چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار يۇرتىغا قايتقان ھامان تەكشۈرۈشتىن ئۆتىشى شەرت ئىكەن

0:00 / 0:00

ئىنكاسلاردىن خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان چەتئەلدىن يۇرتىغا قايتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىۋېلىپ، ئورۇنسىز پاراكەندىچىلىك ۋە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا ھەتتا چەتئەللەردىن يۇرتىغا قايتىپ بارمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ قىيىن قىستاقلارغا ئۇچرىغان. يېقىندا ئاتۇش دائىرىلىرىنىڭ چەتئەللەردە ئۆز ئالدىغا دىن ئۆگىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرھال قايتىپ كېلىشى ئاگاھلاندۇرۇلغان بىر ئۇقتۇرۇشنى تارقاتقانلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. دائىرىلەرنىڭ يۇرتىغا قايتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قاراتقان تەكشۈرۈش تەدبىرلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش يوللىرىنى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاسپورتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلىدىغانلىقى، بولۇپمۇ دىنىي ساھەلەردە ئىلىم تەھسىل قىلغۇچىلارنىڭ نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنىۋاتقانلىقى دەلىللەندى.

ئىنكاسلاردىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە زىيالىيلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا يەنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشكە مەجبۇرلاپ ھەر خىل شەكىللەردە تەقىب ئاستىغا ئېلىۋاتقانلىقى مەلۇم ئىدى. يېقىنقى يىللاردا چەتئەللەرگە چىقىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئوقۇغۇچىلارنى كونترول قىلىش ئۈچۈن يولغا قويۇۋاتقان چارە تەدبىرلىرىمۇ كۈچەيمەكتە. يېقىندا رادىيومىزغا ئۆزىنى تۈركىيەدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتتا ئىسلام دىنى بويىچە بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر دەپ تونۇشتۇرغان بىرەيلەننىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، دائىرىلەر ئۇنىڭ ئائىلىسى ئارقىلىق ئۇنىڭ دەرھال يۇرتىغا قايتىپ كېلىشنى ئۇقتۇرغان. ئەمما ئۇ ئوقۇشى پۈتمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ھازىر قايتىپ بارالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئارقىدىنلا دائىرىلەر ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىپ تەھدىت سېلىش ئارقىلىق يۇرتىغا قايتىشقا مەجبۇرلىغان. ئۇنىڭ ئاتا -ئانىسى ساقچىخانىغا زور جەرىمانە تۆلەپ يېقىندا قۇتۇلغان ئىكەن. بۇ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ياش، نۇرغۇن زىيالىيلارغا ئوخشاش چەتئەلدە ئۆز ئىقتىسادىغا تايىنىپ، ھېچ ئىشقا ئارىلاشماي ئوقۇۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئۇرۇق -تۇغقانلىرىنى قورقۇتۇپ، قايتۇرۇپ كېلىشكە تەھدىت سالغان. ئۇ يەنە بۇ خىل كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان بېسىملار سەۋەبلىك يۇرتىغا قايتماسلىق نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

مىسىردا ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ رادىيومىزغا يەتكۈزگەن يازما ئىنكاسىغا قارىغاندا،ئۇيغۇر رايونىدىن مىسىرغا ئەۋەتىلگەن ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ئۆمىكى 9-مارت مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇلارغا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە ئەگەشمەسلىك، ئاۋاز قوشماسلىق، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە ئېغىز ئاچماسلىق ھەققىدە تەنبىھ ۋە تەربىيەلەر بەرگەن ۋە ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشى ھەققىدە ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلىگەن. بۇ ئۇچرىشىشقا مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى قاتناشقان. ئىنكاسلارغا قارىغاندا دائىرىلەر ئۆزلىرى بىلەن ماسلاشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاسپورتىنى ئۇزارتىش ۋە يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى زىيارەت قىلىش ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.بۇنىڭ تەسىرىدە بەزى ئوقۇغۇچىلار قايتىپ بارغان بولۇپ، قايتىپ بېرىشنى خالىمىغان ئوقۇغۇچىلار بولسا بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك بېسىم ھەمدە تەھدىتلەرگە ئۇچرىغان.

يېقىندا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان، ئاتۇش دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ چۈشۈرگەن چەتئەللەردە ئىسلام دىنىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇرۇن قايتىپ كېلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنىڭ، بۇ ئىنكاسلارنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى كۆرسەتمەكتە.ئۇقتۇرۇشتا ھەتتا، دىنىي تەلىم ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەلگىلەنگەن قەرەل ئىچىدە قايتىپ كەلمىگەندە قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقىمۇ ئاگاھلاندۇرۇلغان.

ئىنكاسلاردىن قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئۇقتۇرۇشنى بۇ يىل بېشىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، مىسىر، ئەرەبىستان، تۈركىيە قاتارلىق جايلاردىن قايتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەقىبگە ئۇچرىغانلىقى مەلۇم.

چەتئەللەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ قېتىم يىغىپ ئۇلارغا بىر تەرەپتىن ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىپ قىزىقتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتايغا قارشى پائالىيەت ۋە گەپ سۆزدىن يىراق تۇرۇشىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئۈستۈن ئاتۇشتىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە قىلغان تېلېفون زىيارىتىمىزدىن، دائىرىلەرنىڭ چەتئەللەردە دىنىي تەلىم ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى قايتىپ كېلىشكە دەۋەت قىلىپ ئۇقتۇرۇش تارقاتقانلىقى دەلىللەندى.تېلېفون ئالغان ساقچىنىڭ دېيىشىچە بۇنىڭدا ئاساسەن، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات» دەپ ئېتىراپ قىلىنىپ كىنىشكا تارقىتىلغانلاردىن باشقىلارنى تەكشۈرۈش ئاساس قىلىنىدىكەن.

ھالبۇكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ تاشقى ئىشلار بۆلۈمىدىن تېلېفوننى ئالغان خىتاي ساقچى، چەتئەلدە دىندا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ھەققىدە ئۇنداق بىر ئۇقتۇرۇش چىقمىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئاخىرىدا يەنە «ئوقۇغۇچىلار قايتىپ كەلگەندە پاسپورتىنى تەكشۈرسە نېمە بوپتۇ، مەسىلە كۆرۈلمىسىلا قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ» دەپ تەكىتلەپ قويدى.

ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇرۇشلۇق جەنۇبتىكى بەزى جايلارنىڭ مۇقىملىق باھانىسىدە بەزى پەرقلىق يەرلىك تەدبىرلەرنى چىقىرىپ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ كەلدى، بۇنىڭمۇ ئوخشاش ئۇيغۇرلارنى مەركەز قىلغان جايلارنىڭ يەرلىك تەدبىرى ئىكەنلىكى قەشقەر جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ساقچىسىنىڭ سۆزىدىن دەلىللەندى.

بۇ ساقچىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۇقتۇرۇش قىشلىق تەتىلنىڭ ئالدىدا چىقىرىلغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ۋە يازلىق تەتىلدىمۇ چەتئەلدىن يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلار ئوخشاش تەكشۈرۈلۈشكە، بولۇپمۇ دۆلەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن سىرت ئۆز ئالدىغا دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇغانلار نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدىكەن.

تۈركىيە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەدىس ئىلمى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتى ئابدۇسالام ئابدۇلھەكىم، يېقىنقى بىر ئىككى ئاي ئىچىدە تۈركىيەدە ئىسلام دىنى ئىلىملىرىنى ئۆگىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىدىن ئۆزىنىڭمۇ خەۋىرى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئۆلىما -ئالىملىرىنى ھەر خىل بوھتانلار بىلەن تەقىب قىلىپ بولغاندىن كېيىن، مانا ئەمدى مۇھاجىرەتتكى دىنى ئۆلىمالارنىمۇ تۈرلۈك شەكىلدە تەقىب ئاستىغا ئېلىۋاتقانلىقى، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى دىنىي ئېتىقادىدىن ئايرىش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە توختالغان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان «ئىككى يۈزلىمىچى» دېگەن قالپاق بىلەن ئۇيغۇر كادىرلار، ۋەتەنپەرۋەر دىنى زاتلارنى ھەر خىل بوھتانلار بىلەن زەربە بېرىش ئوبيېكتى قىلغاندىن سىرت يەنە ھەتتا زۇلۇمىغا سۈكۈتتە تۇرغان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ ئوخشاشلا دۈشمەن كۆرمەكتە ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي كىملىكىگە قارىتىلغان تۈرلۈك ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتمەكتە ئىكەن.

يېقىندىن بۇيان رادىيومىزغا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزلىرى ۋە ئائىلىسىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىنكاس كېلىپ، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا ئوخشاش چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ ھەقسىزلىق ۋە زۇلۇمدىن دۇنيانى خەۋەردار قىلىشنى مۇراجىئەت قىلغان بولسىمۇ،لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆز كىملىكى ۋە ھەتتا ئاۋازىنى ئاشكارىلىيالماسلىقىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قاراتقان تەقىب قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكىنى روشەن ھالدا كۆرسىتىپ تۇرماقتا.