يوپۇرغا ناھىيەسىدىكى بىر دېھقاننىڭ خىتاي كۆچمەنلىرى ھەققىدىكى بايانلىرى

0:00 / 0:00


ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن بىرى بولغان جېجياڭ ئۆلكىسى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى يوپۇرغا ناھىيەسى بىلەن ئۆز - ئارا ھەمكارلىشىپ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى باھانە قىلىپ، كۆپلىگەن ئىشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنى يوپۇرغا ناھىيەسىگە تۈركۈملەپ يۆتكەپ، مەزكۇر ناھىيەنىڭ چىلان باغۋەنچىلىكىنى مونوپول قىلغان ۋە شۇنداقلا ئىشەك سودىسى تىجارىتىنى يولغا قويغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نوپۇس سانى بۇ ناھىيەدە تەدىرىجى ھالدا كۆرۈنەرلىك ئاشقان.

بۈگۈن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، يوپۇرغا ناھىيەسى يەكشەنبە بازار يېزىسىدىكى نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر دېھقان مەزكۇر يېزىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ھەققىدە ئۆزى بىلىدىغان بەزى مەلۇماتلار بىلەن بىزنى تەمىن ئەتتى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.