لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى تۈرك خەلقىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2021.08.06
لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى تۈرك خەلقىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشمەكتە «پانوراما 1326 مۇزېيى» دا ئۆتكۈزۈلگەن رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە بىر قىسىم سۈرەتلەر. 2021-يىلى ئاۋغۇست، تۈركىيە.
RFA/Azigh

خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلىدىن بۇيان يىغىۋېلىش لاگېرى ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش سىياسىتىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ قانات يايدۇرغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتى سەۋەبلىك نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەر پارچىلانغانىدى. لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى بۇ قېتىم تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلەرگە بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئائىلىلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەرنى تۈرك خەلقىگە بىۋاسىتە ئاڭلىتىشنى نىشان قىلغان. مىللەت نۆۋەتتە ھەرىكىتىنى باشلاپ تۈركىيەدە زور غۇلغۇلا قوزغىغان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى 2-ئاۋغۇست كۈنى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان «ئاناتولىيە سەپىرى» پائالىيىتىنى باشلىغانىدى.

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى بۇرسادا تۆت كۈندىن بۇيان ھەرخىل تەشۋىقات، لېكسىيە ۋە كۆرگەزمە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ بۇرسا خەلقىگە ئۇيغۇر داۋاسىنى ئاڭلىتىشتا مۇھىم قەدەملەرنى باسماقتا.

ئىگىلىشىمىزچە، لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ بۇرسادىكى مەزكۇر پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەشتە بۇرسادىكى «يۈسۈف يۈزلۈلەر تەشكىلاتى» ۋە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باشلىقى ۋەيسەل ئاشكىن ئەپەندىم كۆپ كۈچ چىقارغان. ئۇنىڭدىن باشقا بۇرسا ئوسمانگازى رايونلۇق ھۆكۈمىتى، «ئاندا»، «كاردەش» ۋە «ۋافا» قاتارلىق پۇقراۋى تەشكىلاتلار مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشكىللىنىشى ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن ياردەم قولىنى سۇنغان.

«ئانادولۇ سەپىرى» دە ھازىرغىچە ئىككى خەلق مەيدانى ۋە بىر مۇزېيدا رەسىم كۆرگەزمىسى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، پائالىيەتچىلەر رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن «پانوراما 1326 مۇزېيى» نىڭ مۇدىرى ۋە خادىملىرىنىڭ مەزكۇر پائالىيەت ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇنىڭدىن باشقا پائالىيەتچىلەر خەلق مەيدانلىرىدا ۋە بۇرسانىڭ چوڭ كوچىلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى چۈشەندۈرۈلگەن تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقاتقان ۋە خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان.

ئۇنىڭدىن باشقا بۇرسا ئۆردەكلى مەدەنىيەت مەركىزىدە خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان لېكسىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتكە بۇرسادىكى ئۇلۇغداغ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى ۋە بۇرسادىكى جامائەت ئەربابلىرى كېلىپ قاتناشقان.

«ئاناتولىيە سەپىرى» پائالىيىتىنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مىرزەخمەت ئىلياسوغلى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بىر قانچە كۈندىن بۇيان بۇرسادا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. ئۇ يەنە مەزكۇر پائالىيەتنىڭ بۇرسا خەلقى تەرىپىدىن قىزغىن كۈتىۋېلىنغانلىقىنى، ئۆتكۈزۈلگەن لېكسىيە پائالىيەتلىرىنىڭ ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى ۋە كۆپلىگەن ئىجابىي باھاغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى.

مەزكۇر پائالىيەت جەريانىدا يەنە لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى گۇرۇپىپىسىدىكى ئايال پائالىيەتچىلەر «IHH ئىنسانىي ياردەم فوندى» تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاياللار يىغىنىغا قاتنىشىپ، مەزكۇر فوندى جەمئىيەتنىڭ ئايال خىزمەتچىلىرىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى ئائىلىلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەر بىلەن بىللە ئاڭلاتقان.

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن مەدىنە نازىمى خانىم بۇرسادا ئېلىپ بېرىلغان بەزى پائالىيەتلەر ۋە بۇرسا خەلقىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا بولغان قىزغىن پوزىتسىيەسى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن جەۋلان شىرمەمەت ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇرسا خەلقىنىڭ مەزكۇر پائالىيەتكە بولغان قىزغىنلىقىدىن ئىنتايىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ئېيتتى ۋە كېيىنكى پىلانلىرى ھەققىدە توختالدى.

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى تەرىپىدىن ئۆتكەن يىلى 18-دېكابىر باشلانغان «مىللەت نۆۋەتتە» پائالىيىتى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەت ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيەگە ۋە دۇنياغا تونۇتۇشتا مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.