قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىدا رۇس تىلىنىڭ تەسىرى يەنە قانچىلىك داۋاملىشىدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2018-07-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
چىلەك يەزىسىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى تەرغىب قىلىدىغان زىيالىيلار گۇرۇپپىسى. 2018-يىل 6-ئىيۇل، ئالمۇتا، قازاقىستان.
چىلەك يەزىسىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى تەرغىب قىلىدىغان زىيالىيلار گۇرۇپپىسى. 2018-يىل 6-ئىيۇل، ئالمۇتا، قازاقىستان.
RFA/Oyghan

بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستاندىكى مەيلى قازاق تىللىق مەكتەپلەردە بولسۇن، مەيلى ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەردە بولسۇن رۇس تىلىنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ يەنىلا ئۈستۈن ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

كۆپلىگەن ئانالىزچىلار بۇنىڭ رۇسىيەنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تەسىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە، شۇ جۈملىدىن قازاقىستانغا بىۋاسىتە كۈچ كۆرسىتىۋاتقانلىقىدىن دەپ قارىماقتا. قازاقىستان مۇستەقىللىق جاكارلاپ چارەك ئەسىردىن ئوشۇق ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن رۇس تىلىنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ كۈندىلىك ھاياتى ۋە ئاڭ-سېزىمىغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى ھېلىھەم ساقلانماقتىكەن.

بۈگۈن، يەنى ئالتىنچى ئىيۇل كۈنى بىر توپ زىيالىيلار، يۇرت-جامائەتچىلىك ۋە ياشلار ۋەكىللىرى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسى قورام يېزىسىغا بېرىپ، ئانا تىلىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىدىكى ئورنى ۋە ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە زىيارەت ئېلىپ باردى. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ تەقدىرى خېلى مۇرەككەپ ۋە جىددىي ئەھۋالدا ئىكەن.

مەزكۇر زىيارەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر مائارىپىنى قوللاش فوندىنىڭ مۇدىرى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ ئەھۋالى خېلى جىددىيلەشكەن يېزىلارنىڭ بىرى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىدىكى قورام يېزىسى بولۇپ، بۇ يەردىكى ئەھۋالنى بىلىش ئۈچۈن چېلەك ناھىيەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى، ئەمگەكچىقازاق ناھىيەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ھەم بۇ رايونلاردىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى يىغىلغان ئىكەن. ئۇلار مەزكۇر ناھىيەلەر ۋە يېزىلاردىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى شۇنداقلا ئۇيغۇر سىنىپلىرىنىڭ ئەھۋالىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئۇلارنى ساقلاپ قېلىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىشقان.

ئالىمجان ھەمرايېف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ناھىيەلەردىكى مىللىي مائارىپى ئەھۋالى ۋە ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان كەسكىن خىرىسلار ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.

ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ دېيىشىچە، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ بىلىم بېرىش سۈپىتى يۇقىرى دەرىجىدە بولسىمۇ، ئەمما بۇنى چۈشەنمەي بالىلىرىنى رۇس تىللىق مەكتەپلەرگە بېرىۋاتقان ئاتا-ئانىلار سانى داۋاملىق كۆپەيمەكتىكەن. بۇنىڭدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭمۇ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار ئىكەن. ئۇلار گەرچە ئانا تىللىق مائارىپنىڭ مۇھىملىقىنى باشقىلارغا سۆزلەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆز بالىلىرى ۋە نەۋرىلىرىگە كەلگەندە ئۇلارنى رۇس تىللىق مەكتەپلەرگە بېرىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت ئىكەن. ئالىمجان ھەمرايېف مۇنداق دېدى: «زىيالىيلىرىمىز ئۈلگە كۆرسەتمىگەنلىكتىن مۇشۇنداق ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىمىز ئەيىبلىك. مۇشۇنداقلا ماڭىدىغان بولسا، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىمىز ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ.»

قورام يېزىسىدا بولۇپ ئۆتكەن پەرزەنتلەرنى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە بېرىشنى تەرغىب قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان ژۇرنالىست، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى شەمشىدىن ئايۇپوفنىڭ پىكرىچە، ئۆزىنى ئۇيغۇر دېگەن، يەنى ئۆز ئائىلىسىنى، پەرزەنتلىرىنى ۋە نەۋرىلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا تەربىيەلىگەن ھەر قانداق ئادەم چوقۇم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىشى كېرەك ئىكەن. ئەمما بۇ خىل تەشەببۇسقا قارشى پىكىردە بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ قازاقىستاندا خېلى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ سېپى بارغانسېرى كۆپەيمەكتىكەن. ئۇ نۇرغۇن ئۇيغۇر بالىلىرى رۇس تىلىدا ئوقۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ تىلنى دېگەندەك ئۆزلەشتۈرەلمەي ئىككى ئارىدا قېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

قورام يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى مۇئەللىمى گۈلچېھرە سادىروۋا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز يۇرتداشلىرىنى ئانا تىلىنى قەدىرلەشكە، ئانا تىلىدىكى مەكتەپلەرنى ساقلاپ قېلىشقا چاقىردى. ئۇ قازاقىستان ھۆكۈمىتى يارىتىپ بېرىۋاتقان بارلىق مۇمكىنچىلىكلەردىن پايدىلىنىپ، بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ ۋە مىللەتپەرۋەر زاتلارنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت