ئانالىزچىلارنىڭ نەزىرىدىكى خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتىنىڭ مەقسىتى

0:00 / 0:00

خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ ئۇيغۇر دىيارىغا قىلغان زىيارىتىدە رايون بىخەتەرلىكىنىڭ خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇيغۇر دىيارى ۋە خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان ئانالىزچىلار بۇنىڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان تاكتىكىسىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

«شىنخۇا» تورنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش مىنىستىر لى چياڭ 5-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى تۇڭگان ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشى ئارمىيەسى 6-دىۋىزىيەسىنىڭ ۋۇجياچۈ شەھىرىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىلىپ بارغان. ئۇ زىيارىتىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن:

«باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردە غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، ئىچكى-تاشقى جەھەتتە ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىدا بەخت يارىتىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك».

ھالبۇكى، لى چياڭنىڭ بۇ يۇقىرىدىكى تەشەببۇس ۋە يوليورۇقلىرى چەت ئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچىسى، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ (胡平) ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىدىكى تىلغا ئېلىنغان تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىنىڭ پەقەت يۈزەكى ھادىسە ئىكەنلىكى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ئېغىر مەسىلىلەر بارلىقىنى كۆرسىتىپ، قارىشىنى مۇنداق شەرھلىدى:

«لى چياڭ بۇ قېتىمى شىنجاڭ زىيارىتىدە شىنجاڭنى ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىق بىلەن تەمىنلەشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىدى. لى چياڭ مەسىلىنى تەتۈر تەرەپتىن چۈشەندۈرگەن. لى چياڭ خىتاينىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىش قىلىدۇ. ئۇ يەنە شىنجاڭنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنىڭ پەقەت يۈزەكى ھادىسە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە شىنجاڭدا ئېغىر مەسىلىلەر بار. شۇڭا شىنجاڭدا دەپ كېلىۋاتقان تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى بەرپا قىلىشقا بەك ئېھتىياج بار. ئەمەلىيەتتە، 1999-يىلىلا، خىتاي جاڭ زېمىن دەۋرىدە، غەربىي رايوننى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. خىتاينىڭ غەربىي رايونى شەرقىي رايونغا قارىغاندا تەرەققىي قىلمىغان ۋە نامرات بولغانلىقى ئۈچۈن غەرب رايوننى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارار قىلدى ۋە يولغا قويدى. قاراڭ، ئەمما 20 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى. غەرب رايوننى تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ بىر نەتىجىسى بولمىدى ۋە ئىلگىرىلەش كۆرۈنەرلىك بولمىدى. شىنجاڭنىڭ نامراتلىق ئەھۋالىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولمىدى. شۇنداق، ھازىر خىتاي بىر تەرەپتىن قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەنە بىر تەرەپتىن شىنجاڭدىكى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىمىز دەۋاتىدۇ. بۇ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش شىنجاڭ خەلقىنى باستۇرۇش ئاساسىغا قۇرۇلغان» .

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرشۇناس دوكتور رۇنى ستېنبېرگ (Rune Stenberg) لى چياڭنىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ھەربىي، ساقچى ۋە نازارەت ساھەسىگە كۆپ مەبلەغ سالغانلىقىنى بۇ ساھەدە كۆپ تەرەققىياتلارنىڭ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «يەرلىك مىللەتلەرگە ئېغىر زۇلۇم سېلىۋاتىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋاتىدۇ. پايدىنى خىتاي شىركەتلىرى ئېلىۋاتىدۇ. يەرلىك ئۇيغۇر، قىرغىز ۋە قازاقلارغا پۇرسەت بەرمەيدۇ. ئۇيغۇر، قىرغىز ۋە قازاقلارغا ئەركىنلىك بېرىشى كېرەك» .

مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، لى چياڭ يەنى مۇنداق دېگەن: «ئېنېرگىيە، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، دېھقانچىلىق، دېھقانچىلىق پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنى يەرلىكنىڭ بايلىق مەنبەسىگە ئاساسەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مۇكەممەل سانائەت زەنجىرى بەرپا قىلىش كېرەك. خىتاينىڭ شەرقىي، ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايونلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تېخىمۇ چوڭقۇر ھەمكارلىقنىڭ يېمەكلىك، ئېنېرگىيە بايلىقى، مۇھىم سانائەت ۋە تەمىنلەش زەنجىرىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقلىرىنى داۋاملىق ۋە قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجرا قىلىش كېرەك».

ئامېرىكادىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى گوردون چاڭ (Gordon G. Chang) ئەپەندى لى چياڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى ۋە يۇقىرىدىكى سۆزلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

«خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا خىتاي بولمىغان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى خالىماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئەلۋەتتە خىتاي بۇ رايونغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى خالايدۇ. بۇ دېگەنلىك خىتاي شىنجاڭنى داۋاملىق خاتا ۋە ناچار باشقۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ھازىر خىتاي بولمىغان شىركەتلەر شىنجاڭدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن قۇل ئەمگىكىگە چېتىشلىق ياكى چېتىشلىق ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىدۇ. ئۇلار تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ داۋاملىشىشىنى، شىنجاڭدىن مەھسۇلات سېتىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما بۇ دۇنيادىكى شىركەتلەر شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن قۇل ئەمگىكىنىڭ بار يوقلۇقىغا تېخىمۇ يېقىندىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىش. 2022-يىلى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنىڭ يولغا قۇيۇلۇشى، ئامېرىكىغا ئوخشاش ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەجبۇرىي ۋە قۇل ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىگە ئىمپورت قىلىنىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىدى» .

لى چياڭنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيارىتى، شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل 23-ئاپرېل كۈنى بېيجىڭدا غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش سۆھبەت يىغىنى چاقىرىپ، بەزى يوليورۇقلارنى بېرىشى، شۇنداقلا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېننىڭ يېقىندا خىتاي زىيارىتىدىن 3 كۈن بۇرۇن خىتاينى «ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دەپ ئەيىبلىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئېلىپ بېرىلغان.

خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭنىڭ خەلقئارادا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى جاۋابكارلىققا تارتىش، مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش ھەرىكەتلىرى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرىنى كېڭەيتىش، سىرتقا ئېچىۋېتىش سالمىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە سانائەت زەنجىرى بەرپا قىلىشنى تەكىتلىشىگە ئۇيغۇر دىيارى ۋە خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان ئانالىزچىلىرىدىن بىرى بولغان دوكتور رۇنى ستېنبېرگ ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «خىتاي شەرقى تۈركىستاننى خىتاينىڭ بىر پارچىسى قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا خىتاي شەرقى تۈركىستاننى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە باغلاش زور كۈچ بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش تەشەببۇسى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىنى پۈتۈنلەي قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت» .

دوكتور رۇنى ستېنبېرگ ئاخىرىدا خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭنىڭ «رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقلىرىنى داۋاملىق ۋە قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجرا قىلىش» نى تەكىتلىشىنى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي كونتروللۇقنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ داۋام قىلىدىغانلىقى، بەلكى تېخىمۇ قاتتىق ۋە جىددىي تۈردە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.