ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تېما قىلىنغان تىياتېر لوندون سەھنىسىدە ئوينالغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2022.11.07
London-tiyater-uyghur-qirghinchiliqi-1 ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان «ئەۋلادى بىلەن باغلىنىشىنى ئۈزۈپ، يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاش» ناملىق تىياتېردىن كۆرۈنۈش، 2022-يىلى 4-نويابىر، لوندون.
RFA/Erkin Tarim

 2022-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە لوندون شەھىرىنىڭ ئەڭ ئاۋات يەرلىرىدىن بىرى بولغان لوندون لىۋېرپول كوچىسىنىڭ يېنىدىكى برىك (Brick Lane) تارماق يولىغا جايلاشقان رىك مىكس (Rich Mix) تىياتېرخانىسىدا «ئەۋلادى بىلەن باغلىنىشىنى ئۈزۈپ، يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاش» ناملىق تىياتېر سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان.

ئەنگىلىيە سوھايا ۋىزيون (Sohaya Visions) سەنئەت شىركىتى تەرىپىدىن سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان مەزكۇر تىياتېرىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تېما قىلىنغان. ئەسەردە خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان قەلبىنۇر سىدىق، تۇرسۇنئاي زىياۋۇددىن، ئابدۇۋېلى ئايۇپ ۋە ئايشە خانىم قاتارلىق تۆت نەپەر لاگېر شاھىتىنىڭ تارتقان ئازاپ-ئوقۇبەتلىرى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. بۇ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تېما قىلىنغان سەھنە ئەسىرىنىڭ ئەنگىلىيەدە تۇنجى قېتىم سەھنىگە ئېلىپ چىقىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.

ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان «ئەۋلادى بىلەن باغلىنىشىنى ئۈزۈپ، يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاش» ناملىق تىياتېردىن كۆرۈنۈش، 2022-يىلى 4-نويابىر، لوندون.
ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان «ئەۋلادى بىلەن باغلىنىشىنى ئۈزۈپ، يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاش» ناملىق تىياتېردىن كۆرۈنۈش، 2022-يىلى 4-نويابىر، لوندون.
RFA/Erkin Tarim

«ئەۋلادى بىلەن باغلىنىشىنى ئۈزۈپ، يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاش» ناملىق سەھنە ئەسىرىنى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» سوتچىلار ھەيئەتىنىڭ ئەزاسى رامىندا كائۇر (Raminda Kaur)  خانىم  يازغان. مەزكۇر تىياتېرنى كۆپ ساندا ئەنگىلىيەلىك تاماشىبىنلار كۆرگەن. تىياتېر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، نەق مەيداندا تۇرۇپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رەھىمە مەخمۇت خانىم، مەزكۇر تىياتېر ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «4 نەپەر لاگېر شاھىتى تارتقان دەرت-ئەلەملەر ئاڭلىتىلغان بۇ تىياتېرنى ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› سوتچىلار ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى رامىندا كائۇر خانىم يازغان. ئاپتور ئۇيغۇر سوتى جەريانىدا بارلىق شاھىتلار بەرگەن  گۇۋاھلىقلارنى ئاڭلاپ، سوتتا توپلانغان ماتېرىياللارنى ئوقۇپ، قارار چىقارغىچە بولغان جەرياندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا  ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىپ يەتكەن ئىكەن.  سوت ئاخىرلاشقاندىن كېيىنلا مۇشۇنداق بىر سەھنە ئەسىرىنى يېزىشنى پىلانلىغان ئىكەن.»

رامىندا كائۇر خانىم مەزكۇر پىلانىنى ئەنگىلىيە دۆلەتلىك سەنئەت كېڭىشىگە سۇنغاندىن كېيىن، 8-ئايدا تەستىقلانغان بولۇپ، 11-ئاينىڭ 4-كۈنى تىياتېر سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان. رەھىمە مەخمۇت خانىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «بۇلار بۇ پىلاننى تۈزگەندىن كېيىن، ئەنگىلىيەنىڭ سەنئەت كېڭىشىگە سۇنغان، تەستىقلانغاندىن كېيىن سەھنىگە ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرى باشلانغان. ئۇ مەزكۇر تىياتېرنى يېزىش ئۈچۈن كۆپ ساندىكى لاگېر شاھىتلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىن 4 كىشىنىڭ ھاياتىنى تاللىغان.»

رەھىمە مەخمۇت خانىم مەزكۇر تىياتېر ئۆزى ئىجات قىلغان «جېنىم ئوغلۇم، قاچان كېلىسەن؟» دېگەن ناخشا بىلەن باشلانغانلىقىنى، تىياتېرغا تېما قىلىنغان 4 نەپەر شاھىتنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى ياخشى بىلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما تىياتېرنى نەق مەيداندا كۆرگەندە خۇددى تۇنجى قېتىم بۇ لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرىنى  ئاڭلىغاندەك ھېسسىياتتا بولغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي دەۋاسىنى ئاڭلىتىشتا سەنئەتنىڭ كۈچىنىڭ قانچىلىك زور ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان «ئەۋلادى بىلەن باغلىنىشىنى ئۈزۈپ، يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاش» ناملىق تىياتېردىن كۆرۈنۈش، 2022-يىلى 4-نويابىر، لوندون.
ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان «ئەۋلادى بىلەن باغلىنىشىنى ئۈزۈپ، يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاش» ناملىق تىياتېردىن كۆرۈنۈش، 2022-يىلى 4-نويابىر، لوندون.
RFA/Erkin Tarim

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى مەزكۇر تىياتېرنى كۆرگەنلىكىنى ۋە ناھايىتى تەسىرلەنگەنلىكىنى، بۇ تىياتېردا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ناھايىتى جانلىق ئاڭلىتىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

گوللاندىيەدە تۇرۇۋاتقان قەلبىنۇر سىدىق خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، رامىندا كائۇر خانىمنىڭ مەزكۇر سەھنە ئەسىرىنى يېزىش جەريانىدا ئۆزى بىلەن كۆپ قېتىم سۆزلەشكەنلىكىنى، بۇ تىياتېرنىڭ دۇنيادا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى سەنئەت سەھنىسىگە ئېلىپ چىققان سەھنە ئەسىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

مەزكۇر سەھنە ئەسىرىنىڭ تېكىستىنى رامىندا كائۇر خانىم يازغان، شۇنداقلا سەنئەتكار كرىستىن باكون (Christine Bacon) بىلەن رول ئالغان. ئەنگىلىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس، مىللىي مۇزىكا تەتقىقاتچىسى، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى راچېل ھاررېس خانىم بىلەن د ئۇ ق لوندون ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى رەھىمە مەخمۇت خانىم سەنئەت مەسلىھەتچىلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.