زۇمرەت ئىسھاق: «تاراتقۇلاردا گۇۋاھلىق بەرگەندىن كېيىن ئاتا-ئانام قويۇپ بېرىلدى»

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغان، كومپارتىيە ئەزاسى بولغان ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ لاگېرغا قامالغانلىقى ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارا گۇۋاھلىق بەرگەن ھەدە-سىڭىل زۇلخۇمار ئىسھاق ۋە زۇمرەت ئىسھاق ھەققىدە 12-ماي كۈنى خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» تىدە مەخسۇس سىن پروگراممىسى بېرىلگەن ئىدى. بۇ ھەدە-سىڭىللاردىن نيۇ-يوركتا تۇرىدىغان زۇمرەت ئىسھاق رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا گۇۋاھلىق بەرگەندىن كېيىن، بولۇپمۇ مەزكۇر خەۋەر خەلقئارا تاراتقۇلاردا تارقالغاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسىنىڭ لاگېردىن قويۇپ بېرىلىپ ئۆيىگە قايتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.