لاگېر شاھىتلىرى: «خىتاي تەكشۈرگۈچىلەرگە لاگېرلارنى ئاچسۇن! خىتاينىڭ جىنايەت ئىسپاتلىرىنى كۆرسىتىشكە بىز تەييار!»
2021.02.08
نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگىنى ئەنگلىيە BBC قانىلى 2-فېۋرال كۈنى، ئۇيغۇر لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، سايراگۈل ساۋۇتباي، قەلبىنۇر سىدىق، گۈلزىرە ئاۋۇلقان قاتارلىق لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقى ئاساسىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ لاگېرلاردا سىستېمىلىق باسقۇنچىلىق ۋە جىنسىي زوراۋانلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر تارقىتىپ، خەلقئارا ئاخبارات ساھەسىدە زور غۇلغۇلا قوزغاپلا قالماي سىياسەت ساھەسىدىكىلەرنىڭمۇ جىددىي ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا.
ھالبۇكى، ئەزەلدىن دۇنيانىڭ ئەيىبلەشلىرى ۋە ئىنكاسلىرىغا ئىنكار قىلىش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇشنى ئادەت قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نۆۋەتمۇ، يەنى 4-فېۋرال ئۆزىنىڭ «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتى قاتارلىق تاراتقۇلىرىدا ھەتتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ بىۋاسىتە سۆزى ئارقىلىقمۇ غەرب مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە ئارقىمۇ-ئارقا مەيدانغا كېلىۋاتقان دەلىل-پاكىتلارنى رەت قىلىش، بارلىق لاگېر شاھىتلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 4-فېۋرال كۈنىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا BBC دا ئېلان قىلىنغان خەۋەر ھەققىدىكى سوئاللارغا «بۇ خەۋەرنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق، بۇBBC نىڭ تۇنجى قېتىم يالغان سۆزلىشى ئەمەس» دەپ جاۋاب بېرىش ئارقىلىق پاكىتنى رەت قىلماقچى بولغان.
«يەرشارى ۋاقتى» گېزىتى 4-فېۋرال تارقاتقان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، BBC نىڭ پارتلاتقۇچ خاراكتېرلىك خەۋىرىنى تۆھمەت دېگەن بولسا، يەنە «بۆلگۈنچى تەشكىلاتلار ئادەتتە ئاياللارنى تاللايدۇ، چۈنكى ئاياللار ۋە ئۇلارنىڭ كۆز ياشلىرى ئوقۇرمەنلەرگە تەسىر قىلىپ، ھېسداشلىق قوزغايدۇ» دېگەن. مەزكۇر خىتاي مەتبۇئاتى يەنە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ قانداقتۇر چەتئەللەردە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن بۆلگۈنچى تەشكىلاتلارنىڭ خىتايغا قارشى ئۇلاردىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىشارەت قىلىپ، ئاتالمىش خىتاي ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى جيا چۈنياڭنىڭ بايانلىرىنى مىسال ئالغان. ئۇ: «بۆلگۈنچىلەر ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئادەتتە بۇ كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشنىڭ يوللىرىنى تېپىپ، ئۇلارنى جۇڭگوغا تۆھمەت قىلىش ئۈچۈن يالغان سۆزلەشكە مەجبۇرلايدۇ» دېگەن.
خىتاي تەرەپ يەنە لاگېردىكى ئاياللارنىڭ «سىستېمىلىق باسقۇنچىلىققا، جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ۋە قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقى» غا ئۆزىنىڭ ۋەھشىيانە باسقۇنچىلىققا ئۇچراش جەريانىنى سۆزلەش ئارقىلىق پاش قىلغان تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننى، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نۇقتىلىق تۈرى بولغان ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى› نىڭ قوللىشى بىلەن ئامېرىكاغا كەلگەنىدى. ئۇ، ئامېرىكادا قېلىشنى ئىلتىماس قىلماقتا. ئۇلار خىتاينى پارچىلاشنى مەقسەت قىلىدىغان تەشكىلات» دەپ ئەيىبلىگەن.
تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «ئۇلار مېنىڭ ھېچقانداق تەشكىلات بىلەن ئالاقەم يوقلۇقىنى ياخشى بىلىدۇ. مەن قازاقىستانغا چىققاندىمۇ خىتاي ساقچىلىرى مېنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقە قىلماسلىق، ئۇلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. مەنلا ئەمەس پۈتۈن لاگېردىكىلەرگە كۈندىلىك مېڭە يۇيۇپ تەربىيەسىدە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى، رابىيە قادىرنىڭ كىملىكىنى ئۆزلىرى ئۆگەتتى بولمىسا بىز بىلمەيتتۇق. ئۇلارنىڭ جىنايىتى، زۇلۇمى بىزنى ئويغاتتى. مەن تەكشۈرگۈچىلەر بىلەن قايتىپ بېرىپ شۇ جايدىكى ئۈزۈم كۆرگەن جىنايەتلەرنى ئىسپاتلاشقا تەييارمەن» دېدى.
«يەرشارى ۋاقتى» گېزىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇندىن باشقا، سايراگۈل ساۋۇتباي، زۇمرەت تۇرسۇن، مېھرىگۈل تۇرسۇن، قەلبىنۇر سىدىق، گۈلباھار جېلىلوۋا قاتارلىق لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقىرىنىمۇ يالغانغا چىقارغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن پەيشەنبە كۈنى دائىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا لاگېر شاھىتلىرىدىن باشقا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلغۇچى چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرگىمۇ تىل تەگكۈزۈپ مۇنداق دېگەن: «يېقىندا شىنجاڭنى ھاقارەتلەيدىغان يالغانچىلىق ۋە مىش-مىش پاراڭلار بەك كۆپ، BBC ۋە ئادرىئان زېنزنىڭ ئىسمى دائىم پەيدا بولىدۇ».
ۋاڭ يەنە لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ سۈرىتىنى مۇخبىرلارغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ، BBC نىڭ 2020-يىلى 7-ئايدا زۇمرەت داۋۇت ئىسىملىك بىر ئايالنى زىيارەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنى «ھېچقاچان لاگېرغا بېرىپ باقمىغان، شۇنداقلا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئوپېراتسىيەسى قىلمىغان»، دېگەن ۋە ئۇنى ئاخباراتلاردا رول ئالغان «ئارتىس» دەپ ھاقارەتلىگەن.
زۇمرەت داۋۇت خىتاينىڭ ئەيىبلىشىگە مۇنداق سوئال بىلەن جاۋاب قايتۇردى: «خىتاينىڭ گەپلىرىدىن مەن تېخىمۇ كۈچلەندىم. بىز ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتاي لاگېرلارغا قاماپ، زۇلۇم قىلىپ، باسقۇنچىلىق قىلىپ، مېڭىسىنى يۇيۇپ، تۇغماس قىلىپ ھەر خىل زۇلۇم بىلەن تۈگەشتۈردۇق دەپ خاتا مۆلچەرلەپ قېلىپتۇ، زىيانكەشلىكلەرنى سۆزلىدۇق، خىتاي بولسا مۇناسىۋەتسىز ۋاسىتىلىك ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنى مەجبۇرىي سۆزلىتىپ رول ئالغۇزىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئارقىسىدا كىم ھەقىقىي ئارتىس كىم رېژىسسور؟»
قازاقىستاندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، قازاقىستان گىراژدانى بولۇشىغا قارىماي قارا قويۇق ھالدا لاگېرغا قامالغان گۈلباھار جېلىلوۋا خانىم فىرانسىيەدىن ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مېنى بىگۇناھ ھالدا 15 ئاي ئۈرۈمچىدە جازا لاگېرىغا قاماپ ئۆزلىرى قازاقىستان مىنىستىرلىرىغا، بالىلىرىمغا مېنىڭ ئۈستۈمدىن ‹تېررورىست› دەپ چىقىرىپ بەرگەن قەغىزىنى قانداق ئىنكار قىلماقچىكەن؟. ئۇ يالغان بولسا مەن ئۇ ئۈرۈمچىدىكى لاگېرنىڭ ئىسىملىرىنى، لاگېردىكىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى قانداق بىلىمەن؟ مەن بىر يىل 3 ئاي 10 كۈن بىگۇناھ سولىغانلىقى ئۈستىدىن خىتاينى سوتقا تارتىمەن».
لاگېردا ئوقۇتقۇچى بولغانلىقى ۋە ئۇ يەردە ئۆز كۆزى بىلەن ساقچىلارنىڭ ئايال تۇتقۇنلارغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىقى ھەققىدە مەتبۇئاتلارغا گۇۋاھلىق بەرگەن ۋە يېقىندا گۇۋاھلىقلىرى كىتاب بولۇپ چىققان، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن، «جاسارەتلىك ئايال» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن سايراگۈل ساۋۇتباي ئۆزىنىڭ ئىسپاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنىپ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىغا ھەيران قالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بارلىق سىياسىتى يالغانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ ۋە يالغانچىلىق بىلەن تەرەققىيات تاپىدۇ» دېدى.
«يەرشارى ۋاقتى» گېزىتىدە، ئىلگىرى لاگېردا ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمۇ ئىنكار قىلىنىپ، ئاياللار لاگېرىدا تۇتقۇنلار ئۇچرايدىغان باسقۇنچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەھشىيلىكلەر ھەققىدىكى گۇۋاھلىقىمۇ پۈتۈنلەي يالغان دەپ ئىنكار قىلىنغان گوللاندىيەدە تۇرۇۋاتقان سابىق لاگېر ئوقۇتقۇچىسى قەلبىنۇر سىدىق، خىتاينىڭ بارلىق لاگېر شاھىتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقىدىن بۇلارنىڭ تەسىرى بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بارلىق لاگېر شاھىتلىرىنىڭ، ئائىلىسى لاگېرغا كىرىپ كەتكەنلەرنىڭ گۇۋاھلىقلىرى يالغان بولسا، نېمىشقا ھازىرغىچە ئائىلىمىز بىلەن كۆرۈشەلمەيمىز؟ تېلېفون ئالاقىسىمۇ قىلالمايمىز؟ راستنى كۆرەيلى، چىگرانى ئېچىۋەتسۇن!».
قەلبىنۇر ئۆتكەن ئايدا رادىئومىزغا دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى سابىق ئېرىنى قەلبىنۇرنىڭ دېگەنلىرىنى يالغانغا چىقىرىپ مەجبۇرىي سۆزلىتىش ئۈچۈن 4 سائەت ئاۋارە قىلغانلىقىنى پاش قىلغانىدى.
«يەرشارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۇ خەۋىرىدە يەنە لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇن ۋە ئۇنىڭ گۇۋاھلىقلىرىمۇ قايتا ئىنكار قىلىنغان. مېھرىگۈل تۇرسۇن مۇنداق دېدى: «بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ماڭا ۋە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرىنى تۇنجى قېتىم ئىنكار قىلىشى ئەمەس، ئىلگىرى 2019-يىلى مەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە لاگېرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەندىمۇ باياناتچى خۇا چۈنيىڭ تەرىپىدىن شۇنداق ھۇجۇمغا ئۇچرىغانىدىم. خىتاي مېنىڭ 5 يىللىق ھاياتىمنى خاراب قىلدى، بالامنى ئۆلتۈردى، يولدىشىمدىن ئايرىلدىم، ئاتا-ئانام ۋە قېرىنداشلىرىم بىلەنمۇ ئالاقەم ئۈزۈلدى، مەن خىتاينى خەلقئارا سوتقا تارتمىغۇچە توختاپ قالمايمەن».
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى BBC نىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قۇرغان جازا لاگېرلىرىدىكى ئاياللارنىڭ «سىستېمىلىق باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى» توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى سەزگۈر ئەيىبلىشىنى «تۆھمەت قىلدى» دەپ ئىنكار قىلىشنىڭ ئالدىدا، ئامېرىكانىڭ بىر قىسىم دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ خەلقئارا بىرلىكى 2-فېۋرال بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلغانىدى. باياناتتا ئۇلار خىتاينىڭ بۇ خىل ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ھەمدە ئۆز ھۆكۈمەتلىرىنى بۇ جىنايەتنى قەتئىي تەكشۈرۈشكە چاقىرغانىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ 4-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ: «ئىنساننىڭ ۋىجدانىنى قاتتىق ئازابلايدىغان بۇ ۋەھشىيانە قىلمىشلارنىڭ جاۋابكارلىقى چوقۇم سۈرۈشتە قىلىنىشى كېرەك،» دېدى.
ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىمۇ BBC ئاشكارىلىغان خىتاينىڭ لاگېرىدا داۋام قىلىۋاتقان ئاياللارنى سىستېمىلىق قىيناش ۋە خورلاش ھەققىدىكى كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئىسپاتلىق مەلۇماتلارنىڭ ئۆزلىرىدە جىددىي ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقى ھەققىدە 4-فېۋرال خىتايغا ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «رايونغا دەرھال تەكشۈرگۈچى ئەۋەتىلىشى كېرەك» دېگەنىدى.