قەشقەر ۋىلايىتى «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نى چەتئەلدىن مەخپىي تۇتۇش ھەققىدە مەخسۇس ھۆججەت تارقاتقان

0:00 / 0:00

يېقىندا رادىئومىز قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەرقايسى يېزا-بازار ۋە ئىدارە-جەمئىيەتلەرگە تارقاتقان «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نىڭ مەخپىيەتلىكىنى قاتتىق ساقلاش ھەققىدىكى ھۆججىتىنى قولغا چۈشۈردى. بۇ ھۆججەتتە «كەسپىي تەربىيە» خىزمىتىنىڭ پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ بىر تۇتۇش قوماندانلىقىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىجرا قىلىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك بىر مۇقىملىق تەدبىرى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، بۇ خىزمەتكە ئالاقىدار ھەرقانداق بىر ئۇچۇرنى چەتئەلدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» لەردىن قەتئىي مەخپىي تۇتۇش تەكىتلەنگەن. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان سىياسىي كۆزەتكۈچى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى «مۇشۇ ھۆججەتنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىنىڭ ئۆزىمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى ھەرقانداق بىر جىنايەتنى يوشۇرۇپ قېلىشنىڭ مۇمكىنسىزلىكنىڭ بىر ئىسپاتى،» دېدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مەزكۇر مەخپىي ھۆججەتنىڭ نامى «كەسپىي تېخنىكىۋىي تەربىيەلەشنىڭ مەخپىيەتلىك خىزمىتىنى قاتتىق چىڭ تۇتۇش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش» دەپ قويۇلغان. ھۆججەت قەشقەر ۋىلايەتلىك مۇقىملىق خىزمەت گۇرۇپپىسى قوماندانلىق شتابى نامىدا چىقىرىلغان. ھەرقايسى يېزا-بازار، ئىدارە-جەمئىيەت ۋە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتلىرىغا تارقىتىلغان. مەزكۇر ھۆججەتتە ئالدى بىلەن «كەسپىي تېخنىكا تەربىيە خىزمىتى» نىڭ پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، قوللىشى ۋە قوماندانلىقىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىجرا قىلىۋاتقان «مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭ خىزمەت كۆرسەتمىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك بىر تەدبىر» ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

ھۆججەت 2018‏-يىلى 3‏-ئاينىڭ 19‏-كۈنى، يەنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى تەسىس قىلىنىپ بىر يىلدىن كېيىن چىقىرىلغان بولۇپ، ھۆججەتنىڭ باش قىسمىدا مەزكۇر خىزمەتنىڭ بىر يىللىق ئاتالمىش «نەتىجىلىرى» مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ۋە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار شەرھلەنگەن. ئۇنىڭدا ئەڭ زور قىيىنچىلىق سۈپىتىدە چەتئەلدىكى ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنىڭ بۇ بىر يىل جەريانىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» ھەققىدە توختىماستىن ئەھۋال ئېنىقلىغانلىقى ۋە پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا قارا چاپلىغانلىقى، تېررورلۇققا قارشى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مۇقىملىق ۋەزىيىتىگە پۇتلىكاشاڭ چىقىرىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئارقىدىن «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە ئائىت ھەرقانداق بىر ئۇچۇر ۋە ئەھۋالنى ئالاقىدار ئورۇنلاردىن باشقا ھەرقانداق كىشى ۋە ھەرقانداق ئورۇنغا بىلدۈرۈشكە بولمايدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ مۇتلەق مەخپىيەتلىك ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن شۇنداقلا بۇ مەخپىيەتلىكنى قوغداشنىڭ 9 تۈرلۈك تەدبىرى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۇقتۇرۇشتا بۇ ھۆججەتنىڭ روھىنىڭ ئۆيمۇ-ئۆي بىلدۈرۈلۈشى، ھەممە كىشىگە ئۇقتۇرۇلۇشى، يەنى جەمئىيەتتە «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە ئائىت ئۇچۇرنىڭ مۇتلەق مەخپىي ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان ئادەم قالماسلىقى تەلەپ قىلىنغان. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ۋاشىنگتوندىكى سىياسىي كۆزەتكۈچى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ئۇقتۇرۇشنىڭ ئۆيمۇ-ئۆي تارقىتىلىش تەلىپىگە ئاساسەن بۇ يەردە تەكىتلىنىۋاتقان «مەخپىيەتلىك» نىڭ پەقەتلا چەتئەلدىن مەخپىي تۇتۇش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئېلشات ئەپەندى يەنە بۇنىڭغا ئاساسەن بۇ ھۆججەتكە خىتاينىڭ ئۆزى ئىشلەۋاتقان بىر جىنايەتنى ئېتىراپ قىلىش ماھىيىتىدىكى بىر ماتېرىيال، يەنى پاكىت سۈپىتىدە قارىلىشقا بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ھۆججەتتىكى تەدبىرلەرنىڭ بىرىدە «دۈشمەن كۈچلەر» نىڭ ئۆزلىرىنى «پالانى ئىدارىنىڭ رەھبىرى»، «پالانى ئىدارىنىڭ تەتقىقاتچىسى» دېگەندەك سالاھىيەتلەردە تونۇشتۇرۇپ ئۇچۇر ئېلىشقا ئۇرۇنىدىغانلىقى، 'ئۇلارغا قەتئىي ئالدانماسلىق كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان. ھۆججەتتە يەنە «مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش»، «قۇتقۇزۇش ياردىمى بېرىش» دېگەندەك باھانىلەر بىلەن تەلەپ قىلىنغان سۆھبەت ۋە زىيارەتلەرنىمۇ قەتئىي رەت قىلىش بۇيرۇلغان. ئېلشات ھەسەن ئەپەندى خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكى بولمىغانلىقى، يەنى خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرى ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن يوشۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭمۇ مەزكۇر جىنايەتنى پاش قىلىش ئۈچۈن ھەر خىل تەدبىر قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نى مەخپىي تۇتۇش ھەققىدە باشقا ۋىلايەتلەردىمۇ ھۆججەتلەر چىقىرىلغان. خوتەندىكى ئەدلىيە پونكىتى خادىمى لاگېرلارنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ھەققىدە قىزىل باشلىق ھۆججەت بارلىقىنى پاش قىلغان ئىدى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى مەزكۇر مەخپىي ھۆججەتنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ قولىغا چۈشۈشىنىڭ ئۆزىنىڭ دىققەتكە سازاۋەر بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ مانا بۇنىڭغا ئاساسەن بۈگۈنكى دەۋردە ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلىنىۋاتقان بىر جىنايەتنى بۈگۈنكى دۇنيادىن يوشۇرۇپ قېلىشنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى بايان قىلدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ لاگېرلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى قەتئىي مەخپىي تۇتۇش ھەققىدىكى بۇ ھۆججىتى ئاشكارىلىنىشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى توسۇپ بولالمىغانلىقى ھەققىدىكى ئۆزىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى قولىمىزغا چۈشكەن ئىدى.