قەدرىيە غوپۇر: «گۇۋاھلىق باياناتىمغا تۈركلەردىن قىزىقىش زور، خىتايدىن رەسمىي ئىنكاس يوق»

0:00 / 0:00

نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان قەدرىيە غوپۇر ئۆتكەن ئايدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاقسۇ نىڭ توقسۇ ناھىيەسىدە 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەن ئانىسى ھاجىرە روزى ھەققىدە تۈركچە ۋە ئۇيغۇرچە بىر يۈرۈش گۇۋاھلىق باياناتى ئېلان قىلغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ باياناتلار تۈرك جامائەت پىكرى سورۇنلىرىدا كۈچلۈك قىزىقىش قوزغىغان.

بۇ ئىنكاسلار ھەققىدە رادىيومىزغا پىكىر بايان قىلغان قەدرىيە غوپۇر باياناتىنىڭ تۈركلەردە زور قىزىقىش پەيدا قىلغانلىقى، ئەمما خىتاي تەرەپتىن رەسمىي يوسۇندا ئىنكاس قايتمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ دەۋا سېپىگە پۇختا روھىي ۋە ئىدىيەۋىي تەييارلىق بىلەن ئاتلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىش ئارقىلىق پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.