خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «ئەتىگەنلىك بازا ھۇجۇمى» نى «ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلەر پەيدا قىلغان» دەپ ئەيىبلىدى. ئۇنداقتا ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ. بىز بۇ توغرىسىدا نۆۋەتتە خىتاينىڭ مەلۇم بىر شەھىرىدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر قىزنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ سابىق خىتاي رەئىسى ماۋزىدوڭنىڭ ئۈزۈندىلىرىنى نەقىل ئېلىپ تۇرۇپ، «زۇلۇم بار يەردە قارشىلىق» بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇشۇ ئاينىڭ 22 - كۈنى ئۈرۈمچىدىكى بىر ئەتىگەنلىك بازاردا بازىرىدا پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 30 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن 100 گە يېقىن ئادەم يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
س: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، سىز ھازىر قەيەردىن گەپ قىلىۋاتىسىز؟
ج: بۇنى سورىمىغان بولسىڭىز.
س: تۈنۈگۈن ئۈرۈمچىدە بولغان ئىشتىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟
ج: ھە خەۋىرىم بار.
س: بۇرۇن ئۇيغۇرلار قارشىلىقنى خىتاي ھاكىمىيىتىگە، ئەسكەر ۋە ساقچىلىرىغا قارىتىپ كەلگەن يېقىندىن بېرى ھۇجۇمنى خىتاينىڭ خەلقىگىمۇ قىلىدىغان بولدى بۇنىڭدىكى سەۋەب نېمە؟
ج: خىتايمۇ بىزنىڭ قولىدا تومۇرنىڭ سۇنۇقى يوق خەلقىمىزنى ياغلىق چىگدىڭ ناماز ئوقۇدۇڭ، دەپ تۇتۇپ، ئۇرۇپ، ئۆلتۈرۈپ، كوچىلاردا ياشلارنىمۇ كىچىككىنە ئىشلار بىلەن تۇتۇپ كېتىپ، ئۆلتۈرۈپ بەك زۇلۇم قىلىپ كەتتى. ئۇلاردا قورال بار؛ بىزدە يوق بولغاندىكىن، ئۇلارنىڭ قوراللىق ئەسكەرلىرىگە تەڭ كېلىپ بولمىغاندىكىن، ئۇلارمۇ بىزنىڭ خەلقىمىزنى ئۆلتۈرۈۋاتقان تۇرسا، شۇ خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئۇسۇلىنى قوللىنىپ خىتاينىڭ خەلقىگە ھۇجۇم قىلماي ئامال يوق، دەپ ئويلىغانمىكىن دەيمەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن خىتاينىڭ خەلقىنى گۇناھسىز دەپ قارىمايمەن، ئۇلارمۇ ئەسكەرلىرى بىلەن بىللە بىزنى باستۇردى. بۇنى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە ئىسپاتلىغانىدى. ھۆكۈمىتى قولىغا توقماق تارقىتىپ بەرسە كوچىدا ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈپ قانغا بويىۋەتكەن شۇ چاغدا..
س: لېكىن بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانسا خەلقئارادا تېررورىزم دەپ قارىلىپ يامان تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنغۇ؟
ج: خىتايغۇ بەرىبىر بىزنى ئۆيدە جىم ئولتۇرساقمۇ، ھېچنېمە قىلمىساقمۇ تېررورىست دەيدۇ، شۇڭا خىتاي نېمە دېسە دېسۇن. ئەمما بىزنىڭ بىگۇناھ خەلقىمىزنى خىتاي قوراللىق ئۆلتۈرسە خەلقئارا بۇنىڭغا ئارىلىشىپ خىتاينى توختىتالمىدى، بىزگە بىر ئاللا، ئۇندىن باشقا ئۆزىمىزنىڭ قارشىلىقىدىن باشقا ياردەم قىلىدىغان ھېچكىم يوقكەن.
س: ھازىر بۇ ئىشقا ئەتراپىڭىزدىكى ئۇيغۇرلاردا قانداق ئىنكاسلار بولۇۋاتىدۇ؟ مەسىلەن بۇ ۋەقەنى پەيدا قىلغانلارنى، مۇشۇلار جىم ئولتۇرمىغاچقا خىتاي بىزنى باستۇرىدۇ، جىم ئولتۇرسا بولمامدۇ، دەيدىغان ئەھۋاللار بارمۇ؟
ج: مەنچە بارمىكىن دەيمەن، لېكىن شۇ خىزمىتىدىن قۇرۇق قېلىشتىن قورقۇپ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن ئەنسىرەپ ئېغىزىدا شۇنداق دەپ قويىدۇ، ئەمما كۆڭلىدىن چىقىرىپ ئۇنداق دەيدىغانلار يوق.
س: بەزىلەر، بۇ خىل يولنى تۇتقاندا خىتاي بىزنى تېخىمۇ ھەسسىلەپ يوقىتىدۇ، بىزدە قورال يوق ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەيمىز، مىللىتىمىز بەك جىق بەدەل تۆلەپ كېتىدۇ، دەپ قارايدۇ، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
ج: بىزنى 1949 - يىلدىن تارتىپ قارشىلىق كۆرسەتسەك - كۆرسەتمىسەك بىزنى يوقىتىپ كېلىۋاتىدۇ. ماۋزىدوڭ خىتايمۇ «زۇلۇم بار يەردە؛ قارشىلىق بولىدۇ» دەپتىكەن. باستۇرۇۋەرسە بىز جىم تۇرۇپ بەرسەك تېخىمۇ بوزەك قىلىدۇ، ھېلىمۇ بوزەك قىلىپلا كەلدى. بىزمۇ قارشىلىقىمىز ئارقىلىق ئۆزىمىزگە ياردەم قىلساق ئاللاھمۇ ئىچى ئاغرىپ بىزگە ياردەم قىلىدۇ. خەلقئارامۇ ئىشنىڭ ماھىيىتىنى ھامان بىر كۈنى تونۇپ يېتىپ، بىزگە ياردەم قىلىدۇ، دەپ ئويلايمەن، شۇڭا چوقۇم قارشى
0:00 / 0:00