كۆزەتكۈچىلەر: «خىتاينىڭ ئاتالمىش ‹شىنجاڭ ئاخبارات يىغىنى› ئۇنىڭ ‹ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى› دىكى جىنايى جاۋابكارلىقىنى ئېچىپ بەردى»
2021.06.11

لوندوندا 4-ئىيوندىن 7-ئىيۇنغىچە داۋام قىلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، گۇۋاھچىلارنىڭ بەرگەن كۈچلۈك ئىسپاتلىرى ھەرخىل تىللاردىكى خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە باش بەتتىن ئورۇن ئالدى. بۇ قېتىمقى مۇستەقىل ئاممىۋىي سوتتا 30 دىن ئارتۇق گۇۋاھچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر يازما ۋە ئاغزاكى شەكىلدە گۇۋاھلىق بەردى.
خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئاخبارات قاناللىرى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ بۇ قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا، بولۇپمۇ نەق مەيداندا گۇۋاھلىق بەرگەن گۇۋاھچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى توختاتمىدى. خىتاي دائىرىلىرى 9-ئىيۇن مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنى «بىر مەيدان تىياتېر» دېسە، خىتاينىڭ لاگېر سىستېمىسى ئۈستىدىن گۇۋاھلىق بەرگەن گۇۋاھچىلارنى «ئارتىس» لار دەپ ھاقارەت قىلدى.
ئەمەلىيەتتە «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيىسى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىمۇ لوندوندىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتنىشىپ ئۆزىنى ئاقلاشقا، ئۆزىنى قوغدايدىغان ھەرقانداق دەلىل-ئىسپاتلىرى بولسا نەق مەيداندا كۆرسىتىشكە دەۋەت قىلغان ئىدى. ھالبۇكى، خىتاي تەرەپتىن ھېچقانداق بىر جاۋاب كەلمىگەن. ئەكسىنچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئاساسسىز ھالدا بۇ سوتنى قارىلاپ، مەزكۇر سوتتا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى مەجبۇرىي سۆزلىتىپ، ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرىنى يالغانغا چىقىرغان. ھەتتا ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلغان. خىتاينىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرى نۆۋەتتە خەلقئارانىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.
خىتاي ھۇجۇم نىشانى قىلغان لاگېر شاھىدلىرىدىن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن بىلەن مېھرىگۈل تۇرسۇن قاتارلىقلار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا ئىنكاس قايتۇردى. ئۇلار ئۆزلىرىگە قارشى سۆزلىتىلگەن ۋە گۆرۈگە ئېلىنغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ مەجبۇرىي ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتى توقۇپ چىقىپ تەييارلىغان يالغان ھېكايىلەرنى ئوقۇپ بېرىشكە زورلانغانلىقىنى پاش قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لوندوندىكى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قارشى خېلى بۇرۇنلا تەييارلىق كۆرگەنلىكى مەلۇم. لوندوندىكى سوتتا خىتاينىڭ رايوندىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى» ئۈستىدىن پاكىتلىق ئىسپاتلارنى بەرگەن سايراگۈل ساۋۇتباي، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، مېھرىگۈل تۇرسۇن قاتارلىقلارنىڭ بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى، شۇنداقلا زۇمرەت داۋۇتنىڭ 5-ئاكىسى ئابدۇخېلىل داۋۇتنى زورلاپ قايتىدىن سەھنىگە چىقارغان.
زۇمرەت ئاكىسىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن قايتا-قايتا بۇ خىل يالغان گۇۋاھلىققا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن كۆڭلى يېرىم بولسىمۇ، ئۇ بۇ ھەقتە قايتا توختىلىشنىڭ ئەھمىيىتى يوقلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ لوندوندىكى ئاممىۋىي سوتنىڭ خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئېچىشقا يېتەرلىك ئىسپات بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ۋە سوتنىڭ ئۈنۈملۈك بىر قارار چىقىرىشىغا ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي يوقىرىقى لاگېر شاھىدلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن باشقا يەنە سوتتا خىتاينىڭ تۈرمىلەردىكى قىيىن-قىستاقلىرى ئۈستىدىن گۇۋاھلىق بەرگەن مەخمۇت تەۋەككۈل، خىتاينىڭ نوپۇس قىرغىنچىلىقى جىنايىتىى ھەققىدە ئىسپات بەرگەن شەمشىنۇر ئابدۇغوپۇرلارنىڭمۇ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۇلارغا قارشى سۆزلەتكەن.
خىتاي بۇ نۆۋەتلىك «مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى» نامىدىكى بۇ سەھنىگە قانچىلىك تەييارلىق قىلغان بولمىسۇن، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ «تەشۋىقات ئويۇنى» نىڭ ئارقىسىدىكى يالغانچىلىقى چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان.
ئەنگىلىيە ITV خەۋەرلىرىنىڭ ئاسىيا خەۋەرلىرى مۇخبىرى دېبى ئېدۋارد خىتاينىڭ سەھنىلەشتۈرۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا باھا بېرىپ: «ئەيىبلەشنى باشقا ئۇسۇل بىلەنمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولاتتى. ئەمما خىتاي بۈگۈن ئەتىگەندە ئېلىپ بارغان بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى تىياتېر شەكلىدە ئالدىن رېپىتىس قىلىنغان بىر سىنارىيەدىن باشقا نەرسە ئەمەس،» دېگەن.
نۆۋەتتە ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا خىتاينىڭ بۇ ئاخبارات يىغىنىدا مەجبۇرىي سۆزلەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ كەيپىياتىدىكى بىنورماللىقلار، ئۇلارنىڭ تەبئىىي بولمىغان ھالىتى، تىترىگەن ئاۋازلىرى ۋە ماسلاشمىغان ئىنتۇناتسىيەلىرى ھەققىدە تۈرلۈك ئانالىزلار داۋام قىلماقتا.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرتۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات يۇرۇڭقاش ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ ئاتالمىش «ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» دا ئۇستىلىق بىلەن «ئويۇن» ئوينىماقچى بولۇپ چاندۇرۇپ قويغانلىقىنى، خىتاينىڭ ساختىلىقلىرىنىڭ دۇنيانىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
پەرھات ئەپەندى «خىتاينىڭ بۇنداق بىر ئويۇننى ئويناشقا مەجبۇر بولۇشىنىڭ ئۆزى، ئۇنىڭ لوندوندىكى مۇستەقىل سوتتا ئۆزىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلغۇچى سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى بىلەن ئوخشاشتۇر،» دەيدۇ.
«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيىسى» 9-ئايدا ئىككىنچى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈدىغانلىقى مەلۇم. مەزكۇر سوت ئاخىرىقى دوكلاتىنى بۇ يىل 12-ئايدا ئېلان قىلىشنى پىلانلىماقتىكەن.