خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ 2015 - يىللىق ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە تىزىملىكىدە توققۇزاقلىق قانۇن دوختۇرى ئابدۇۋەلى ئابدۇكېرىمنىڭ زەمىن ساقچىخانىسىدا جەسەت تەكشۈرۈۋېتىپ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ئۆلگەنلىكى بايان قىلىنغان. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا زەمىن يېزىلىق ساقچىخانىدىكى بىر خادىم قانۇن دوختۇرى ئابدۇۋەلى ئابدۇكېرىم شۇ كۈنى تەكشۈرگەن جەسەتنىڭ مەزكۇر يېزىدا يۈز بەرگەن بىر ۋەقەگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى پاش قىلدى. يېزىدىكى بىر كەنت سېكرېتارى بولسا زەمىن يېزىسىدا ئۆتكەن يىلى ساقچىخانا باشلىقى مەمەت سىدىقنىڭ ۋەھىمىلىك ھالدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ جەسىتىنى قانۇن دوختۇرى ئابدۇۋەلى ئابدۇكېرىمنىڭ تەكشۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مانا بۇ ئۇچۇرلاردىن «ئىنقىلابىي قۇربان» قانۇن دوختۇرى ئابدۇۋەلى ئابدۇكېرىمنىڭ يۈرەك كېسىلىنى قوزغاتقان زەمىن ساقچىخانا باشلىقى مەمەت سىدىقنىڭ ئۆلۈمى ئىكەنلىكى، ئەمما ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بولغاچقا، خىتاي تەرەپنىڭ بۇ ۋەقەنى تا ھازىرغىچە ئاشكارىلىمىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلىرىنى ئاڭلايسىلەر.
0:00 / 0:00