ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرەش قىسسەسى، 3-قىسىم: ياش ئەۋلادلارنى كۈچلەندۈرۈش

2023.12.06

بۇ قىسىمدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ياش ئابدۇسەمى خوتەننىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىزدىنىش مۇساپىسى تونۇشتۇرۇلىدۇ.

ئابدۇسەمى خوتەن دەسلەپ 2016-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ سودا-تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئەمما 2017-يىلى چېگرا تاقىلىپ قالغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى تامامەن كېسىلىپ، تەنھا ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۈمىدسىزلىك ۋە چارەسىزلىك ئىچىدىن ئىرغىپ تۇرغان ئابدۇسەمى خوتەن ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ، تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد ياشلار مەركىزى قۇرۇپ چىقىدۇ.

بۇ مەركەز كېيىنچە مۇساپىرەتتە قىيىن ئەھۋالدا قالغان، ھەتتا ئۇرۇش-تالاش، ئوغرىلىق ۋە زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولۇپ قېلىشتەك ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پاناگاھىغا ئايلىنىدۇ.

160 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشقا ئىگە چىققان بۇ مەركەز، مۇھاجىرەتتىكى چىقىش يولى تاپالمايۋاتقان ياشلارنىڭ پاناھلىنىش، تەربىيەلىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىش، شۇنداقلا نورمال ھاياتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان رەزىل كۈچلەرگە قارشى مۇستەھكەم قورغانىغا ئايلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.