خىتاي ۋىرۇسشۇناس دوختۇر لى مېڭيەن كورونا ۋىرۇسىنىڭ لابوراتورىيەدە ياسالغان ۋىرۇس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان پەننىي پاكىتلىرى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
«نيۇ-يورك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دوختۇر لى مېڭيەن ئۆز بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن بولۇپ، ئۇ يېقىدىن بۇيان يەنە ئوتتۇرىغا چىقىپ كورونا ۋىرۇسىنىڭ خىتايدا ياسالغانلىقنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ جۈمە كۈنى ئەنگلىيەدىن تارقىتىلىدىغان «ITV» قانىلىنىڭ سۆھبەت پروگراممىسىدا ئۆزىنىڭمۇ ئۆتكەن يىلى كورونا ۋىرۇسىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلۇق تەتقىقاتىغا قاتناشقانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇ، بۇ ۋىرۇسنىڭ قەيەردە ياسالغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ: «ئۇ ۋۇخەندىكى بىر لابوراتورىيەدىن تارقالغان. بۇ بىر خىتاي ھۆكۈمىتى كونتروللۇقىدىكى لابوراتورىيە» دېگەن.
ئۇ يەنە مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەندىكى بىر دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىن تارقالدى، دېگەن سۆزلەرنىڭ بىر كۆز بويامچىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە مۇنداق دېگەن: «بۇ ۋىرۇس تەبىئەتتىن كەلگەن ئەمەس. مەن بۇ ئاخباراتلارنى يەرلىك دوختۇرلار ۋە خىتاي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورگانلىرىدىن ئىگىلىدىم.»
دوختۇر لى مېڭيەن ئەسلى خوڭكوڭ ئاممىۋى ساغلاملىق ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر لابوراتورىيەدە ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇ 2019-يىلى دېكابىردىلا بۇ ۋىرۇسنىڭ ئادەمدىن ئادەمگە يۇقىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەندە ئۇنىڭ باشلىقى ئۇنى ئاغزىنى يۇمۇشقا بۇيرۇغان.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ ماھىيىتىنى دۇنياغا ئاشكارىلاش ئۈچۈن بۇ يىل ئاپرېلدا ئامېرىكىغا قېچىپ كەلگەن ئىكەن.
ھالبۇكى خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋىرۇسنىڭ تەبىئەتتىن كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۇرۇپ، چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋە خەلقئارا ئورگانلارنىڭ ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش تەلىپىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.
مەزكۇر ۋىرۇس بايقىلىپ ھازىرغا كەلگۈچە دۇنيا مىقياسىدا 900 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىدى.