يىلقىچىدا ئۆتكەن يىلى بىر خىتاي خوجايىن ئۆلتۈرۈلگەن

0:00 / 0:00


قاغىلىقنىڭ يىلقىچى يېزىسىدا يۈز بەرگەن 20 - ئاۋغۇست قانلىق باستۇرۇش ۋەقەسىنى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا مەزكۇر يېزا ۋە ئۇنىڭ بىلەن چېگرىداش يېزىلاردا بۇلتۇر ۋە بۇ يىل ئىچىدە چوڭ - كىچىك بولۇپ ئاز دېگەندە 4 قېتىم ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

بۇلاردىن بىرى يىلقىچىنىڭ 14 - كەنتىدە يۈز بەرگەن بىر خىتاي خوجايىننىڭ ئىككى نەپەر ئۇيغۇر پىدائىي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدۇر. يىلقىچى ۋە ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بۇ بىر قاتار ۋەقەلەر قاغىلىق خەلقىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى قولىدىن كېلىشىچە ۋە توختاۋسىز كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى تىنچسىز ۋەزىيەتنى دۇنيادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن بۇ تۈر ۋەقەلەرنى قاتتىق ۋە يەڭ ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. تۆۋەندە يىلقىچىنىڭ 14 - كەنتىدە يۈز بەرگەن بىر خىتاي خوجايىننىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى ھەققىدە مەلۇمات ئاڭلايسىلەر:

يىلقىچى يېزىلىق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى، «بەشتە ياخشى ئىمام» ماخمۇتخان قارىمىنىڭ مۇخبىرىمىزغا ئۆتكەن ھەپتىدىكى ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرىش جەريانىدا پاش قىلىشىچە، يىلقىچىنىڭ 14 - كەنتىدىمۇ ئۆتكەن يىلى2 - ئايدا بىر ۋەقە يۈز بەرگەن.

بۇ ۋەقەدە 14 - كەنتتىكى بىناملىقنى ھۆددىگە ئالغان بىر خىتاي خوجايىن 14 - كەنتتىكى ئىككى نەپەر ئۇيغۇر پىدائىي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە ئۆلتۈرۈلگەن خىتاي خوجايىننىڭ يەنە بىر شېرىكى ئاقسۇدا يەر ھۆددىگە ئالغان بولۇپ، ئۇ يىلقىچىدىكى شېرىكىگە تېلېفون قىلىپ، جاۋابقا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن يىلقىچىغا يېتىپ كېلىپ شېرىكىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بايقىغان ۋە ئەھۋالنى ساقچىغا مەلۇم قىلغان. ساقچىلار دېلو تۇرغۇزۇپ ئېنىقلاش جەريانىدا خىتاي خوجايىننى ئۆلتۈرگەن ئىككى نەپەر پىدائىي قولغا ئېلىنغان ۋە بۇ يىل ئىككىنچى ئايدا سوتلىنىپ جازالانغان.

ماخمۇتخان قارىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ۋەقەنى خىتاي دائىرىلىرى ئەينى چاغدا دىنىي زاتلارغا، پارتىيە ئەزالىرىغا ۋە دۆلەت ئىشچى - خىزمەتچىلىرىگە ئاشكارىلىغان ئەمما، ئاخباراتتىن يوشۇرۇن تۇتقان.

يەنە ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 14 - كەنتتىكى بۇ ئىككى پىدائىي ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتقا يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئالىم ھامىدىن قاتناشقان ۋە سوتنىڭ ئەھۋالىنى دىنىي زاتلارغا شۇ يەتكۈزگەن.

سوئال: شۇ ۋەقەگە ئىشتىراك قىلغان بالىلارنىڭ ئىسىملىرىنى بىلەمسىز؟

جاۋاب: شۇ چاغلاردا بىلتىم، ھازىر ئېسىمدىن چىقىپ قالدى. يېزا باشلىقى ئالىم ھامىدىننىڭ بۇ ئىشتىن تەپسىلىي خەۋىرى بار.

سوئال: ۋەقە يۈز بەرگەن جاي، بۇ قېتىم ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېقىنمۇ؟

جاۋاب: يېقىن، بۇ قېتىمقىسى 13 - كەنت، يەنى تۆۋەن سېرىقئاتا كەنتى، ئۇ خوجايىن ئۆلتۈرۈلگەن يەر 14 - كەنت.

سوئال: خىتاي خوجايىن قانداق يەردە ئۆلتۈرۈلۈپتۇ، ئىش ئورنىدىمۇ ئۆيىدىمۇ؟

جاۋاب: ئۆيىدە.

سوئال: كېچىسىمۇ كۈندۈزىمۇ؟

جاۋاب: كېچىسى.

سوئال: ئەتراپىدا قولۇم - قوشنىلىرى يوقمىكىن؟

جاۋاب: يوق. ئۇ بىر مەھەللە ئەمەس، چۆللۈك. ھۆكۈمەت ئۇنى بەك قوللىغان ھەم بەك مۇھاپىزەت قىلغان؛ يەنە قانداق بولغان بۇ ۋەقە كېلىپ چىقىپتۇ. ئاقسۇدىكى لوبەن تېلېفون قىلسا تېلېفوننى ئېلىنمىغاندىن كېيىن ئۆلگەنلىكى مەلۇم بوپتۇ.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، پروگراممىمىزنىڭ كىرىش سۆزىدە تىلغا ئېلىنغان 4 قېتىملىق ۋەقە، بۇلتۇر ۋە بۇ يىل قاغىلىق بازار ئىچىدە يۈز بەرگەن 28 - فېۋرال بەخت يولى ۋەقەسى، 1 - ئۆكتەبىر ھەربىي گازارمىغا موتسىكلىتلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ۋە ئاھالىلەر كومىتېتى خادىملىرىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى قاتارلىق قانلىق ۋەقەلەرنىڭ سىرتىدا بولۇپ، بۇلارنى قاتقاندا، قاغىلىقتا بۇلتۇر ۋە بۇ يىل ئىچىدە ئاز دېگەندە 7 قېتىم ۋەقە يۈز بەرگەن.