ئۇيغۇر ئالىمە مايسەم مۇتەللىپ يېتەكچىلىكىدىكى نامايىشچىلار شەنبە كۈنى يەنە بوستون شەھىرىدىكى ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىللىرىنى سېتىش ئورۇنلىرىغا بېرىپ نامايىش قىلغان ۋە ئۇلارنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىرغان.
مايسەم مۇتەللىپ شەنبە كۈندىكى نامايىش ھەققىدە تارقاتقان تۋىتتېر ئۇچۇرىغا قارىغاندا، نامايىش بوستون شەھىرىدىكى ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىللىرىنى مەخسۇس ساتىدىغان 3 شىركەتنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان.
ئۇ، بۇ ھەقتە تارقاتقان نەق مەيدان ئۇچۇرلىرى ۋە قىسقا فىلىمگە قارىغاندا، نامايىشچىلار ۋولكسۋاگېن شىركىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە تەرەپ تۇتۇشقا، خېرىدارلارنى ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىللىرىنى ئالماسلىققا دەۋەت قىلغان.
ۋولكسۋاگېن شىركىتىنىڭ 1. 8 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر قامالغان جازا لاگېرلىرى مەۋجۇت ئۇيغۇر ئېلىدە ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى بار بولۇپ، ئۇلار ئىلگىرى مەزكۇر رايون بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە چاقىرىلغان ئىدى.
ھالبۇكى، ۋولكسۋاگېن رايوندىكى زاۋۇتلىرىنى تاقاش مەسىلىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن.
مايسەم مۇتەللىپ خانىم بوستوندىكى دۇنياغا داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت-ماسساچۇسېتس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ غول ھۈجەيرە تەتقىقاتچىسى ۋە مەشھۇر ئالىمە.
ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى، ئىنسان ھوقۇقلىرى بۇزغۇنچىلىقلىرىغا قارشى ئۈزلۈكسىزپائالىيەت قىلىپ كىشىلەرنى بۇ مەسىلىسىگە دىققەت ئاغدۇرۇشقا چاقىرىپ كېلىۋاتقان ئاۋانگارتلارنىڭ بىرى.
مايسەم مۇتەللىپ خانىم قاتارلىق بىر قىسىم نامايىشچىلار ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىمۇ بوستوندىكى ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىللىرىنى سېتىش ئورۇنلىرىغا بېرىپ نامايىش قىلغان ئىدى.