دۇكانلىرى شۇنىڭدەك كىچىك تىپتىكى زاۋۇت ئەسلىھەلىرى توپا ئاستىدا قەپ قالغان.

ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان بۇ كىشىلەر گۇما ناھىيە ۋە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئەرز قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ دەۋاسىنى سورايدىغان ئادەم چىقمىغان. قۇرۇلۇش شىركىتى ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان بۇ 3 ئائىلىگە تۈرلۈك بېسىملارنى ئىشلىتىپ، ئۆي-جايىنى ئەرزان باھادا سېتىپ بېرىشكە قىستىغان. ئۇلار بۇنى رەت قىلغاندا قۇرۇلۇش شىركىتى ئادەم باشلاپ كېلىپ ئۆي ئىگىلىرىنى قاتتىق ئۇرغان ۋە تەھدىت سالغان.

يېقىندا بۇ 3 ئائىلە دەۋاگەرلەردىن مەمەت ئابلا رادىئومىزغا ئەھۋال مەلۇم قىلىپ، ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن ناھەقچىلىكلەرنى شىكايەت قىلدى.

«مېنىڭ ئۆيۈم گۇما ناھىيەلىك قاتناش بېكىتىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئوق يولنىڭ بويىدا ئىدى. بۇ يەرنى ئادەتتە گۈلقازما مەھەللىسى دەپمۇ ئاتايدۇ. مېنىڭ ئۆي-جايىمنىڭ ئورنى 200 كۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ. تۇرالغۇ ئۆيۈم ۋە ئىجارىگە بېرىۋاتقان بىرقانچە دۇكانلىرىم بار ئىدى. ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ قۇرۇلۇش شىركىتى مەن ۋە مېنىڭ قوشنىلىرىمنىڭ ئۆي-جايلىرىغا كۆزى چۈشۈپ، بۇ جايغا يېڭى ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسى سالىمىز دېگىلى تۇردى. بىز ئۇلارغا ئەمىسە بىزگە بىنادىن بىر يۈرۈشتىن ئۆي، دۇكانلىرىمىزنىڭ ئورنىغا دۇكان بېرىڭلار، ئاندىن ئۆي-جايىمىزنى ئۆتكۈزۈپ بېرەيلى دېسەك ئۇنىمىدى. شۇڭا بىزمۇ ئۇلارنىڭ يولسىز تەلىپىنى رەت قىلدۇق.»

«مېنىڭ خوتەن شەھىرىدە شەخسىي شىپاخانام بار. بۇ يىلنىڭ بېشىدا شىپاخانىدا ئىشلەۋاتاتتىم. تۇيۇقسىزدىن قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ خوجايىنى ناھىيەلىك شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ 4 نەپەر خادىمىنى باشلاپ ئىشخانامغا ئۈسۈپ كىردى. ئۇلار ئۆي-جايىڭنى نېمىشقا سېتىپ بېرىشكە ئۇنىمايسەن دەپ نەق مەيداندا مېنى ئۇرۇپ كەتتى. قۇلاق تۈۋىمگە تەگكەن بىر مۇشت زەربىسىدىن ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن.»

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
«مەن ھوشۇمغا كېلىپ گۇمىغا قايتىپ شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسىگە بېرىپ ئەرز قىلدىم. ئۇلار ئۇقۇشماسلىق بوپتۇ دەپ رەسمىيەت يۈزىسىدىن مەن بىلەن سۆھبەتلەشكەن بولدى ۋە ئاغزاكى كەچۈرۈم سورىدى. ئەمما ئۆيۈمنى ئەرزان باھادا سېتىپ بېرىشكە داۋاملىق مەجبۇرلىدى. مەن رەت قىلدىم. ئاخىرىدا بۇ يىلنىڭ 26-فېۋرال كۈنى كېچە سائەت 12 دە ئۇلار توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى ۋە بىرقانچە يەر قازغۇچى ماشىنىلار بىلەن كېلىپ ئۆيلىرىمىزنى تۈرتۈپ تۈزلىۋەتتى. مەن ئۇ چاغدا خوتەندە ئىدىم. بالىلىرىممۇ ئۆيدە يوق ئىدى. ئۇلار مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپتۇ. ھەتتا ياندىكى قوشنىمىزنىڭ ئۆيىدە 11 جان ئادەم ئۇخلاۋېتىپتىكەن، ئۇلارنى ئۆي بىلەن قوشۇپ باستۇرۇۋەتكىلى تاس قاپتۇ. ئۇلار دەرھال ساقچىغا تېلېفون قىپتىكەن، ساقچىلار نەق مەيدانغا كېلىپ ئۇلارنى توختاتقان ئوخشايدۇ.»

مەمەت ئابلا ئاخىرىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«مېنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكۈم بۇزۇۋېتىلگەن ئۆينىڭ توپا-كېسەكلىرى ئاستىدا قالدى. قوشنىمىزنىڭ زاۋۇت ۋە دۇكانلىرىمۇ توپا ئاستىدا قالدى. بىزنىڭ ھېچنېمىمىز قالمىدى. ئەرز قىلىپ بارمىغان ئىشىكىمىز قالمىدى. خوتەن ۋىلايەتلىك ئەرزىيەت ئىشخانىسى بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش توغرىلىق ئالاقە چۈشۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن قۇرۇلۇش شىركىتى بىلەن شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسى پىسەنت قىلمىدى. مال باھا ئىدارىسى تاش-توپا ۋە كېسەكلەر ئارىسىدىن ئىلغاپ ئالغان مال-مۈلكۈمنى ئاران 15 مىڭ يۈەن ھېسابلىدى. ئەسلىدە ئۆيۈمدە 60 مىڭ سومدىن ئارتۇق قىممەتتىكى مال-مۈلكۈم بار ئىدى. قۇرۇلۇش شىركىتى ئۆيىمىزنى چېقىپ بولۇپ، ئاندىن باھا قويۇپتۇ. ئۇلار مېنىڭ 200 كۋادرات مېتىردىن ئارتۇق ئۆي-جايىمغا 80 مىڭ سوم پۇل بېرىمىز دەپتۇ. ئۇلار بىزنىڭ ئۆي-جايىمىزنىڭ ئورنىغا سالىدىغان بىنادىكى ھەر بىر يۈرۈش ئۆينى 300 مىڭ سومغا ساتىدىكەن. شۇنداق بولغاندا، مەن يەنە ئۇلارغا 220 مىڭ سوم پۇل تۆلەپ ئاران بىر يۈرۈش ئۆي ئالالايدىكەنمەن. بۇ زوراۋانلىققا نېمە دېگۈلۈك!»

ئاخىرىدا ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«ھازىر ئۆي-ماكانسىز قالدۇق. ئايالىم ئانىسىنىڭ ئۆيىدە، مەن ئاتا-ئانامنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتىمەن. ھۆكۈمەتكە ئەرزان باھالىق ئىجارە ئۆي تېپىپ بېرىڭلار دەپ بارغان بولساقمۇ، لېكىن ھەل بولمىدى. ئەمدى نېمە قىلارىمىزنى، نەگە بېرىپ ئەرز قىلىشىمىزنى بىلمىدۇق.»