لوس ئانژېلىستىكى ئوت ئاپىتىدە ئۇيغۇرلارغا زىيان-زەخمەت يەتمىدى
2025.01.10
ئامېرىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ لوس ئانژېلىس (Los Angeles) شەھىرى تەۋەسىدە 7-يانۋار باشلانغان ئوت ئاپىتى قاتتىق بوران تەسىرىدە بارغانچە كېڭىيىشكە باشلىغان. 8-يانۋار كېچىگىچە لوس ئانژېلىس شەھىرىدىكى ئوت ئاپىتى ئېغىر بولغان تۆت رايوندىن 100 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە ئۆيلىرىدىن كۆچۈرۈلگەن، 300 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ توكى توختىغان.
ن ب س (NBC) نىڭ 9-يانۋار كۈنى نەق مەيداندىن بېرىلگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنى ئوت ئاپىتى تېخىمۇ ئېغىرلاشقان. لوس ئانژېلىس ساقچى ئىدارىسىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى بىلەن 9-يانۋار كۈنى 180 مىڭغا يېقىن ئاھالە ئۆز ئۆيلىرىدىن كۆچۈرۈلۈپ، بىخەتەر رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. خەۋەردە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىنىپ «بەزى رايونلار قارىماققا ‹بومبا تاشلانغاندەك› ھالەتكە كەلگەن» دېيىلگەن.
لوس ئانژېلىس شەھىرىنىڭ كاستائىك (Castaic) رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، 17 مىليون ئاھالىسى بولغان لوس ئانژېلىس شەھىرىنىڭ تۆت رايونىدا ئېغىر ئوت ئاپىتى كۆرۈلگەن. نۆۋەتتە ئوت ئاپىتى ئەڭ ئېغىر بولغان دېڭىز بويىدىكى مالىبۇ رايونى ۋە ئېدىن رايونى قاتارلىق جايلاردا ئۆيلەرنىڭ كۆيۈپ كېتىشى ئېغىر بولغان.
ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لوس ئانژېلىس شەھىرىنىڭ ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلاردا تارقاق ھالەتتە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار 100 ئەتراپىدا بولۇپ، ئۆزئارا ئالاقىلىشىپ تۇرۇش نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرچە ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىمىغانلىقى، بىر ئائىلىلىك ئۇيغۇرنىڭ تارقاقلىشىپ ئولتۇراقلاشقانلىقى مەلۇم بولغان.
ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 7-يانۋار باشلانغان ئوت ئاپىتى كۈچلۈك شامال تەسىرىدىن ناھايىتى تېزلىكتە كېڭەيگەن بولۇپ، بەزى رايونلاردا ئوتنى ئۆچۈرۈش مۇمكىن بولمىغان. كۆپ قىسىم جايلاردا توك توختىغان بولۇپ، ئۇلار ياشاۋاتقان كاستائىك رايونىدىمۇ توك توختىغان. ئەمما ئوت كەتكەن رايون بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تاغ توسۇپ تۇرىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك شامال يۆنىلىشى قارشى تەرەپكە ئۇرغىنى ئۈچۈن بۇ رايوندا ئىس-تۈتەك ئېغىر ئەمەس ئىكەن.
لوس ئانژېلىس شەھىرىنىڭ كاستائىك رايونىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلاردىن نۇرنىسا قۇربان خانىمنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئىشلەۋاتقان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئاپەت رايونىدا بولغىنى ئۈچۈن شۇ جايلىق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشى بىلەن 8-يانۋاردىن باشلاپ مەكتەپتە دەرس توختىغان.
نۇرنىسا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرغا قەدەر ئۆزى تونۇيدىغان ئۇيغۇرلاردىن بىرەرىنىڭ ئوت ئاپىتىنىڭ زىيان-زەخمىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئاڭلىمىغان. ئەمما ئۇ مەكتىپىدىكى بىر نەپەر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆيى كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى، بىرقانچە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوت ئاپىتى سەۋەبلىك تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتى لوس ئانژېلىس شەھىرىنىڭ ھوللىۋود (Hollywood) كىنو شەھەرچىسى جايلاشقان تاغ باغرىدىكى ئورمان بىلەن زىچ قاپلانغان ساياھەت نۇقتىلىرى ۋە قىممەت باھالىق ئولتۇراق ئۆي رايونلىرىدا يۈز بەرگەن. نۇرغۇنلىغان قىممەت باھالىق ئولتۇراق ئۆيلەر، چوڭ دۇكانلار ۋە بىرقانچە مەكتەپ كۆيۈپ كەتكەن.
ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆيۈپ كەتكەن ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ كۆپ قىسمى نەچچە مىليون دوللارلىق ئۆيلەر بولۇپ، ئىقتىسادىي زىيان ئېغىر ئىكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.