مەشھۇر لاگېر سۈرىتىدىكى بىرەيلەننىڭ قاش تېشى سودىگىرى ئېلىئاخۇن قارى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى
2019.04.29
مەشھۇر لاگېر سۈرىتى، يەنى لوپ ناھىيەلىك «تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ يىغىن مەيدانىدىن تارتىۋېلىنغان سۈرەتتىكى 3-رەتتە ئولتۇرغان كىشىلەردىن بىرىنىڭ قاش تېشى سودىگىرى، ۋەزىپىسىز دىنىي زات ئېلىئاخۇن قارى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. ئېلىئاخۇن قارىنى سۈرىتىدىن تونۇۋالغان ئىككى نەپەر لوپلۇق مۇھاجىر ئۇنىڭ ئىلگىرى خوتەندە دىنىي ساھەدە ئەتراپلىق تەلىم ئالغانلىقى، قاشتېشى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ياخشى كۆپ تاپقانلىقى ۋە كىشىلەرنى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا يېتەكلىگەنلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.
مەلۇم بولۇشىچە، مەشھۇر لاگېر سۈرىتىدىن تونۇۋېلىنغان كىشىلەردىن ئېلىئاخۇن قارى لوپ ناھىيە دول يېزا 5-كەنتتىن بولۇپ، ئۇ ئەتراپلىق دىنىي مەلۇماتى، قاش تېشى سودىسىدىكى ئۇتۇقلىرى، كىچىك ئاممىۋى سورۇنلاردىكى ۋەز-نەسىھەتلىرى، بولۇپمۇ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىدىكى ئاكتىپلىقى ۋە باشلامچىلىقى بىلەن لوپتىكى ئەل ئىچىدە تونۇلغان ۋە ھۆرمەت تاپقان بىر كىشى ئىكەن. گۇۋاھچىلارنىڭ دېيىشىچە، ئۇ جەمئىيەتتە خىتايغا قارشى ھېچقانداق سۆز ۋە ھەرىكەتلەردە بولمىغان، ئەمما ئۆز مىللىتى ۋە مەھەللە جامائىتىگە قارىتا ھەر ۋاقىت تېگىشلىك بىر مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى نامايان قىلىپ كەلگەن ئىكەن.
ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2000-يىللاردىن باشلاپ دىنىي مەلۇماتلىق كىشىلەرنى «نۇقتىلىق كىشىلەر» قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئىزچىل تەقىب ئاستىغا ئالغان. بولۇپمۇ 2010-يىللاردىن كېيىن ۋەزىپىسىز دىنىي زاتلارنى «ياۋا ئاخۇنلار» دەپ ئاتاپ، ھەر قېتىملىق دولقۇن خاراكتېرلىك سىياسىي ھەرىكەتلەردە زەربە نىشانى قىلغان. 2014-يىلى «زەنجىرسىمان قاتتىق زەربە بېرىش» دولقۇنى باشلانغاندا سابىق مەھبۇس ۋە گۇماندارلارمۇ يىغىۋېلىنىپ زەربە بېرىلگەن. 2017 -يىلى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى تەسىس قىلىنغاندا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن سودىگەرلەر، بولۇپمۇ خەير-ساخاۋەتچىلەر لاگېرنىڭ نۇقتىلىق تۇتقۇن ئوبيېكتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئېلىئاخۇن قارىم يۇقىرىقى زەربە نىشانى ۋە تۇتقۇن ئوبيېكتى شەرتلىرىنىڭ ھەممىسىگىلا چۈشىدىغان كىملىك ساھىبى بولۇپ، ئۇنىڭ تۇتۇلۇشىغا يۇقىرىقىلاردىن بىرى ياكى ھەممىسىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.