پىچان لەمجىنلىك غالىپجاننىڭ لاگېردا بىر مەست خىتاي ساقچى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ئايدا رادىيومىزغا كەلگەن ۋە ئۈرۈمچىدىن يوللانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بىر مەكتۇپتا، پىچان ناھىيە لەمجىن يېزا 10-كەنت 3-مەھەللە ئەزاسى 35 ياشلىق غالىپجاننىڭ ئۆتكەن يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى لاگېردا ئۆلگەنلىكى مەلۇم قىلىنغانىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، غالىپجاننىڭ لاگېردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر مەست ساقچى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

مەزكۇر ئىنكاسچىنىڭ بايان قىلىشىچە، غالىپجاننىڭ لەمجىن بازىرى 10-كەنت، 3-مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئانىسى 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى لاگېر باشقۇرغۇچىلىرىدىن ئوغلىنىڭ دوختۇرخانىدا ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش ئالغان. غالىپجاننىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى شۇ كۈنى كەچ سائەت 6:30 مەزگىلىدە دوختۇرخانىغا بارغىنىدا، غالىپجاننىڭ كۆكسىگە يۈرەك قوزغاتقۇچ قويۇلغان ھالەتتىكى جەسىتىنى كۆرگەن. دائىرىلەر ئۇلارغا غالىپجاننىڭ يوشۇرۇن يۈرەك كېسىلى بارلىقى، لاگېردا بۇ كېسىلىنىڭ قوزغىلىپ قالغانلىقى، دوختۇرخانىغا ئەكېلىنگەندە قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي جان ئۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما دائىرىلەر ئۇلارغا غالىپجاننىڭ يۈز-كۆزى ۋە بەدىنىنىڭ كۆكسىدىن باشقا قىسمىنى كۆرسەتمىگەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان، لەمجىن بازىرىدىكى بىر ساقچى خادىمى غالىپجاننىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى تارتتى ۋە بۇ ھەقتە شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. شەھەرلىك ساقچىدىكى بىر خادىممۇ، غالىپجاننىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. ئەمما لەمجىندىكى ئاھالىلەردىن بىرى بۇ مەھەللىدە ئۆتكەن يىلى لاگېردا ئۆلۈپ كەتكەن غالىپجاننىڭ ئائىلىسىنىڭ ئاياق مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئاياق مەھەللىدىكى بىر كەنت كادىرى

لاگېردا ئۆلگەن غالىپجاننىڭ دادىسىنىڭ ئىسمىنىڭ ئەخمەتجان ئىكەنلىكى ۋە 1-مەھەللىگە نوپۇسلۇق ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

ئىنكاستا، غالىپجاننىڭ 35 ياشلار چامىسىدا ئىكەنلىكى، 5 ياشلىق بىر بالىسى بارلىقى يېزىلغان ۋە غالىپجاننىڭ جەسىتىنىڭ كەنت كادىرلىرى ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن شۇ كۈنى كېچىلەپ يەرلىككە قويۇۋېتىلگەنلىكى، مېيىتنىڭ يۇيۇلىشىغىمۇ رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى يېزىلغان. تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، 1-مەھەللە باشلىقى، غالىپجاننىڭ لاگېردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر ساقچى خادىمى تەرىپىدىن سوراقخانىدا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، ساقچى خادىمى شۇ كۈنى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا ئېغىر مەست ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بۇ مەھەللە باشلىقىنىڭ دېيىشىچە، دائىرىلەرنىڭ غالىپجاننى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن ساقچى خادىمىنى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە ھاراق ئىچكەنلىكى ئۈچۈن بەلگىلىك دەرىجىدە جازالىغان. ئەمما بۇ ساقچى خادىمىنىڭ كىملىكى ۋە غالىپجاننى ئۆلتۈرۈپ قويۇش جەريانى ھەققىدە غالىپجاننىڭ ئائىلىسى ۋە كەنت كادىرلىرىغا مەلۇمات بەرمىگەن. .

مەزكۇر مەھەللە باشلىقى جەمئىيەتتىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن، غالىپجاننى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن ساقچىنىڭ ئەسلىدە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىنىڭ ساقچىسى ئىكەنلىكى ۋە لاگېرغا ۋاقىتلىق ۋەزىپە ئۈچۈن كەلگەنلىكى ھەم مىللىتى خىتاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى دەپ بېرەلمىدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا پىچان لەمجىنلىك غالىپجاننىڭ لاگېردىكى بىر مەست خىتاي ساقچى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.