14-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكانىڭ «بايراق كۈنى» بولۇپ، بۇ كۈن ھەربىيلەر بايرىمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ كۈندە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەركىنلىك ئۈچۈن قىلىنغان جەڭلەردە قۇربان بولغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى خاتىرىلىنىپ، ئۇلارغا گۈلچەمبىرەكلەر تەقدىم قىلىنىدۇ. بۇ كۈندە يەنە ئامېرىكادىكى كوممۇنىزم قۇربانلىرىنى خاتىرە فوندى تەرىپىدىن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كوممۇنىزم رېجىمىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان قۇربانلارنى خاتىرىلەش پائالىيىتىمۇ ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنمەكتە.
بۇ يىللىق كوممۇنىزم قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى بۇندىن 12 يىل ئىلگىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بوز دەۋرىدە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوننىڭ نېۋ-جېرسى كوچىسى بىلەن ماسساچۇسېتس كوچىسىنىڭ كېسىشكەن جايىغا ئورنىتىلغان ئەركىنلىك ھەيكىلى مەيدانىدا 14-ئىيۇن كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دا ئۆتكۈزۈلگەن.
بۇ يىللىق پائالىيەتكە ئىلگىرى كوممۇنىستىك رېجىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان شەرقىي ياۋروپا، ئاسىيا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى 20 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغان دىپلوماتلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ۋاشىنگتوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.
مۇراسىمغا قاتناشقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مەزكۇر پائالىيەتتە كوممۇنىزم قۇربانلىرى قاتارىدا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان تيەنئەنمىن قۇربانلىرى، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭمۇ تىلغا ئېلىنغانلىقىنى، پائالىيەت داۋامىدا كوممۇنىزم قۇربانلىرىغا ئاتاپ خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەكلەرنىڭ قويۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.
مەزكۇر پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ باشلىقى مارىيون سمىت ئەپەندى ۋە مەزكۇر فوندنىڭ مەسئۇللىرىدىن دوكتور لېې ئېدۋارد قاتارلىقلارمۇ سۆز قىلدى. ئۇلار بايانلىرىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، شەرقىي گېرمانىيە، پولشا، ئالبانىيە، چېخىسلوۋاكىيە، رۇمىنىيە، ۋېنگىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر، ئاسىيادىكى خىتاي، شىمالىي كورېيە، ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە جەنۇبىي ئامېرىكادىكى كۇبا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان قۇربانلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىرغان.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر پائالىيەتتە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئاستىدا ھېلىھەم زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان خەلقلەر ھەققىدىكى بايانلارنىڭ ئۆزىگە ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇراسىمدا يەنە 2019-يىللىق «ترومان-رېگان ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە ۋەزىپە ئۆتەپ، 1974-يىلى پېنسىيىگە چىققان سابىق ئۇچقۇچى كولگائىل خالۋېرسونغا بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان.
روشەن خانىم بۇ ھەقتە توختالغىنىدا بۇندىن بىرقانچە يىللار ئىلگىرى مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگىمۇ بېرىلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.