زۇمرەت ئىسھاق: «تاراتقۇلاردا گۇۋاھلىق بەرگەندىن كېيىن ئاتا-ئانام قويۇپ بېرىلدى»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019-05-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ھازىر شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان زۇلخۇمار ئىسھاق خانىمنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىسھاق پەيزۇللا ئەپەندى ۋە زۆھرە تالىپ خانىم توغرىلىق ئۇيغۇر رايونى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ چىقارغان ئۇقتۇرۇشى.
ھازىر شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان زۇلخۇمار ئىسھاق خانىمنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىسھاق پەيزۇللا ئەپەندى ۋە زۆھرە تالىپ خانىم توغرىلىق ئۇيغۇر رايونى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ چىقارغان ئۇقتۇرۇشى.
Zulxumar Is’haq teminligen

خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغان، كومپارتىيە ئەزاسى بولغان ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ لاگېرغا قامالغانلىقى ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارا گۇۋاھلىق بەرگەن ھەدە-سىڭىل زۇلخۇمار ئىسھاق ۋە زۇمرەت ئىسھاق ھەققىدە 12-ماي كۈنى خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» تىدە مەخسۇس سىن پروگراممىسى بېرىلگەن ئىدى. بۇ ھەدە-سىڭىللاردىن نيۇ-يوركتا تۇرىدىغان زۇمرەت ئىسھاق رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا گۇۋاھلىق بەرگەندىن كېيىن، بولۇپمۇ مەزكۇر خەۋەر خەلقئارا تاراتقۇلاردا تارقالغاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسىنىڭ لاگېردىن قويۇپ بېرىلىپ ئۆيىگە قايتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت