ئۇيغۇر ئېلى پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ سۆزلىرى تېخىمۇ كەسكىن ۋەزىيەتتىن خەۋەر بەرمەكتە

0:00 / 0:00


ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چۈنشيەن بېيجىڭدىكى ئىككى قۇرۇلتاي مەزگىلىدە قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىنى تېررورلۇققا زەربە بېرىشنىڭ ئاساسلىق جەڭ مەيدانى، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ بۈگۈن يەنە مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى بىلەن كۈرەش قىلىش ئۈچۈن دۆلەتلىك خەۋپسىزلىك كومىتېتى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەلقئارا جامائەت خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋەقەلەردىن ساۋاق ئېلىپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنىمۇ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىدىن سۆز ئېچىشى نارازىلىق قوزغىماقتا.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئىرادەدىن مەلۇمات ئاڭلىغايسىلەر.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، 1 - مارت كۈنمىڭدىكى ۋەقە دەل بېيجىڭدا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىككى قۇرۇلتىيى باشلانغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولغاچقا، قۇرۇلتايغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چۈنشيەن ۋە رەئىس نۇر بەكرىلەر تەبىئىي ھالدا مۇخبىرلار قىزىقىدىغان شەخسكە ئايلانغان ئىدى. ئەمما، بۇ ئىككى ئەمەلدارنىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنىدا 2 يېرىم سائەت سۆز قىلىپ تۇرۇپمۇ، كۈنمىڭدىكىدەك شۇنچە چوڭ بىر ۋەقەدىن سۆز ئاچماسلىقى مۇخبىرلارنى ھەيران قالدۇرغان. جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، يىغىن بويىچە سۆز قىلغان ۋەكىللەر ھەممىسى ئاساسلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادى، سېلىنىدىغان مەبلەغلەر ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ئۈستىدە سۆز قىلغان. خىتاينىڭ س س ت ۋ قاتارلىق ھۆكۈمەت ئاۋازىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ پۈتۈنلەي ئىقتسادقا ئائىت سوئاللارنى سورىغان. يىغىن ۋاقتى توشاي دېگەندە ئىككى چەتئەللىك مۇخبىرغا سوئال سوراش نۆۋىتى تەگكەندىن كېيىن، ئاندىن كۈنمىڭدىكى ۋەقە ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققدە سۆز ئېچىلغان. فونىكس تېلىۋىزىيىسىنىڭ مۇخبىرى نۇر بەكرىدىن ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن بۇندىن كېيىن نېمە قىلىدىغانلىقىنى سورىغان. نۇربەكرى بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، تېررورچىلار ھەممىمىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، بىز ئۇلارغا زەربە بېرىشنى داۋام قىلىمىز، ئۇلار مەغلۇپ بولۇۋاتىدۇ، بىزنىڭ ئۆزىمىزگە ئىشەنچىمىز بار، دېگەن. ئۇيغۇر ئېلى پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چۈنشيەن يەنە بىر چەتئەللىك مۇخبىرنىڭ سورىغان ئوخشاش سوئالىغا «بۇ خىل زوراۋان ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. بۇ رادىكال كۈچلەر ئىنتېرنېت ئارقىلىق رادىكاللىقنى يايماقتا» دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چۈنشيەن ئالدىنقى كۈنى قىلغان بىر سۆزىدە يەنە، شىنجاڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىشنىڭ ئالدىنقى لىنىيىسى، ئاساسلىق جەڭ مەيدانى. ئۇ ھازىر زوراۋان تېررور ھەرىكەتلىرى جانلىنىۋاتقان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى ئۇرۇش كەسكىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە تۇرماقتا، دېگەن ئىدى. جەنۇبىي جۇڭگو گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، جاڭ چۈنشيەن ئۇيغۇر ئېلىدا مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن بۇندىن كېيىن دۆلەتلىك خەۋپسىزلىك كومىتېتى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بولسا نۇر بەكرى ۋە جاڭ چۈنشيەنلەرنىڭ سۆزىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ كېلىپ چىقىۋاتقان ۋەقەلەرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى جاۋابكار، دەپ ئەسكەرتتى.

كۈنمىڭدىكى ۋەقەدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان خەلقئارا مـەتبۇئاتلار ۋە شان روبېرتېسقا ئوخشاش مۇتەخەسسىسلەر مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلغان مۇلاھىزىلىرىدە، كۈنمىڭدىكى ۋەقەنى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ قانچىلىك ئۆتكۈرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەڭ پاچىئەلىك بىر ئىسپات، دېگەن ۋە ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى دەرھال كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىدىغان سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلماقتا. دىلشات رىشىت ئەپەندىمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز سىياسىي ھوقۇقلىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىركىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. شۇڭا ئۇ ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن سايلانمىغان بۇ ئىككى ۋەكىلنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلىش سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتى كۈنمىڭدىكى ۋەقەدىن كېيىن ۋەقەگە ئائىت ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىپ، شىنخۇا خەۋەلەر تورىدىن باشقا ھەرقانداق خەۋەر تورىنىڭ بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىشىنى چەكلىگەن. ئۇلار يەنە مۇلاھىزە تور بەتلىرىدىمۇ كىشىلەرنىڭ تېما ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشىنى چەكلەپ، ئالاقىدار تېمىلارنى ئۆچۈرۈۋەتكەن. بۈگۈن ئىستانسىمىز خىتايچە بۆلۈمى بەرگەن خەۋەردىن قارىغاندا، دائىرىلەر ھازىرغىچە ئىنتېرنېتتا كۈنمىڭ ۋەقەسى ھەققىدە ئۆسەك سۆز تارقىتىپ، جەمئىيەتتە ئەندىشە پەيدا قىلدى، دەپ جەمئىي 45 كىشىنى جازالىغان. خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى باستۇرۇپ، مۇشۇنداق ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىش بىلەن ئەيىبلىسە، خىتاي پۇقرالىرى ھۆكۈمەتنى پۇقرالارنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلالماسلىق بىلەن ئەيىبلىمەكتە. ئەمما، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ رەئىسى جاڭ چۈنشيەن خىتاي ھۆكۈمەت ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان يەر شارى ۋاقتى گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە، ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرالىرىنى ئاقلاپ، ۋەقە بىزنىڭ رايونغا قاراتقان مىللىي ۋە دىنىي سىياسىتىمىزنىڭ خاتالىقىنى ياكى بىزنىڭ يېقىنقى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەيدۇ، بۇنداق تېررورلۇق 11 - سىنەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، چېچەن تېررورلۇقىدىن كېيىن ۋە 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن كېڭىيىپ كەتتى، دېگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، جاڭ چۈنشيەننىڭ بۇ سۆزلىرى تېخىمۇ كەسكىن بىر ۋەزىيەتنىڭ خەۋەرچىسى ئىكەن.