ناخشىچى زاھىرشاھ ئابلىمىتنىڭ ئاتۇش سانائەت رايونىدىكى «5‏-تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئىكەنلىكى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.12.11
zahir-shah-we-ata-anisi.jpg ناخشىچى زاھىرشاھ ئابلىمىت ئاتا-ئانىسى بىلەن تۈركىيەدە ساياھەتتە. ئىستانبۇل (ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
Oqurmen Taminligen

ناخشىچى زاھىرشاھ ئابلىمىتىنىڭ نەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا ئاتۇش شەھىرىدىن 10 كىلومېتىرچە ئۇزاقلىقتىكى يېڭى سانائەت رايونىدا تەسىس قىلىنغان ئاتالمىش «5‏-تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئىكەنلىكى دەلىللەندى. زاھىرشاھنىڭ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئاكىسى ئابدۇۋارىس ئىنىسىنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئارقىلىق لاگېرلار مەسىلىسىنى دۇنياغا تونۇتۇش ئىشىدا ئۆزىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئاتۇش سۈنتاغ كەنتىنىڭ ساقچى خادىمى ناخشىچى زاھىرشاھ ئابلىمىتنى بۇندىن 5 يىل بۇرۇن كۆرگەنلىكىنى، زاھىرشاھنىڭ سەنئەت پائالىيىتىدىكى ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ بىلەن بىرەر سورۇندا ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە زاھىرشاھنىڭ دادىسى ئابلىمىت ۋە ئاپىسى بۇخەلچەملەرنىڭ قاچان ۋە قەيەردە تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. زاھىرشاھنىڭ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئاكىسى ئابدۇۋارىس ئابلىمىت ئۆزلىرىنىڭ ئائىلە ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ ئىنىسى زاھىرشاھتىن باشقا ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ لاگېردا ئىكەنلىكىدىن خەۋىرى بارلىقىنى، ئەمما ئاتۇشتا مائارىپ ساھەسىدە ئىشلەۋاتقان بىر ھەدىسى ۋە ئىككى سىڭلىسىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.

ئابدۇۋارىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، ناخشىچى زاھىرشاھ يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى ئۈرۈمچى ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ئويۇن قويۇش بىلەن ئۆتكەن. زاھىرشاھ 2015‏-يىلى «يىپەك يولى ساداسى» ناخشا مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندا ئۆزىنىڭ سەنئەت ھاياتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن.

ئاتۇشتىكى مەلۇم بىر ساقچى خادىمى زاھىرشاھ ئابلىمىتنىڭ نۆۋەتتە ئاتۇشتىكى بىر لاگېردا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە ئۇ ئاتۇشتىكى سانائەت رايونىغا تەسىس قىلىنغان «5‏-تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامالغان ئىكەن.

زاھىرشاھنىڭ ئاكىسى ئابدۇۋارىس ئۆزىنىڭ ئىنىسى تۇتۇلۇپ بىر يىلدىن كېيىن ئەھۋالنى ئاشكارىلىشىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ دەسلەپتە ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىغا جەزم قىلالماي قالغان. كېيىنچە ئىشەنچلىك ئۇچۇرغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، دېلونى جىددىيلەشتۈرۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئەھۋالنى ئاشكارىلاشتىن ئۆزىنى تارتقان. ئاخىرى ئۇ ۋەزىيەتنىڭ كۈندىن-كۈنگە يامانلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئىنىسىنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشنىڭ ئىنىسى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ تەقدىرى ئۈچۈنمۇ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ دۇنياغا بىلىنىشى ئۈچۈنمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.