كۇچادىكى بىر ساقچى خادىمى: «مەن ئىشلىگەن ‹تەربىيەلەش مەركىزى› دە ئۆلگەنلەر جىق ئەمەس، پەقەت 150 چە كىشى بار»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.10.28
qaharjan-qawul-lager-olgen-olum.jpg 10 نەچچە يىللار ئىلگىرى تۈركىيەگە تۇغقان يوقلاپ بارغانلىقى ئۈچۈن بۇلتۇر 7-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ، 11‏-ئاينىڭ ئاخىرى لاگېردا جان ئۈزگەن قاھارجان قاۋۇل ئەپەندى ئائىلىسى بىلەن.
RFA/Shöhret Hoshur

مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا كۇچادىكى بىر ساقچى خادىمى ئۆزى ئىلگىرى ئىشلىگەن «تەربىيەلەش مەركىزى» دە 150 چە كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ئۇ 150 كىشىنىڭ ئۆزى ۋەزىپە ئۆتىگەن 6 ئاي ئىچىدە ياكى لاگېر قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىقلىما بەرمىدى. ئۇ پەقەت بۇ 150 چە كىشىنىڭ ئەل قاتارى يەرلىككە قويۇلغانلىقى، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ئېتىبار بېرىلىۋاتقانلىقى، بانكىدىكى قەرزلىرىنىڭ ئۆسۈمىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ھالبۇكى، ئۇ 150 چە كىشىنىڭ قانچىلىكىنىڭ بىۋاستە قېيىن-قىستاق، قانچىلىكىنىڭ كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۆلگەنلىكى ھەققىدە يۇقىرى ئورگانلاردىن مەلۇمات ئېىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

يېقىندا كۇچالىق بىر مۇھاجىر رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، كۇچانىڭ ئوچا بازارلىق ساقچىخانا باشلىقى ھېمىت قارىنىڭ بىر سورۇندا ئوچا بازىرىنىڭ ئۆزىدىنلا لاگېر قۇرۇلغان 3 يىلدىن بۇيان 200 چە كىشىنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكىنى ئېچىنغان تەلەپپۇزدا تىلغا ئالغانلىقى ۋە مۇشۇ سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا مەزكۇر ساقچىخانا باشلىقىنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلەرگە ھېسسىداشلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى دەلىللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئوچا بازىرىدىن ئېنىق ھالدا قانچىلىك كىشىنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكى ئايدىڭلاشمىغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ سان ھەققىدە ئىزچىل ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا كۇچادىكى بىر ساقچى خادىمى ئوچادىن 200 كىشىنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكىنى رەت قىلدى. ئەمما ئۇ ئۆزى ئىلگىرى 6 ئاي ۋەزىپە ئۆتىگەن 1‏-تەربىيەلەش مەركىزىدە پۈتۈن لاگېر بويىچە «ئاران 150 چە كىشى» نىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

سوئال: سىز بۇ ساقچىخانىدا قاچاندىن بۇيان ئىشلەۋاتىسىز؟ 

جاۋاب: 2018‏-نىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ. 

س: بۇرۇن نەدە، نىمە ئىش قىلغان ئىدىڭىز؟

ج: 1‏-تەربىيەلەش مەركىزىدە كاتىپلىق قىلغان ئىدىم. 

س: كۇچا بويىچە ھازىرغىچە تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە تۈگەپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئومۇمى سانى قانچە؟ 

ج: بۇنى مەن تەپسىلىي بىلىپ كەتمەيمەن، باشلىقىمىزدىن سوراڭ.

س: بىزگە ئوچا بازىرىدىن 200 چە كىشى تەربىيەلەشتە ئۆلدى دېگەن بىر ئۇچۇر كەلدى، شۇڭا ئوچادىنلا 200 چە كىشى ئۆلدى دېسەك بولامدۇ؟ 

ج: ياق، بولمايدۇ، بولمايدۇ. 

س: ئۇنداقتا، سىز ۋەزىپە ئۆتىگەن «تەربىيەلەش مەركزىدە» ئۆلگەلەرنىڭ سانى قانچە؟

ج: جىق ئەمەس، 150چە چىقار. 

س: بۇ يۈز ئەللىكچە كىشىنىڭ جەسەتلىرى ئايرىم بىر يەرگە قويۇلدىمۇ ياكى ئادەتتىكى زەرەتكارلىققا قويۇلدىمۇ؟ 

ج: نورمال زەرەتكارلىققا قويۇلدى. 

س: جەسەتلىرى ئائىلىسىگە كۆرسىتىلدىمۇ؟ 

ج: كۆرسىتىلدى.

س: ئائىلىلىرىدىن بىر نارازىلىق پىكرى چىقمىدىمۇ، «ئادىمىمىزنى ساق ئەكىتىپ جەسىتىنى قايتۇرۇپ بەردىڭ،» دەپ؟ 

ج: ئۇنداق بىر ئەھۋالنى مەن ئاڭلىمىدىم.

س: بۇلارنى يەرلىككە قويۇش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئاىلە-تاۋابىئاتلىرىنى نازارەت قىلىدىغان ئىش بولدىمۇ ؟

ج: شۇنداق، بۇ ئىشلارغا كەنتتە ئىشلەۋاتقان ساقچىلار مەسئۇل بولدى.
س: بۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدىمۇ، نېمە دەپ بېرىلدى؟ 

ج: بۇ ئىشلارنى كەنت ساقچىلىرى ئۈستىگە ئالدى، شۇلار تەپسىلىي بىلىدۇ.

ئەمما بۇ خادىم يوقىرىقى 150 چە كىشىنىڭ ئۇ لاگېردا ۋەزىپە ئۆتىگەن 6 ئاي ئىچىدە ئۆلگەنلەر ۋە ياكى لاگېر قۇرۇلغان 3 يىلدىن بۇيان ئۆلگەنلەر ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېنقىلىما بەرمىدى. بىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن ئىلگىرى شۇ 1-تەربىيەلەش مەركىزىدە خىزمەت قىلغان يەنە بىر ساقچى خادىمىدىن مەلۇمات سورىدۇق: 
س: سىز ئىشلىگەن شۇ تەربىيەلەش مەركىزىدە 150 چە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى دەپ ئۇچۇر كەلدى، بۇ 6 ئاي ئىچىدە ئۆلگەلەرنىڭ سانىمۇ ياكى بىر يىلنىڭ ئىچىدە ئۆلگەنلگرمۇ ۋە ياكى لاگېر قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۆلگەنلەرمۇ؟ 

ج: بۇنى مەن دەپ بېرەلمەيمەن، بۇ ئەھۋاللارنى ئۇقماقچى بولسىڭىز، باشلىقلىرىمىزدىن سوراڭ.

س: ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە سوراققا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆلگەنلەر جىقمۇ ياكى كېسەل سەۋەبى بىلەنمۇ؟ 

ج: بۇنىمۇ دەپ بېرەلمەيمەن، ساقچى باشلىقىمىزدىن سوراڭ. 

س: بۇ 150 كىشى ئىچىدە ئىچىدە ئاياللارنىڭ سانى قانچە؟ 

ج: بۇ ئۇچۇرلارنى ج. خ. قوماندانلىق مەركىزىدىن سوراڭ، مەن ھەرگىز دەپ بېرەلمەيمەن. 

كۇچا ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمىمۇ بۇنىڭ سىياسىيغا چېتىلىدىغان تىما ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرىشنى رەت قىلدى. 

س: «بىرىنچى تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئۆلۈپ كەتكەن 150 چە كىشىنىڭ ئىچىدە دۆلەت كادىرلىرىنىڭ سانى قانچە؟ 

ج: بۇنداق سىياسىيغا ياتىدىغان سوئاللارنى سورىسىڭىز، جاۋاپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. چۈنكى ھازىر ناھىيەنىڭ بۇ ھەقتە بىر ئورۇنلاشتۇرىشى بار. بىرسى، مۇخبىرلىق قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئەھۋال ئىگىلىمەكچى بولغانلارغا، يەنە بىرسى، تېلېفوندا قالايمىقان گەپ سورىغانلارغا ھەرگىز جاۋاپ بەرمەڭلار دەپ. 

لاگېردا ئۆلگەنلەرنىڭ 150 چە كىشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ھېلىقى ساقچى خادىمى دائىرىلەرنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ياخشى قاراۋاتقانلىقىنى تۆۋەندىكىچە ئىلگىرى سۈردى. 

س: شۇ تەربىيەلەشتە تۈگەپ كەتكەن 150 چە كىشىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتىسىلەر؟

ج: باراۋەر مۇئامىلە قىلىۋاتىمىز، كەمسىتىش يوق 

س: بالىلىرىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرىۋاتىسىلەر؟ 

ج: بالىلىرى ئوقۇۋاتىدۇ، ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنىۋاتىدۇ. 

س: بۇ 150 نەچچە ئائىلىنىڭ بانكىدىكى قەرزلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلدىڭلار؟ 

ج: ئۆسۈمىنى بىكار قىلىۋېتىپ، دىرىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە تۆلەتكۈزىۋاتقان ئەھۋال بار. 

س: بۇلارنىڭ ئىچىدە تونۇلغان زىيالىلاردىن، سەنئەتكارلاردىن ياكى دىنىي زاتلاردىن كىملەر بار؟ 

ج: بەك جىق گەپ سوراپ كەتتىڭىز، بۇلارنى دەپ بېرەلمەيمەن، بۇلارنى باشلىقلىرىمىزدىن سوراڭ. 
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، بەيدۇ ئۇچۇر ئامبىرىدىكى ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، كۇچا ناھىيەسىنىڭ 2013‏-يىلىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 470 مىڭ ئەتراپىدىدۇر. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا كۇچادا ئاز دېگەندە 4 ئورۇندا لاگېر بارلىقى ئاشكارىلانغان ۋە بۇلارنىڭ ھەر بىرىدە ئاز دېگەندە 5 مىڭ، كۆپ بولغاندا 10 نەچچە مىڭ كىشى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. يەنە ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا بۇ 4 لاگېردىن 3 ئىنىڭ ئېنىق ئورنى ئاشكارىلانغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۈچى ناھىيە بازىرىنىڭ يېڭى شەھەر رايونى تەۋەلىكىدە بولۇپ، بۇلاردىن ئاتالمىش «بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تەربىيىلەش مەركىزى» ئىلگىرىكى قاماقخانا ۋە تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنىڭ ئورنىغا تەسىس قىلىنغان ۋە لاگېرنىڭ ئەڭ چوڭى بولغان «3-تەربىيىلەش مەركىزى» ئەسلىدىكى بىر بوش ئورۇنغا، يەنى قاتناش ئىدارىسى ۋە پارتىيە مەكتىپى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ يېنىغا يېڭىدىن سېلىنغان ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، 150 چە كىشىنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكىنى بايان قىلغان مەزكۇر ساقچى خادىمى يۇقىرىقى 3 لاگېرنىڭ كىچىكرەكى، يەنى 1‏-تەربىيەلەش مەركىزىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.