خىتاي باش مىنىستىر لى چياڭنىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتى ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ ۋە فالۈنگۇڭچىلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان.
بۇ خىتاي باش مىنىستىرىنىڭ 7 يىلدىن كېيىن ئاۋسترالىيەدىكى تۇنجى زىيارىتى بولۇپ، لى چياڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى بولغان ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىگە كەلگەندە، ئادېلايدا ياشايدىغان ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان بولۇپ، 16-ئىيۇن كۈنى ئادېلايدا، 17-ئىيۇن كۈنى ئاۋسترالىيە پايتەختى كانبېررادا كەڭ-كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.

لى چياڭنىڭ بۇ قېتىمقى ئاۋسترالىيە زىيارىتى، خىتاي بىر قىسم ئاۋسترالىيە مەھسۇلاتلىرىغا قويغان تاموژنا بېجىنى بىكار قىلغانلىقى ۋە ئاۋسترالىيە پۇقرالىرىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. بۇ ھەقتە ئادېلايدىكى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئاياللىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى رامىلە چانشېۋ خانىم، خىتاي-ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر ۋە تىبەت خەلقى ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىققا كۆز يۇمۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ ئىككى كۈنلۈك نامايىش ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئەلچىخانىسى ۋە ئادېلايدتىكى كونسۇلخانىسى نامايىشچىلارنىڭ ئاۋازىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن، كۆپ ساندىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان خىتايلارنى تەشكىللەپ ئەكەلگەن بولۇپ، نامايىشچىلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا قىسقا بىر سۈركىلۈش كېلىپ چىققان. رامىلە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، نەق مەيداندىكى ساقچىلار دەرھال نامايىشچىلار بىلەن خىتاينىڭ ياللانما نامايىشچىلىرىنى ئايرىۋەتكەن.

بۈگۈن، يەنى 17-ئىيۇن كۈنى لى چياڭنىڭ ئاۋسترالىيەدە داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىغا قارشى ئاۋسترالىيە پايتەختى كانبېررادىمۇ كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىش داۋام قىلغان بولۇپ، بۇ نامايىشتىمۇ خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە ئاۋسترالىيەدىكى خىتاي كارخانىچىلىرى 2-3 مىڭ خىتاي ئوقۇغۇچى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنى ياللاپ داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىشقا چىقارغان ۋە نامايىشچىلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا كەسكىن سۈركىلىش يۈز بەرگەن. خىتاي نامايىشچىلار ئۇيغۇر ۋە باشقا نامايىشچىلار شوئار توۋلىغاندا قىزىل ناخشىلارنى ۋە شوئارلارنى توۋلىغان ھەم نامايىشچىلارنىڭ بايراقلىرىنى خىتاي قىزىل بايرىقى بىلەن توسۇشقا ئۇرۇنغان. ئاخىرىدا نەق مەيداندىكى ساقچىلار دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ خىتايغا قارشى نامايىشچىلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرەپدارلىرى خىتايلارنىڭ ئورنىنى ئايرىۋەتكەن. بۇ ھەقتە ئاۋسترالىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت ئۇبۇلمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

د ئۇ ق ئىچكى ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى بەختىيار بۆرە ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە؛ كانبېررادىكى نامايىش لى چىياڭ پارلامېنت بىناسىغا كەلگەندە باشلانغان بولۇپ، نامايىشچىلار پارلامېنت بىناسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بارغان. نامايىشقا ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭلۇقلاردىن بولۇپ مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشقان. نامايىش جەريانىدا لى چياڭنى قارشى ئېلىشقا چىققان خىتايلار تىل-ھاقارەت ۋە يولسىز ئۇسۇللار بىلەن تىبەت، ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭلۇق نامايىشچىلارغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان.

ئادېلايد، كانبېررا قاتارلىق شەھەرلەردە ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشلار يەنە، گۇئاردىيان، رويتېرس، ئەلجەزىرە قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ خەۋەر قىلىنغان، گۇئاردىيان گېزىتى بۇ قېتىمقى لى چىياڭنىڭ زىيارىتىنى، «ئاۋسترالىيە-خىتاي مۈشۈك ئېيىق دىپلوماتىيەسى» دەپ تەرىپلىگەن. خىتاي باش مىنىستىرى لى چىياڭنىڭ بۇ ئىككى كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدىكى نارازىلىقلار ۋە نامايىشلار ئاۋسترالىيە مەتبۇئاتلىرىدىمۇ كەڭ-كۆلەمدە خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر نامايىشچىلار «خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات! شەرقىي تۈركىستانغا ئازادلىق! شەرقىي تۈركىستانغان مۇستەقىللىق! تىبەتكە مۇستەقىللىق! شى جىنپىڭ دىكتاتور! » دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان.