يوپۇرغا بايئاۋاتتىكى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ قاقتى - سوقتىسى ئۈچۈن پۇرسەت بولغان

0:00 / 0:00


مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بەلگىلىك دەرىجىدە خىراجەت ئاجراتماقتا، بۇ خىراجەت يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشتىن كۆپ، يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ خەلقنى قاقتى - سوقتى قىلىشلىرىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرمەكتە. يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ بايئاۋات يېزىسىدىن دەل ئاشۇ ئەھۋالنىڭ تىپىك بىر مىسالى بايقالدى. ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر يېزىدىكى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى، يېزىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى رەئىسى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ، قۇرۇلۇشنى ئۆزىنىڭ قېيىن ئىنىسىغا ھۆددىگە بەرگەن، ھۆددىگە ئالغۇچى كەسپ ئەھلى بولمىغاچقا، قۇرۇلۇشنى ۋاقتىدا پۈتتۈرەلمىگەن ۋە قۇرۇلۇش سۈپەت ئۆلچىمىدىن ئۆتەلمىگەن. ئالاقىدار ئورۇنلار مەزكۇر ئەمەلدارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلغاندا، پەقەت ئۇنى مەنسىپىدىنلا ئېلىپ تاشلىغان، ئاھالىلەر تارتقان زىيااننى تۆلەتكۈزمىگەن ياكى تۆلەپ بەرمىگەن.

يوقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.