دائىرىلەر «زامانغا لايىق مەدەنىي كىيىنىش» نىڭ مەجبۇرىي يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى

0:00 / 0:00


ئۆتكەن ھەپتە قەشقەرگە ساياھەتكە بارغان بىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ «پۈتۈنلەي زامانىۋىيلاشقان قەشقەر» نى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزى كۆرگەن مەنزىرىنى «شىمالدىكى ئۈرۈمچى، شىخەنزە قاتارلىق شەھەرلەردىن پەرقسىز ھالەت» دەپ تەسۋىرلىگەن. ئۇ يەنە پەقەت قەشقەرگىلا خاس بولغان ئەر، ئاياللارنىڭ كىيىنىشى ۋە توي ئادەتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەنلىكىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. رادىيومىزغا ئەھۋال ئىنكاس قىلغان ئۇيغۇرلارمۇ بۇ خىل ئۆزگىرىشنىڭ ھۆكۈمەت يولغا قويۇۋاتقان «دىنىي رادىكاللىقتىن يىراقلىشىپ مەدەنىيلىشىش» تەشەببۇسىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ئىدى. بۈگۈن رادىيومىز ئىگىلىگەن باشقا ئەھۋاللاردىن جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى كورلا، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىمۇ بۇ خىل «زامانغا لايىق مەدەنىيلىشىش» تەشەببۇسى مەجبۇرىي يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. كورلىدىكى بىر نەپەر خىتاي ساقچىمۇ بۇ يۈزلىنىشنى دەلىللەپ، كورلا شەھىرىدە «دىنىي يوسۇندا كىيىنىدىغان ئاياللارنىڭ تامامەن تۈگىگەنلىكى» نى بىلدۈردى.

جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەشقەر، ئاقسۇ، كورلا قاتارلىق جايلىرىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ھۆكۈمەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «زامانغا لايىق مەدەنىيەتلىك كىيىنىش» تەشەببۇسى سەۋەبلىك، ئاياللار ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىپ، ياغلىق ئارتىدىغان ئەھۋالنىڭ ئاساسەن قالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاقسۇدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئوقۇتقۇچى، ئۆزى تۇرۇشلۇق ناھىيە بازىرىدىكى ئەھۋالنى تەسۋىرلەپ، مەزكۇر ناھىيىدە ئۆزىگە ئوخشاش ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئىدارىلەردە خىزمەت قىلىدىغان ھۆكۈمەت كادىرلىرى ئارىسىدا ئۇزۇن كۆينەك كىيىپ، رومال ئارتىدىغان ئاياللارنىڭ تامامەن يوقلۇقىنى، يېزا - سەھرالاردىن ناھىيە بازىرىغا سودا - سېتىق، دوختۇرغا كۆرۈنۈش، توي - تۆكۈن، مېھماندارچىلىق قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن كىرىدىغان ياش، ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار ئارىسىدىمۇ ئۇزۇن كۆينەك كىيىپ، ياغلىق ئارتىدىغان ئەھۋالنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ ھۆكۈمەت يولغا قويۇۋاتقان «دىنىي رادىكاللىقنى تۈگىتىپ، زامانغا لايىق كىيىنىش» تەشۋىقاتىنىڭ مەزكۇر ناھىيىدىكى نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ خانىم بايانىدا يەنە، ئۇلارنىڭ ناھىيىسىدە بارلىققا كەلگەن بۇ خىل ئوموميۈزلۈك «مەدەنىيلىشىش» تە مەزكۇر تەشەببۇسنى ئاساسلىق خىزمەت ۋەزىپىسى قىلغان يېزىلارغا چۈشۈرۈلگەن كادىرلار، ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشۋىقات خىزمىتىدىن باشقا، يەنە «مەجبۇرلاش» ئۇسۇلى قوللانغانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قەشقەر شەھىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم، ئۆزىنىڭ 2009 - يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، مەجبۇرىي ھالدا يۇرتى قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يېزا كادىرلىرىنىڭ ئۆي - ئۆيلەرگە كىرىپ تەكشۈرۈشى ۋە يېزىدا ئېلىپ بېرىلغان «ئۆگىنىش كۇرسلىرى» غا قاتناشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلگىرىكى دىنىي يوسۇندا كىيىنىشىنى ئۆزگەرتىپ، «مەدەنىي كىينىش»نى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن كولا شەھىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىرەيلەن كورلىدىكى ئەھۋالنى بايان قىلىپ، «ھازىر كورلا شەھىرىدە كوچىلاردا ئۇزۇن كۆينەك كىيىپ، چوڭ رومال - ياغلىقلىرىنى قىسقۇچلار ئارقىلىق تۇراقلاشتۇرغان ئىسلامىي كىيىنىدىغان ئاياللارنى كۆرمەيسىز. بىلىشىمچە، بۇ يىل 5 - ئايدا كورلا شەھىرىدە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ، ياغلىق ئارتقان، ئۇزۇن كۆينەك كىيگەن ئاياللارنىڭ كوچىدا يۈرۈشىگە چەكلىمە قويۇلدى» دېدى.

كورلىدىكى سايباغ ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، مەزكۇر ساقچىخانىنىڭ خىتاي مىللىتىدىن بولغان كېچىلىك نۆۋەتچى خادىمى «مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ زىيادە ئۇزۇن كۆڭلەك ۋە جىلباپ كىيىشى، بېشىغا پوسما كىيىپ ئۇنىڭ سىرتىدىن ياغلىق ئارتىشى چەكلىنىدىغانلىقىنى ۋە نۆۋەتتە بۇ خىل ئىسلامى يوسۇندا كىيىنىش ئادىتىنىڭ كورلا شەھىرىدە پۈتۈنلەي تۈگىگەنلىكى» نى بىلدۈردى.

مەزكۇر نۆۋەتچى ساقچى مۇنداق دېدى:«ئاياللارنىڭ كىينىشىگە ئەلۋەتتە بەزى چەكلىمە بار. بۇ يەردە ئاياللارنىڭ كىيىنىشى دىنىي تۈس ئالمىغان بولۇشى كېرەك. ھازىر كورلىدا ئەرەبلەردەك قاپ - قارا رەڭلىك ياغلىق ۋە ئۇزۇن كۆڭلەك كىيگەنلەر يوق. مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن ياكى تۇڭگان بولسۇن، ئاياللارنىڭ دىنىي تۈس ئالغان كىيىملەرنى كىيىشى كورلىدا چەكلىنىدۇ. شۇڭا بۇنداق كىيىنگەنلەر بايقالسا ئەلۋەتتە تەدبىر قوللىنىلىدۇ.»

5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئۈندىداردا كورلىدىكى نەشپۈتزار ئاھالىلەر كومىتېتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان «ئاياللارنىڭ دىنىي يوسۇندا كىيىنمەسلىكى» ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغان ئىدى. شۇ چاغدا كورلىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ساقچىخانا خادىمىمۇ مۇخبىرغا ئۇقتۇرۇشنىڭ راستلىقىنى دەلىللەپ، كورلا شەھىرىدىكى ئاياللارنىڭلا دىنىي يوسۇندا كىيىنىشى چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى باشقا ئۆلكە، شەھەرلەردىن كورلىغا ساياھەتكە كەلگەن ئاياللارنىڭمۇ كورلا شەھىرىدە ئىسلامىي يوسۇندا كىيىنىشى چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ھازىر كورلىدا بۇنداق كىيىنىش ئەھۋاللىرى پۈتۈنلەي تۈگىدى، شۇڭا سىرتتىن كەلگەنلەرگىمۇ ئاشۇ تەلەپنى قويۇۋاتىمىز. ئەگەر سىز چەتئەلدىن ۋەتەنگە قايتماقچى بولسىڭىز، ئەلۋەتتە كۆڭلەك كىيسىڭىز بولىدۇ، ياغلىق چىگسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمما سىزنىڭ كىيىنىشىڭىزدە ئىسلامىي تۈس ئىپادىلەنمەسلىكى كېرەك. يەنى قاپ - قارا رەڭلىك ئۇزۇن كۆڭلەك ۋە قارا ياغلىق ئارتماسلىقىڭىز كېرەك» دېگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، 2015 - يىلى 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت «يەر شارى ۋاقتى»گېزىتىدە بېرىلگەن بىر خەۋەردە « 2015 - يىلى 24 - ئاۋغۇست كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى «تېررورلۇققا ئائىت كىيىملەرىنى كىيىشنى چەكلەش» نامىدىكى بىر لايىھىگە قاراپ چىقىشقا باشلىغانلىقى،ئەگەر مەزكۇر لايىھە ماقۇللانغان تەقدىردە تېررورلۇق، رادىكاللىققا مۇناسىۋەتلىك كىيىملەرنى كىيگەنلەر ۋە باشقىلارنى كىيىشكە مەجبۇرلىغانلار ئەڭ ئاز دېگەندە 3 يىل قاماق جازاسى بىلەن جازالىنىدىغانلىقى» تىلغا ئېلىنغان.

خىتاينىڭ «تېررورلۇققا مۇناسىۋەتلىك كىيىملەر»نى چەكلەشكە ئالاقىدار لايىھىسى 2015 - يىلى 24 - ئاۋغۇست كۈنى چەتئەل ئاخباراتلىرىدىمۇ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، «UCAnews» خەۋەرلەر تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە خىتاي ھۆكۈمىتى تىلغا ئېلىۋاتقان ئاتالمىش «تېررورلۇققا مۇناسىۋەتلىك كىيىملەرنى چەكلەش تەدبىرى»نىڭ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا ئاللىقاچان ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 2015 - يىل بىرىنچى ئايدىن باشلاپ جامائەت سورۇنلىرىدا بۇرقا كىيىشنى چەكلەش قانۇنىنى رەسمىي ماقۇللىغانلىقى ۋە بۇ سەۋەبلىك قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان كىشىلەر بارلىقىنى مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرگەن. خەۋەردە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاساسەن دىنسىز بولغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىسلامى يوسۇندىكى كىيىملەرنى قارشى ئالمايدىغان ئومۇمىي كەيپىياتىنىڭ بىر نامايەندىسى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا بارلىققا كەلگەن بۇ خىل ۋەزىيەتنى «دىنىي رادىكاللىققا زەربە بېرىلىپ، مەدەنىيلىشىش ئومۇملاشتى» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن مەدھىيىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار قاتتىق قول ۋاسىتىلەر ۋە مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا تېڭىلىۋاتقان ئاتالمىش «مەدەنىيلىشىش» تەشەببۇسىنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، ئۆرپ - ئادەت، مەدەنىيىتى قاتارلىق نازۇك نۇقتىلارغا تېگىشىنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.