«ۋەتەنسىزلىك – قەدىرسىزلىك كەچۈرمىشلىرىم» ماۋزۇلۇق كىتاب ئىستانبۇلدا نەشردىن چىقتى

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئارسلان
2022.03.23
«ۋەتەنسىزلىك – قەدىرسىزلىك كەچۈرمىشلىرىم» ماۋزۇلۇق كىتاب ئىستانبۇلدا نەشردىن چىقتى
RFA/Arslan

«ۋەتەنسىزلىك – قەدىرسىزلىك كەچۈرمىشلىرىم» ماۋزۇلۇق بۇ كىتاب  ئۇيغۇر پائالىيەتچى مۇھەممەد تۈرسۇن ئەمەت ئۇيغۇر تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، سۇتۇق بۇغراخان نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى.

بۇ كىتاب 796 بەت، 9 باب ۋە 112 تېمىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كىتابتا ئاپتور 1972 - يىلىدىن  باشلاپ 1997 – يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن  ئايرىلغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك سەرگۈزەشتلىرىنى ۋە  1997 – يىلى 3 – ئايدىن 2019 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى چەتئەللەردە خۇسۇسەن تۈركىيەدە ياشاش جەريانىدا بېشىدىن ئۆتكەن ھايات سەرگۈزەشتلىرىنى ھەم ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن مۇھىم ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنى ھەم يازغان.

ئاپتور كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە مۇنداق يازغان: «مەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ كىتابنى ئوقۇغاندا، قانداقتۇر بىرەر ئەدەبىي ئەسەر ياكى ھېكايە دەپ ئويلاپ قالماسلىقىنى، كىتابتىكى ھەر بىر باب ۋە ھەر بىر ۋەقەلىكنى <راست بولغان ۋەقە> دەپ چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

بىز بۇ كىتاب توغرىسىدا كىتابنىڭ ئاپتورى مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئاپتور مۇھەممەد تۇرسۇن ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇ چەتئەلدە ياشاپ كەلگەن 22 يىللىق ھاياتى بويىچە كۈندىلىك خاتىرە يېزىپ كېلىۋاتقان بولۇپ ئۇ بۇ كىتابنى كۈندىلىك خاتىرىسىدىن  تۈركىيەدە نەشر قىلىنغان بىر قىسىم گېزىت - ژۇرناللاردىن پايدىلىنىپ ئۈچ يىل ۋاقىت چىقىرىپ يېزىپ نەشرگە تەييارلىغان.

ئاپتورنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ تۈركىيەگە كەلگەن 1997 – يىلىدىن باشلاپ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار بىلەن بىرگە ياشاپ كەلگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ سېپىدە ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ جەريانىدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك شاھىت بولغان مۇھىم ئىشلارنى، ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنى دەلىل – پاكىتلىرى ۋە تارىخلىرى بىلەن ئۆزگەرتمەستىن ئەينەن يازغان.

 ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ كىتابنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىققان ھەرقانداق كىشى، تۈركىيەدە 22 يىل جەريانىدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك يۈز بەرگەن نۇرغۇن ئىشلار، ھۆكۈمەت ۋە سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى، ئۆزگىرىشلەر ھەم مۇھىم شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلار توغرىسىدا مەلۇماتقا ئىگە بولالايدىكەن.

ئاپتور بۇ كىتابنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا پايدا ئېلىپ كېلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ يېزىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز يەنە بۇ كىتابنى نەشرگە تەييارلاشتا تەھرىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مۆمىنجان سىدىق بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. مۆمىنجان سىدىق بۇ كىتابنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئاپتور بۇ كىتابتا 22 يىللىق چەتئەل ھاياتىدا شەرقىي تۈركىستان بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەيلى پائالىيەت بولسۇن، مەيلى چوڭ ئىشلار بولسۇن خاتىرە دەپتىرى تۇتۇپ يېزىپ ماڭغان بولغاچقا كىتابتا يېزىلغان مەزمۇنلار ئاساسەن تارىخىي ۋەقەلىكلەرنى بىلىش، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارغان شەخسلەرنى تونۇش، تۈركىيە ۋەزىيىتى ۋە  جەمئىيىتىنى بىلىش، خەلقئارالىق سىياسىي ئەھۋاللارنى تونۇشتىمۇ ئەمەلىي ئەھۋالنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ يازغان بىر كىتاب بولغاچقا ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ ئويلايمەن».

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر  ئەسلى  كۇچار ناھىيەسىدىن بولۇپ ئۇ ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، 1997 – يىلى تۈركىيەگە كەلگەن. ئۇ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا  سىياسىي  دەۋا  يولىدا ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان شەخسلەردىن بىرى. ئۇنىڭ «100 مەشھۇر ئۇيغۇر» ناملىق كىتابى 2018 – يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغانىدى. ئۇنىڭ  ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا يېزىلغان ئونلىغان ماقالىلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىندى. مۇھەممەد تۇرسۇن ئۇيغۇر، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ ھازىر ئۈچ پەرزەنتى ۋە ئايالى بىلەن ئىستانبۇلدا ياشاپ كېلىۋاتىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.