«NBC» ۋە «FOX» قاناللىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنىڭ ماھىيىتى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.10.04
NBC-lagir «NBC» قانىلىنىڭ »بۈگۈن« ناملىق ئەتىگەنلىك خەۋەر پروگراممىسىدا «خىتايدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ئىچىدە» ماۋزۇسىدا مەخسۇس ئۇيغۇر مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى
NBC

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزىۋاتقان قاتتىق قوللۇق سىياسەتلىرى ۋە بولۇپمۇ ئۇنىڭ 2 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى «قايتا تەربىيە مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارغا مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكادىكى ھەرقايسى مەتبۇئاتلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە.

يېقىندىن بۇيان ئامېرىكادىكى ھەرقايسى تېلىۋىزىيەلەرنىڭ خەۋەر پروگراممىلىرى ۋە ياكى باشقا سۆھبەت پروگراممىلىرىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدىغان، مۇزاكىرە قىلىنىدىغان بولدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئادەتتە كىشىلەر ئەڭ كۆپ تېلىۋىزىيە كۆرۈدىغان «ئالتۇن ۋاقىت» لاردىكى مۇھىم پروگراممىلاردا بېرىلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە ئەرزىيدۇ.

4- ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكادىكى كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى قاناللاردىن بولغان ن ب س «NBC» قانىلىنىڭ »بۈگۈن« ناملىق ئەتىگەنلىك خەۋەر پروگراممىسىدا «خىتايدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ئىچىدە» ماۋزۇسىدا مەخسۇس ئۇيغۇر مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى. بۇ پروگرامما ئۈچۈن قانالنىڭ مۇخبىرى كىيىر سىمونس تۈركىيەدە شۇنداقلا خوتەن ۋە قەشقەردە زىيارەتتە بولغان. ئۇ گەرچە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان ئورۇنلارنى زىيارەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەردىكى ھۆكۈمەت كادىرلىرىدىن ھالقىلىق سوئاللارنى سورىغان.

ئۇنىڭ پروگراممىسى ئالدى بىلەن ئەڭ كىچىك ئوغلى بىلەن تۈركىيەدە ياشايدىغان ئابدۇلخەبەر رەجەپنىڭ ھېكايىسى بىلەن باشلايدۇ. ئابدۇلخەبەر رەجەپنىڭ ئايالى ئايگۈل ئابدۇللا يۇرتىدا قالغان 4 ئوغلىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن 3 يىل ئاۋال ئۇيغۇر ئېلىگە قايتقان پېتى قايتىپ كېلەلمىگەن. ئۇ 2017- يىلى 5- ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان. ئابدۇلخەبەر رەجەپ كېيىن ئايالىنىڭ 9 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى ئاڭلىغان. مۇخبىر ئۇيغۇر ئېلىدا بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنىڭ ھازىر لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتى ئۈستىدە توختىلىدۇ. ئۇ بۇ زىيارىتىدە قەشقەردىكى بىر ئاتالمىش «قايتا تەربىيە مەركىزى» دىن بىرىدە زىيارەتتە بولغان بولۇپ، ئۇ بۇ يەردە خىتاي تىلى ئۆگىنىۋاتقان ئۇيغۇر تۇتقۇنلاردىن بىرىدىن نېمە ئۈچۈن بۇ يەردىلىكىنى سورىغان. ئۇ ئۇيغۇر ياش ئۆزىنىڭ «قانۇنسىز دىنىي تەبلىغ» ئۈچۈن بۇ يەرگە سولانغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيەسىدىكى يەنە بىر «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نى زىيارەت قىلغان. ھۆكۈمەت كادىرلىرى بۇ مەركەزلەردە ئۇنىڭغا ئاق خالاتلار بىلەن باقمىچىلىق قىلىشنى ئۆگىنىۋاتقان بىر سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ۋە بالا بېقىشنى، يۆگەك يۆگەشنى ئۆگىنىۋاتقان بىر سىنىپ ئايالنى كۆرگەن. مۇخبىرنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئاياللاردىن بىرى «دىنى رادىكاللىق بىلەن يۇقۇملانغان» دېگەن سەۋەب بىلەن بۇ يەرگە سولانغان بولۇپ، بۇ ئايالنىڭ ئېرى تېخى يېقىندا تۈگەپ كەتكەن ۋە بۇ ئايال 4 ياشلىق بالىسىدىن ئايرىۋېتىلىپ، بۇ ئورۇنغا «تەربىيەلەش» كە سولاپ قويۇلغان ئىكەن. مۇخبىر شۇ يەردىكى خىتاي ھۆكۈمەت كادىرىدىن «سىلەرنىڭ ئېرى تېخى يېڭىلا ئۆلۈپ كەتكەن بىر ئانىنى 4 ياشلىق بالىدىن ئايرىپ تەربىيەلىمەكچى بولۇشۇڭلار زالىملىق ئەمەسمۇ؟» دەپ سورىغان. بۇ خىتاي كادىر بولسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: «ئۇ ھەپتە ئاخىرىدا ئۆيىگە قايتىپ كۆرەلەيدۇ» دەپ جاۋاپ بەرگەن. مۇخبىر يەنە «ئۇنىڭ ئېرى تۈگەپ كەتكەن ۋە بۇ بالا ئاپىسىنى ھەپتىدە ئاران بىر قېتىم كۆرەلەيدۇ. سىز بۇنى نورمال دەپ قارامسىز؟» دەپ سورايدۇ. خىتاي كادىر جاۋابەن: «ھەممىمىزنىڭ بالىلىرىمىزدىن ئايرىلىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ، ئاتا - ئانا دېگەن بالىنى سېغىنىدىغان گەپ» دېگەندەك جاۋاپلارنى بەرگەن. بىراق ئۇ ئاخىرىدا ئەگەر شۇنداق قىلمىغاندا بۇ ئايالنىڭ بالىسىنى ئاشقۇن ئىدىيەسى بىلەن زەھەرلەيدىغانلىقىنى ۋە بۇ بالىنىڭ «تېررورچى» بولۇپ چوڭ بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. مۇخبىر بۇ گەپنى قاتتىق ھەيرانلىق ئىچىدە بايان قىلىدۇ.

مۇخبىر پروگراممىسىدا يەنە ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيونى زىيارەت قىلغان. ئۇ سېناتور ماركو رۇبىيوغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «قايتا تەربىيە مەركەزلىرى» دە تارتىلغان سۆرەتلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، «سىز خىتاي ھۆكۈمىتى بىزگە كۆرسەتكەن بۇ ئورۇنلارنىڭ ھەقىقەتەن ئەمەلىيەتنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنەمىسز؟» دەپ سورىغان. ماركو رۇبىيو بۇنىڭغا جاۋابەن «ئەلۋەتتە ئىشەنمەيمەن. خىتاي ھۆكۈمىتى رايوننى يۈز پىرسەنت قامال قىلغان. ئۇلار سىزگە كىم بىلەن كۆرۈشىشىڭىز، ئۇ كىشىنىڭ نېمىنى دەپ، نېمىنى دىمەيدىغانلىقى، سىزگە نېمىنى كۆرسىتىش، نېمىنى كۆرسەتمەسلىك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى كونترول قىلىدۇ،» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.

مۇخبىر ئەتىگەنلىك پروگراممىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ يۇقىرىقى بۇ زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ، «خىتاي ھۆكۇمىتى زور دەرىجىدە كۈچىيىۋاتقان بىر شارائىتتا ئۇنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسى چوقۇم دىققەت قوزغىشى كېرەك. ئامېرىكالىقلارنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشى زۆرۈر. بىز خىتاينىڭ بۇ ئىشنى جىمجىت ھالدا يۈرگۈزۈشىگە يول قويماسلىقىمىز، ئۇنى بۇ مەسىلە ھەققىدە داۋاملىق قېيىن سوئاللار بىلەن سوراققا تارتىپ تۇرۇشىمىز كېرەك،» دەپ تەكىتلىدى.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ رەئىسى، ئادوۋكات نۇرىي تۈركەل ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئۆز تەشۋىقاتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئاتالمىش «قايتا تەربىيە مەركىزى» لىرىنى زىيارەت قىلىشىغا ئىشىك ئېچىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ زىيارەتكە بارغانلارنىڭ ئەمەلىيەتنى كۆرۈشى ۋە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزۈشى ئۈچۈن يول ئېچىپ بەرمەكتىكەن.

بۇلاردىن باشقا يەنە ئامېرىكادىكى داڭلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن FOX تېلېۋىزىيەسىنىڭ تونۇلغان رىياسەتچىسى مارىيا خانىمنىڭ ئەتىگەنلىك مەخسۇس پروگراممىسىدىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى. مەزكۇر پروگراممىغا ئادوۋكات نۇرىي تۈركەل ئەپەندى بىۋاستە تەكلىپ قىلىنىپ، ئۇنىڭدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت سورالغان. پروگراممىدا نۇرىي تۈركەل ئەپەندى 2016- يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا كۆرۈلۈۋاتقان دەرىجىدىن تاشقىرى ئېغىر ۋەزىيەت ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇ بۇ ئورۇنلارنىڭ «يىغىۋېلىش لاگېرى» ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئورۇنلاردا پەقەتلا مىللىي ۋە دىنى كىملىكى سەۋەبلىك يىغىۋېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. مەزكۇر پروگراممىدا يەنە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ مارىيا خانىمنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئاللىرىغا بەرگەن جاۋابى قىستۇرۇلغان بولۇپ، تاشقىي ئىشلار مىنىستىرىمۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئورۇنلارنى «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتىسىمۇ، ئەمما ھېچكىمنىڭ بۇ ئورۇنلارنى ئىختىيارىي زىيارەت قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. پروگراممىدا يەنە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئۆتكەن ھەپتە نيۇ-يوركتا چاقىرىلغان «دىنى ئەركىنلىكنى قوغداش» يىغىنىدا ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ دىنى ئەركىنلىكنى ئەڭ مۇھىم تاشقىي سىياستىنىڭ بىرى قىلىدىغانلىقى ھەققىدە سۆزىمۇ قىستۇرۇلغان.

نۇرىي تۈركەل ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بىر قاتار مۇھىم پروگراممىلاردا ئورۇن ئالغان بولۇپ، مارىيا خانىمنىڭ پروگراممىسىمۇ ئامېرىكانىڭ تىجارەت ساھەسىگە خىتاب قىلىدىغان مۇھىم بىر پروگرامما ئىكەن. ئۇ بۇنى كەڭ ئاممىغا خىتاب قىلىشتىكى ئىجابىي بىر بۇرۇلۇش، دەپ كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.