كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ئاققۇنلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىشى بارغانسېرى ئەۋج ئالماقتا.
ئۇلارنىڭ كېلىپ-چىقىش تارىخى، سەۋەبلىرى ھەم ئاقىۋەتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كەمسىتىشلەرگە ئۇچراپلا قالماي، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئاققۇنلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇشقا، زوراۋانلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ تەشۋىشكە سالماقتا.
خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپلەپ بېسىپ كىرىشى مۇشۇنداقلا داۋام قىلىپ، ۋەزىيەت يەنىمۇ كەسكىنلەشسە، ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرى قانداق بولىدۇ، دېگەن سوئال كۆپچىلىكنى ئويلاندۇرۇشى مۇمكىن.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەسلىھەتچىسى رىزا سەمەدى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ۋەكىللىرىدىن بىرى تۇرسۇن ھاجىم ئارزىيېف بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.