ئىستانبۇلدا، «شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش كېچىسى» دېگەن نامدا يىغىن ئېچىلدى

0:00 / 0:00

2013-يىلى 11-ماي شەنبە كۈنى مەركىزى ئەنقەرەگە جايلاشقان ئەھدى ۋافا بىرلەشمىسى ناملىق تەشكىلاتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا، «شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش كېچىسى» دېگەن نامدا يىغىن پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا ئەھدى ۋافا بىرلەشمىسى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇل ۋە ئەزالىرى، شەرقى تۈركىستان ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى، ئۆزبېكلەر بىرلىكى، ئىمكان دەر جەمئىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

يىغىنغا ئەھدى ۋافا بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن سەلمان ئورلۇجا ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە ئەھدى ۋافا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تاييار تەرجان ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

تاييار تەرجان سۆزىدە مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىنىڭ ئەسلى ساھىبلىرى مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرىدۇر، ئۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش مەقسىتىدە بۇ كېچىدە پائالىيەت قىلىۋاتىمىز. بىز ئەھدى ۋافا بىرلەشمىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قولىمىزدىن كېلىشىچە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشقا تىرىشىمىز. «ئەھدى ۋاپا بىلەن ياشا، ئەھدى ۋاپا بىلەن ياشات» ئوقۇمىنىڭ، ئېتىقادىمىز، ئىنسانلىقىمىز، ۋىجدانىمىزنىڭ ئاساسى دەستۇرى ھالغا كېلىشنى ئارزۇ قىلىمىز.

يىغىندا، تۈرك خەلقىنىڭ ئەلسۈيەر سەنئەتچىسى ئەخمەت يېڭىلمەس ئەپەندى سۆز قىلىپ، 15 يېشىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق بۇ ھەقتە قولىدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇشتا تىبەتلەردىن ئۈلگە ئېلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرى، يەر ئاستى يەر ئۈستى بايلىقلىرى توغرىسىدا سۆز قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىنى ئاڭلاتتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى، دىنى بېسىمنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى خىتايچە ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە مەجبۇرىي يۆتكەپ، ئىچكىرىدىن خىتاي كۆچمەنلەرنى يۆتكەپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئاز سانلىققا چۈشۈرۈش ئۈچۈن كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلەرنى كۆچۈرۈپ يەرلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى، 1949-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 4 مىليون 331 مىڭ بولۇپ خىتاينىڭ نوپۇسى ئاران 290 مىڭ ئىكەنلىكىنى، 1949-يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە خىتاي ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچمەن يەرلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتايلارنىڭ نوپۇسى ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ئىكەنلىكىنى، خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا 200 مىليون خىتاي كۆچمەن يەرلەشتۈرۈش توغرىسىدا پىلان تۈزگەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتىپ، ئۇيغۇرلارنى ئاز سانلىققا چۈشۈرۈش قويۇش، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنى ئەبەدىيلىك ئۆزىنىڭ زېمىنى قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چوڭ بىر تەھدىت ئاستىدا قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە يىغىن ئەھلىگە خىتاب قىلىپ، تۈركىيە خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەكلىكىنى، ئاخبارات ئورگانلار شۇنداقلا ھەر بىر تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشى، بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى دوكتور ئۈمەر قۇل، ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدى.